تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە رېلىس ياتقۇزۇلۇپ تۇتاشتۇرۇلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تۆمۈريول قۇرۇلۇشچىلىرى رېلىس ياتقۇزۇش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر گۇرۇپپا 500 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى رېلىسنى رېلىس شىپالى ئۈستىگە پۇختا ياتقۇزغان، بۇ، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈن لىنىيە بويىچە رېلىس ياتقۇزۇلۇپ تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن.

خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 825.476 كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇش تۈرى، 2018 - يىلى 12 - ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان. خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تۆمۈريول تورى يىرىك پىلانىدىكى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايوننىڭ مۇھىم رايون يول تورى غول لىنىيەسى بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى دۆلەتنىڭ غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇب رايونلىرى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان قولايلىق تىرانسپورت يولى.

خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى پۈتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى بىلەن بىرلىكتە تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ، بۇلتۇر شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى شەكىللەنگەندىن كېيىنكى يەنە بىر تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا مۆلچەرلىنىشىچە، 2022 - يىلى 6 - ئايدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدىكەن، شۇ چاغدا لوپ، چىرا، كېرىيە، نىيە، چەرچەندىن ئىبارەت بەش ناھىيەدە پويىز قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىدىكەن، بۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.