تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە ئائىت يېڭى بىر تۈركۈم نۇقتىلىق رەقەملىك كىتابلار توردا تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر شى جىڭنەن) كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا «يېڭى دەۋردىكى يېڭى كىلاسسىك ئەسەرلەر − شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە ئائىت نۇقتىلىق رەقەملىك كىتابلار مەخسۇس سەھىپىسى»دە بىر تۈركۈم نۇقتىلىق رەقەملىك كىتابلار يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ تورغا چىقىرىلدى.

يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ تورغا چىقىرىلغان نۇقتىلىق رەقەملىك كىتابلار جەمئىي 48 خىل بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا خەلق نەشرىياتى، مەركىزىي ھۆججەت ـ ماتېرىيال نەشرىياتى، چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى قاتارلىق 11 نەشرىيات ئورنى نەشر قىلغان، ئۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەسەرلىرى، سۆزلىرىنىڭ كىتابچىسى، ھەمدە بايانلاردىن ئۈزۈندە، ئۆگىنىش پىروگراممىسى، ئىدىيەۋى تەتقىقات، ئۆگىنىش مىساللىرى تەسىراتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تور بوشلۇقىدىكى قاپلاش دائىرىسى، تەسىر كۈچى سىجىل كېڭەيگەن. ھازىرغا قەدەر، مەخسۇس سەھىپىگە جەمئىي 220 خىل نۇقتىلىق رەقەملىك ئوقۇشلۇق كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، چېكىلىپ ئوقۇلۇش مىقدارى 300 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. بۇ قېتىم مەخسۇس سەھىپە يېڭىلىنىپ، رەقەملىك ئوقۇش يېڭى يۈزلىنىشىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، مەخسۇس سەھىپىنىڭ مەزمۇنى يەنىمۇ بېيىتىلدى، بۇ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ توردىكى ئالاقىدار ئۆگىنىش بايلىقىغا تېخىمۇ قولاي ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىپ، توردا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولىدۇ.

مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلغان 16 توردا تارقىتىش سۇپىسى: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى، شىنخۇا كىتابخانىسى تور سودا شەھەرچىسى، مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئىدىيە ـ سىياسىي خىزمەت تورى، جۇڭگو داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تورى، مىگۇ ئوقۇش، جاڭيۆ، ۋېنشۈەن تورى، QQ ئوقۇش، ۋىيشىن كىتاب ئوقۇش، جۇڭگو تىلى تورى، جۇڭتۇ يىيۆتۇڭ، بوكۇ تورى، جىڭدۇڭ كىتاب ئوقۇش، تيەنيى ئوقۇش، «ئۆگىنىش ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش» سۇپىسى، جۇڭگو ئارمىيە تورىدىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.