بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تور تېلېۋىزىيەسى «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقاتتى
شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى، گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، مۇئاۋىن ۋەكىللىرى، دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 120 كىشى يىغىنغا قاتناشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تور تېلېۋىزىيەسى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقاتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. لېكىن يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدەك پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، قىلچە تۆۋەن چېكى يوق، قىلچە داۋلىسى يوق، قىلچە ئاساسى يوق ھالدا شىنجاڭنىڭ «نامىغا داغ تەگكۈزدى» «خۇنۈكلەشتۈردى»، ھەتتا شىنجاڭ «ئىرقىي يوقىتىش جىنايىتى» ئۆتكۈزدى دېگەندەك ئەسىر يالغان - ياۋىداق سۆزىنى ئويدۇرۇپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى تۈپ مەقسىتى شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئىبارەت. بىز بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز!
جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت ئىتتىپاق، مۇقىم بولدى، ئىقتىساد سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. لېكىن ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر بۇنىڭغا توغرا قاراشنى خالىمىدى، ھەم توغرا قاراشنىمۇ ئويلىمىدى. ئۇلارنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ھە دەپ قوش ئۆلچەم قوللىنىشتىكى مەقسىتى شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلاش، شۇ جايدىكى كەسىپلەرگە زەربە بېرىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى قالايمىقان قىلىش ئۈچۈندۇر. جاڭ جۈن ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنى رەسمىي يوسۇندا مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: كىشىلىك ھوقۇق سىلەرنىڭ سىياسىي قورالىڭلار ئەمەس، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ھېچكىمنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشى مۇمكىن ئەمەس. شىنجاڭ مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇش سۇيىقەستىنىڭ ھەممىسى جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ!
يىغىندا، پاكىستان، رۇسىيە، ئېرىترېيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، كۇبا، ئىران، ماراكەش، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بەس - بەستە سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭدا ھەقىقىي يۈزبەرگەن بارلىق ئىشلارنى ئىگىلىدۇق، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئالقىشلايمىز. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: ھازىر، بەزى دۆلەتلەر پەيدا قىلغان، تارقاتقان يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ۋە ساختا ئۇچۇرلار ھەمدە بىر قىسىم قىلچە ئاساسسىز ئەيىبلەشلەر ئەمەلىيەتتە باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش ئۈچۈندۇر. ئۇلارنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا خىلاپ. بىز كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىمىز، جۇڭگو بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ھەرقانداق دۆلەت ۋە ئاپپاراتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق نامى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىمىز. بىز جۇڭگو شىنجاڭ قوللانغان خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى تامامەن قوللايمىز، جۇڭگوغا قارا چاپلاشقا، شىنجاڭغا قارا چاپلاشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قارشى تۇرىمىز. شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى، گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىيار شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى ۋە شىنجاڭنىڭ دىنىي سورۇنلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. يىغىندا يەنە شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار، ئاز سانلىق مىللەت ئاياللار ۋەكىللىرى، ئەسلىدىكى تەلىم - تەربىيە مەركەزلىرىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەمدە شىنجاڭدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان چەت ئەللىك دوستلار تەكلىپ قىلىنىپ، سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.
پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدا «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى مەخسۇس فىلىم، ھەمدە شىنجاڭدىكى دىننى قوغداش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەخسۇس تېمىلىق سىن قويۇلدى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرۇم ئىسمايىلقان يىغىنغا قاتناشتى ھەم يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش قاتارلىق ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.