تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھۈنەرۋەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دەۋر مېلودىيەسىنى پۈتەيلى

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

بىر خىل روھ بار، ئۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قېنىغا قوشۇلۇپ توختاۋسىز ئاقماقتا. قەدىمدىن ھازىرغىچە، ئۇ ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە ئىجادچانلىقىنى مۇجەسسەملەپ، پارلاق، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تارىخىنى پۈتتى، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئۇل تاش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كۈچلۈك تىرەك. بۇ دەل «پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىش، تېخىمۇ مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىق، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش»تىن ئىبارەت ھۈنەرۋەن روھىدۇر.

ھۈنەرۋەن روھى 1000 يىللاردىن بۇيان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە نامايان قىلغان خىسلىتى ۋە سېھرىي كۈچى، ئەمگەك ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى ياكى كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھۈنەرۋەن روھىنىڭ ماھىيەتلىك ئىچكى خاس مەزمۇنى. ھۈنەرۋەن روھى ئالدى بىلەن قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا شۇ كەسىپنى سۆيۈش، شۇ كەسىپكە بېرىلىشتەك ئەمگەك ـ كەسىپنى قەدىرلەش روھى، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىش ھۈنەرۋەن روھىنىڭ جانلىق نامايەندىسى.

ھۈنەرۋەن روھىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلى ئىنچىكە ھالقىلارغا ئەھمىيەت بېرىش، مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش. دۆلىتىمىزدە تارىختا ئۆتكەن ھۈنەرۋەنلەر ياسىغان نەپىس ساپال ۋە فارفۇر بۇيۇملار، قاشتاش بۇيۇملار، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمدە تۈرلۈك بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسى ھۈنەرۋەن روھىنىڭ نامايەندىسى، ئۇلار ئەمگەكچىلەرنىڭ يۈرەك قېنى، ئەقىل ـ پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، كېيىنكىلەرگە قىممەتلىك ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇردى. دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىنچىكە ھالقا ۋە ئېنىقلىق دەرىجىسى كۆپ ھاللاردا زامانىۋى ماشىنىسازلىق سانائىتى، بولۇپمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سانائەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈش دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا.

ھۈنەرۋەن روھىنىڭ يادرولۇق ئامىلى يېڭىلىق يارىتىش روھى. ھۈنەرۋەنلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئىلگىرىكى ھۈنەر ـ سەنئەتكە قارىتا مۇتەئەسسىپلىك بىلەن كونا ئەنئەنىلەرگە ئېسىلىۋېلىش بولماستىن، بەلكى ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتىنى دادىل ئىسلاھ قىلىش بولۇپ، كەسىپ ماھارىتىگە بۆسۈش خاراكتېرلىك تۆھپە قوشتى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھۈنەر بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسى رېڭى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز روشەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

تېگى ـ تەكتىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ھۈنەرۋەن روھى بىر خىل ئەدەپ ـ ئەخلاقتۇر. تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىش، ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىش ھۈنەرۋەن روھىنىڭ ئىچكى پەزىلىتىنىڭ نامايەندىسى. ھۈنەرۋەن روھىنى ھازىرلىغان چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى سۈپەت، پەزىلەتنى چىڭ ساقلاپ، بىر ئۆمۈر نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، مەھسۇلاتنىڭ ياخشى ـ يامانلىقىنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك پەزىلىتى ۋە شان ـ شۆھرىتىنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. ھەرقانداق بىر دەۋرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىدىغان، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىدىغان ئادەملەرگە موھتاج.

دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي مۇساپىسىدە، لۇ بەن، لى چۇن، لى بىڭ، شېن كوغا ئوخشاش دۇنياۋى ھۈنەرۋەنلەر، ئۇستازلار بارلىققا كەلگەن، ئۇلار تارىخ ئاسمىنىنى يورۇتتى، ھەم ھۈنەرۋەنلەرنىڭ مەنىۋى روھىنى ساقلاپ قالدى. ئۇزاققا سوزۇلغان قەدىمىي ئونمىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلى، چىن سۇلالىسى ئۇسلۇبىنى قايتا نامايان قىلغان لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللەر، ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان قالتىس كارىز... بۇ قىممەتلىك تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھۈنەرۋەن روھىنىڭ نامايەندىسى. يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان يېڭى دەۋردە، يەنە جۇڭگو «راكېتا موتورى»نى كەپشەرلىگەن تۇنجى كىشى گاۋ فېڭلىن، جۇڭگونىڭ «چوڭ ئايروپىلان ئارزۇسى»نى تىرەك قىلغان «ئاۋىياتسىيە ھۈنەرۋىنى» خۇ شۇاڭچيەنگە ئوخشاش چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى بارلىققا كەلدى... ئۇلارنىڭ جىسمىدىن، بىز ھۈنەرۋەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى كۆردۇق. ھۈنەرۋەن روھى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بوران ـ چاپقۇنغا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا نەزەر سالساق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە ھۈنەرۋەن روھىغا ئىگە ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى، ئۇلار زېرىكىشلىككە بەرداشلىق بېرىپ، ئاددىيلىققا كۆنۈپ، قەلبىگە مەسئۇلىيەتنى پۈكۈپ، ھارماي ـ تالماي ئىزدىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يولىدا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردى، ئەقىل ـ پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى. ئۇلارنىڭ جىسمىدا چاقناپ تۇرغان مەنىۋى نۇر بارغانسېرى كۆپ كىشىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە ۋە تۈرتكە بولماقتا.

دەۋر تەرەققىياتى ھۈنەرۋەن روھىغا موھتاج. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، ھەربىر ئەمگەكچىنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتقا، كەسىپكە، دۆلەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىققا ئايلاندۇرۇپ، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، كەسىپنى قەدىرلەش، كەسىپتە يېتىلىشنىڭ دەۋر مېلودىيەسىنى پۈتۈشىگە توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.