تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمى كەڭ ئېچىلدى

− 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ بىر يىللىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (3)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، دۈشەنبە. مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس، چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر كوچىسى قارادۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالىقجان ئىمىننىڭ ھويلىسىدا تەنتەنىلىك دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. «ھويلامدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىۋاتقىنىمغا 12 يىل بولدى، ئەۋلادلىرىمنىڭ بۇ ھېسسىيات، ئېتىقاد، كۈچنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى سالىقجان ئىمىن.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئۇلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، مەنىۋى كۈچنىڭ جېنى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك».

باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى

9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «دەۋر نەمۇنىچىلىرى مەكتەپكە كىرىش»نى باشلاش مۇراسىمىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 2 ـ يىللىق ئوقۇغۇچىسى يۇلتۇز ئىليار مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىۋاسىتە ئۇلاپ كۆرسىتىشى ئارقىلىق، شېنجوۋ 12 ـ نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى تاڭ خۇڭبو بىلەن سۆزلەشتى. «يىراق ئالەم بوشلۇقىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن بىۋاسىتە سۆزلەشتىم، ئەڭ چوڭ تەسىراتىم شۇ بولدىكى، ۋەتىنىمىز ئىنتايىن قۇدرەتلىك، مەن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن!» 9 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، ئەينى چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىگەندە، يۇلتۇز يەنىلا ھاياجانلاندى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى كادىرلار تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جىنەستىخان خېلىل بالىلار تەربىيەسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، ئۇ بالىلىرىنى مەخسۇس ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيغا ئاپىرىپ، «ئورتاق يۇرت ـ ماكان − جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى. كۆرگەزمە سارىيىدا 100گە يېقىن تارىخىي شەخس ۋە تارىخىي ۋەقە، 400 پارچىدىن ئارتۇق نادىر سۈرەت ۋە 100 پارچىگە يېقىن نەپىس سەنئەت ئەسىرى، قىممەتلىك سىنلىق سۈرەت، ھەيكەل بار بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ئۇزاق تارىخنى ئورتاق يېزىپ، شانلىق مەدەنىيەتنى ئورتاق يارىتىپ، ئۇلۇغ روھنى ئورتاق يېتىلدۈرگەنلىكىدەك ھەيۋەتلىك تارىخىي داستان جانلىق بايان قىلىنغان. «بۇ، بىر قېتىملىق روھىي تاۋلىنىش، بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى جىنەستىخان چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا.

مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ روھى، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرىدىكى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدە، ئوقۇغۇچىلار دەرس ئارىلىقىدىكى گىمناستىكىدا بەل دۇمبىقى چالىدۇ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا چۇنليەن يېزىش، قەغەز قىيما قىيىش، گۇجېڭ چېلىشنى ئۆگىنىدۇ... مەكتەپ مۇدىرى قۇربان نىياز جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ھەر مىللەت بالىلارنىڭ قەلبىگە چاچتى.

«بىر تامچە سۇ دېڭىزغا قۇيۇلغاندىلا، ئاندىن مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشەلەيدۇ، بىر مىللەت ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىگە سىڭگەندىلا، ئاندىن مەڭگۈلۈك تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ. مەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچىلاردىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن» دېدى قۇربان نىياز.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچى يەنىمۇ مۇجەسسەملىنىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش

بۇ يىل 5 ـ ئايدا، خوتەنلىك بېلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇلۇپ داۋالانغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە پۈتۈن مەملىكەتكە كەڭ تارقىلىپ، سانسىزلىغان كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. 1400 كىلومېتىردىن ھالقىغان، يەتتە سائەت داۋاملاشقان قۇرۇقلۇق ـ ھاۋادا كۈچ ئۇلاش، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان ئاجايىپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش− شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق، ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، تېخىمۇ مۇھىمى، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنىڭ جانلىق ئىسپاتى.

«ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان شۇنچە كۆپ ھەر مىللەت ئاكا ـ ئۇكا، ئاچا ـ سىڭىللار بالامنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن مەن ھەقىقەتەن چەكسىز مىننەتدار. ۋەتىنىمىز بەك ياخشى، بۇ يەردە ياشاش تولىمۇ بەختلىك!» دېدى بېلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنىڭ ئاپىسى ھاياجانلانغان ھالدا.

شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەربىر كىشى باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن ـ ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدىن ئېرتىش دەرياسى بويىغىچە، تۇرپان ـ قومۇل ئويمانلىقىدىن پامىر ئېگىزلىكىگىچە، ھەممە جايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى نامايان قىلماقتا.

1 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى چۈشتە، بىر بالا قەشقەر داشۆسىدىكى سۈنئىي كۆلدە كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتتى، قەشقەر داشۆدە تەربىيەلىنىۋاتقان قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ قوغدىغۇچىسى لاچىن بايەكە قىلچە ئىككىلەنمەي، پىداكارلىق بىلەن مۇز ئۈستىگە چۈشۈپ ياردەم قولىنى سۇندى، ئاخىرىدا بالا قۇتقۇزۇۋېلىندى، لېكىن ئۇ بەختكە قارشى قۇربان بولدى، بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 41 ياشقا كىرگەنىدى.

قۇتقۇزۇۋېلىنغان بالىنىڭ ئاپىسى دوختۇرخانىدىن چىقىپلا، ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئالتە سائەتتىن كۆپرەك يول يۈرۈپ، لاچىن بايەكەنىڭ ئۆيىگە كېلىپ شەپقەتچىسىگە تەزىيە بىلدۈردى. لاچىن بايەكەنىڭ دادىسى بايەكە كەلدىبېك بوش ئاۋازدا مۇنداق دېدى: «ئوغلۇم ھاياتى بىلەن سىزنىڭ بالىڭىزنى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ بالىڭىز مېنىڭ نەۋرەم بولىدۇ، سىزمۇ مېنىڭ قىزىم بولىسىز».

«قونجىراپقا قايتىپ، ئائىلىمىزنى قوغدايمەن، ۋەتىنىمىزنى قوغدايمەن!» «مەن چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، داشۆدە ئوقۇيمەن، چوڭ بولغاندا ئەسكەر بولىمەن، ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن مۇنەۋۋەر چېگرا قوغدىغۇچى بولىمەن.» 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەنىڭ بىر جۈپ ئوغۇل ـ قىزى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»كە چىقىپ، نەق مەيداندىكى ھەمدە تېلېۋىزور ئالدىدىكى كەڭ قۇرداشلىرىغا دادىسىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى ھەم دادىسىنى ئۈلگە قىلىپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن دادىسىغا ئوخشاش ئادەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. توقسۇ ناھىيەسىدىكى كالا باقمىچىلىقى چوڭ ئائىلىسى سەمەت ئەخمەت بىلەن چارۋىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى لى شياۋلىن ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ئورتاق بېيىدى؛ «90 ـ يىللاردا تۇغۇلغان» مەۋلانجان تۇرسۇن بىلەن سۇڭ كەي بىرلىكتە مەززىلىك تائاملارنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، قول تۇتۇشۇپ شىنجاڭ ھېكايىسىنى بايان قىلدى؛ ئون نەچچە مىللەتتىن تەشكىللەنگەن ئىلى ئالتە شۇئار كوچىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاككوردىيون مۇزىكا ئەترىتى ساز ئاۋازى بىلەن مىللەتلەر مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلغان مېلودىيەنى ياڭراتتى...

شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى مەڭگۈ سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل ـ قىزلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ «مەركەزداش چەمبەر»ى بارغانسېرى چوڭ سىزىلدى.

كەڭ ئالاقىلىشىش، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش

3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ، خەلق ئىرادىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ يۈرەك ساداسى ۋە ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىگە ۋەكىللىك قىلدى، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» دېگەن ئورتاق ئارزۇنى نامايان قىلدى.

«ئاچا، مەن سىزنى يوقلاپ كەلدىم. بۇ سىزگە ئالاھىدە تەييارلىغان يۆبىڭ، تېتىپ بېقىڭ.» 9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، خوتەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرى خې چيەن ئەتىگەندىلا خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسى قۇم كەنتىگە كېلىپ، تۇغقىنى سالامەت نۇرمەمەتنى يوقلىدى.

«جۇڭچيۇ بايرىمى كېلەي دەپ قالدى، سىزنى كېلىدۇ دەپ ئويلاپ، سەھەر تۇرۇپ ئۆيۈمنى يىغىشتۇرۇپ، سىز ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىلارنى تەييارلىدىم» دېدى سالامەت سەمىمىيلىك بىلەن خې چيەنگە.

بۇ يىل يىل بېشىدا، خې چيەن بىلەن سالامەت تۇغقانلاشتى، بېرىش ـ كېلىش جەريانىدا ھېسسىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. «بىز ھەر مىللەت خەلق جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى، زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قېرىنداشلىق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىمىز كېرەك» دېدى خې چيەن.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، مىليونلىغان كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن ئۆزئارا زىيارەت قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سىردىشىپ، كۆيۈنۈپ ياردەم بەردى، يۆلىدى. گۇما ناھىيەسى گۇما بازىرى ئاستاقۇش كەنتىدىكى دېھقان ئابلىكىم روزىنىڭ شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى زى گۈيشىن بىلەن تونۇشقىنىغا 12 يىل بولغان بولۇپ، ئۇرۇق ـ تۇغقانلاردىن بولۇپ قالدى؛ نىيە ناھىيەسى روكىيا يېزىسى لاۋگۇاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى زۇلەيخان روزى بىلەن قىزى تۇغقانلاشقان كادىر جياڭ شياۋخۇڭ بىلەن بولغان ئىشلار ئۈستىدە توختالغاندا، ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدۇ؛ پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ئوقۇتقۇچى ئايتۇرسۇن ئەخمەت تۇغقانلاشقان كادىر ياڭ چىتاڭنى يېقىملىق قىلىپ «ياڭ دادا» دەپ چاقىرىدۇ...

بۈگۈنكى شىنجاڭدا تەرەققىيات تومۇرى كۈچلۈك، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى گۈزەل بولۇپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈندىن ـ كۈنگە كۈچەيدى. ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش داۋامىدا كەڭ ئالاقىلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.