تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ 2 ـ تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش ـ تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركەز 16 ـ نازارەت قىلىش ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 2 ـ تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش ـ تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى. مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش ـ تەرتىپكە سېلىش بويىچە مەركەز 16 ـ نازارەت قىلىش ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى فۇ جىفاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش ـ تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ مىڭشەن ئاپتونوم رايونلۇق تەربىيەلەش ـ تەرتىپكە سېلىش ئىشخانىسىغا ۋاكالىتەن ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تىك لىنىيەلىك باشقۇرىدىغان شىنجاڭدىكى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

مەركەز 16 ـ نازارەت قىلىش ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭنىڭ 2 ـ تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش ـ تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە ـ ئۈنۈمنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، تەشكىلىي رەھبەرلىك قەتئىي كۈچلۈك بولدى، ئۆگىنىش تەربىيەسى جانلىق، تەسىرلىك بولدى، تەدبىرلەر جايىدا بولدى، يارقىن نۇقتىلار كەينى ـ كەينىدىن بارلىققا كەلدى، تەكشۈرۈش ـ تۈزىتىش كەسكىن، ئەستايىدىل بولدى، تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلار بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، خىزمەت نەتىجە ـ ئۈنۈمى سىجىل كۆرۈنەرلىك بولدى، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىدىيەۋى تونۇش، ئۆگىنىش ئۈنۈمى، يىپ ئۇچى بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئوڭشالمايۋاتقان مەسىلىلەرنى تۈزەش، قوشۇن باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان پەرقلەرنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ياخشىلاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

فۇ جىفاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي جەھەتتە سادىق بولۇشنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى تەربىيەلەش ـ تەرتىپكە سېلىشنىڭ باشتىن ـ ئاخىرىغىچە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ سىياسىي قانۇن كادىر ـ ساقچىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىدىغان، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىدىغان، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قىلىپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىدىن ئىبارەت بۇ «پىچاق دەستىسى»نىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قولىدا مەھكەم تۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، كۈچلۈك دورا بىلەن كېسەل داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نىشانلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەش ـ تەرتىپكە سېلىشتا رەسمىيەتچىلىك قىلماسلىق، يوشۇرۇن خەۋپ قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەنبەدىن تۇتۇپ ماھىيەتتىن تۈزەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئاساسىي قاتلامدا يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخ ھالىتىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ، تەربىيەلەش ـ تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «مەن ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىمەن» پائالىيىتىنى تېز قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىر ـ ساقچىلىرى «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، قانۇنغا چېتىشلىق، دەۋاغا چېتىشلىق ئەرزىيەت دېلولىرىنى مەركەزلىك باھالاش، تەكشۈرۈش، تۈگىتىشكە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تەربىيەلەش ـ تەرتىپكە سېلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ۋاڭ مىڭشەن مۇنداق بىلدۈردى: مەركەز 16 ـ نازارەت قىلىش ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى كۆرسەتكەن خىزمەتلەردىكى ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، تىزىملىك بويىچە تولۇق قوبۇل قىلىپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا يەنىمۇ كۈچەش، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىش، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تىك لىنىيەلىك باشقۇرىدىغان شىنجاڭدىكى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى مۇنداق بىلدۈردى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تىك لىنىيەلىك باشقۇرىدىغان شىنجاڭدىكى ئورۇنلار مەركەز 16 ـ نازارەت قىلىش ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يوليورۇق ـ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زەھەرنىڭ تەسىرىنى ئۈزۈل ـ كېسىل تازىلاپ، ئۆزى تەكشۈرۈش، ئۆزى تۈزىتىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جاھىل كېسەللىكنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى سادىقلىق بىلەن ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.

مەركەز 16 ـ نازارەت قىلىش ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۈ خەيبىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.