شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش داۋامىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى بەرپا قىلىپ، روشەن سىياسىي پەزىلىتىنى تاۋلاپ چىقتى. يېقىندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى رەتلەپ چىققان 1 ـ تۈركۈمدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئۇلۇغ روھلارنى تەستىقلىدى، بۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقى پەيتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
1 ـ تۈركۈمدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئۇلۇغ روھلار: پارتىيە قۇرۇش روھى؛ جىڭگاڭشەن روھى، سوۋېت رايونى روھى، ئۇزۇن سەپەر روھى، زۇنيى يىغىنى روھى، يەنئەن روھى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى روھى، قىزىل قىيا روھى، شىبەيپو روھى، جاۋجىن روھى، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسى روھى، نەننىۋەن روھى، تەيخاڭ روھى(لۈلياڭ روھى)، دابيېشەن تېغى روھى، يىمېڭ روھى، كونا ئىنقىلابىي رايون روھى، جاڭ سىدې روھى؛ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش روھى، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، لېي فىڭ روھى، جياۋ يۈلۇ روھى، داچىڭ روھى(تۆمۈر ئادەم روھى)، قىزىل بايراق ئۆستىڭى روھى، بېيداخۇاڭ روھى، سەيخەنبا روھى، «ئىككى يول» روھى، ئىلگىرىكى شىزاڭ روھى(كۇڭ فەنسىن روھى)، شىئەنگە كۆچۈش روھى، ۋاڭ جيې روھى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش روھى، ئالاھىدە رايون روھى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش روھى، «سارس»قا تاقابىل تۇرۇش روھى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى(ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھى)، چىڭخەي ـ شىزاڭ تۆمۈريولى روھى، ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھى، «ئۈچ كالا» روھى، ئالىملار روھى، كارخانىچىلار روھى، ئاينى تەكشۈرۈش روھى، يېڭى دەۋر بېيدوۋ روھى، يىپەك يولى روھى. بۇ روھلار جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن ئۇلۇغ ئىجادچانلىق روھى، ئۇلۇغ كۈرەش روھى، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھى، ئۇلۇغ ئارزۇ روھىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ «ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دەيدىغان كۈرەش روھىنى نامايان قىلدى.
شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئۇنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە «تۆت تارىخ» تەشۋىقات تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ شەرەپلىك ئىنقىلاب ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى ئىلھام بېرىپ، رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.