تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى شەھەر - بازارلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىلىدۇ

تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى

شىنجاڭدىكى شەھەر - بازارلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىلىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن سىنلىق يىغىن شەكلىدە «ئىلمىي پىلانلاپ قۇرۇلۇش قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى شەھەر - بازارلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ شەھەر - بازارلارنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان، شەھەر - يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان، ئۆزئارا سىڭىشىپ، يۇغۇرۇلىدىغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر ۋاڭ مېڭخۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىرلىكتە كېلىشىم ئىمزالىدى ھەم سۆز قىلدى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر جياڭ ۋەنرۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئارقا كۆرۈنۈشىنى تونۇشتۇردى.

ۋاڭ مېڭخۇي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە ۋەزىپە - تەلىپىنى شەرھلىدى، بۇ قېتىمقى مىنىستىرلىق - ئاپتونوم رايوننىڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت. بۇ قېتىمقى مىنىستىرلىق - ئاپتونوم رايوننىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاشنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مىنىستىرلىق - ئاپتونوم رايوننىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يىللىق پىلان تۈزۈپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغ ئىشلىتىش، نۇقتىدا سىناق قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، تەجرىبىلەرنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭ بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىقنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ شەھەر - بازارلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، شەھەر - بازارلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەردى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى، ياردەم بېرىشىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى ئۆيسىزلەرنىڭ ئۆيى بولۇش نىشانى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شەھەر - بازارلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان گۈزەل يېزا - كەنتلەر يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى، بىناكارلىق كەسپىنىڭ تىرەكلىك رولى تېخىمۇ روشەن بولدى، شەھەر - يېزىلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىندى، قوغدالدى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىشى شىنجاڭنىڭ ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ئىلمىي پىلانلاپ قۇرۇلۇش قىلىپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، خىزمەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر - بازارلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.