تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، يېڭى تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ.» مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسلارنى چوڭقۇر ئانالىز قىلدى، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدىكى بىر يۈرۈش مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، يېتەكچى ئىدىيە، ئىستراتېگىيەلىك نىشان، نۇقتىلىق ۋەزىپە، سىياسەت تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرە كەڭ، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيە چوڭقۇر بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە، بۇ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە، پارتىيەمىز باشتىن ـ ئاخىر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە قوللىدى. «سىياسىي لۇشيەن بېكىتىلگەندىن كېيىن كادىرلار ھەل قىلغۇچ ئامىل»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىن «بىلىمنى ھۆرمەتلەش، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەش»نى تەشەببۇس قىلىشقىچە، يەنە «ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق»نى تەكىتلەشكىچە، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلارغا تەقەززا بولغان، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان ئېسىل ئەنئەنىسى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇلدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىغا داۋاملىق ئاتلىنىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەيۋەتلىك تارىخىي مۇساپىسىدە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نادىر سەھىپىلەر يېزىپ قالدۇرۇلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈرەش تارىخى ئىختىساسلىقلارنى توپلايدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى زورايتىدىغان تارىخ. بولۇپمۇ پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىختىساسلىقلار مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك بايلىق دېگەن مۇھىم، زور ھۆكۈمنى چىقىرىپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىنى چىقىرىپ، پەزىلەتلىك ۋە تالانتلىق كىشىلەرنى جەلپ قىلىش يوللىرىنى كەڭ ئېچىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە كىرگۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى تېز زورايدى، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارى سىجىل كۈچەيدى، ئىختىساسلىقلار سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى پۇختا قەدەم بىلەن كۈچەيدى، دۆلىتىمىز كۆلىمى زور، ساپاسى ئەلا، قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشقان، رولى كۈنسېرى گەۋدىلىك بولغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا ئىگە بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتى بىر يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى.

تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش داۋامىدا ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇش، قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش داۋامىدا خىزمەتتە ۋەزىيەت يارىتىشقا ماھىر بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئەقىل ـ پاراسىتى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نېمە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى دېگەن نېمە، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتىنى قانداق قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، بىر يۈرۈش يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق مۇپەسسەل ئىخچاملىدى: بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئىككىنچى، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، ئۈچىنچى، دۇنيا پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇش، تۆتىنچى، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈش، ياخشى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش، بەشىنچى، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئالتىنچى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش، يەتتىنچى، ئىختىساسلىقلارنى تونۇيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سەككىزىنچى، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. بۇ «سەككىز تۈرلۈك چىڭ تۇرۇش»تا ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى، نىشان ـ يۆنىلىشى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، مۇھىم كاپالىتى، ئاساسىي تەلىپى، جەمئىيەت شارائىتى، مەنىۋى يېتەكچىلىكى ۋە ئىدىيە كاپالىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلىتىمىز ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بولۇپ، باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز ھەم ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلار رىقابىتى. ئىختىساسلىقلار بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ.» «بىز جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىمىزغا يېتىشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقى رىقابەت ئەۋزەللىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.» ھازىر، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، شۇنداقلا ئىختىساسلىقلارغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ تەشنا بولدۇق. پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا 2035 ـ يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرىش، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈپ، كىرگۈزۈپ، ياخشى ئىشلىتىپ، دۇنيا مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، 2035 ـ يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش، 2050 ـ يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى ياخشى سېلىش كېرەك.

جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئاچقۇچ ئادەمدە، ئاچقۇچ ئىختىساسلىقلاردا. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، يېڭى تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تونۇيدىغان ئۆتكۈر كۆز، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان سەمىمىيەت، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىدىغان جاسارەت، ئىختىساسلىقلارنى سىغدۇرىدىغان كەڭ قورساقلىق، ئىختىساسلىقلارنى توپلايدىغان ياخشى ئۇسۇل ئارقىلىق، پارتىيە ئىچى ۋە پارتىيە سىرتىدىكى، دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتىدىكى ھەرقايسى جەھەتلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈرىشىگە توپلاپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى بەس ـ بەستە قوزغىتىپ، ئەقىل ـ پاراسىتىنى تولۇق ئۇرغۇتساقلا، بىز چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى ۋە ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.