تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جۇلالاندى

ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەش، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجە يارىتىش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، دادىل يېڭىلىق يارىتىش، نام - مەنپەئەت قوغلاشماسلىق، ئۆزىنى بېغىشلاشقا جۈرئەت قىلىش

​ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جۇلالاندى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، شىنجاڭ قاراتۆڭگە كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى چېن كېخەي تاۋلاش، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش بىرىنچى سېپىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. «شۇ يەردە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە ئۆسكەن» تېخنىك ئىشچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ مېتال تاۋلاش بىرىنچى سېپىدە ئىشلەۋاتقىنىغا 29 يىل بولغانىدى.

شىنجاڭ تۇپرىقىدا مەيلى قۇملۇق، چۆللۈك، بىپايان دالىلاردا بولسۇن، ياكى زاۋۇت - سېخ، دەرس مۇنبەرلىرىدە بولسۇن، چېن كېخەيگە ئوخشاش نۇرغۇن ئەمگەك نەمۇنىچىسى بار بولۇپ، جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىپ بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلماقتا. 2021 - يىلى7 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا رويخەتكە ئېلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى 442 نەپەر، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى 4098 نەپەر بولۇپ، ھەرقايسى سەپلەردە قەھرىمانلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، ئىلغار نەمۇنىچىلار نۇر چاچتى. ئۇلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئەمگەكچىلەرنى يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەش، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجە يارىتىش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، دادىل يېڭىلىق يارىتىش، نام - مەنپەئەت قوغلاشماسلىق، ئۆزىنى بېغىشلاشقا جۈرئەت قىلىش»تىن ئىبارەت ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى شەرھلىدى.

ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قالتىس كىشىلىك ھايات ھېكايىسىنى يېزىش

«دادام بىر ئۆمۈر ئاپتوموبىل ھەيدىگەن، ئۇ <ئاپتوموبىل ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بولدۇم، ھەر ۋاقىت يولغا چىقسام بولىدۇ، رەھبەرلەر ماڭا ۋەزىپە تاپشۇرۇڭلار> دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى» دېدى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ۋۇشىڭ جەنۇبىي يولى بىڭتۇەن سانائەت - قاتناش - تىرانسپورت باش بېكىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە سۇ جيەنگاڭ ئەسلەپ.

سۇ جيەنگاڭنىڭ دادىسى سۇ چاڭفۇ ئىلگىرى بىر ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسى ئىدى، 1951 - يىلىدىن 1959 - يىلىغىچە، سۇ چاڭفۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن گىس 150 تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، بىخەتەر، تېجەشلىك ھالدا 500 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ئەسلىي ئاپتوموبىل موتورىنى چوڭ رېمونتقا چۈشۈرمەسلىكتەك مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان، سەككىز يىلدا 12 يىللىققا يېقىنلىشىدىغان توشۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغان. 1959 - يىلى، سۇ چاڭفۇ «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

سۇ چاڭفۇ ھەيدىگەن ئاپتوموبىل ھازىر جۇڭگو ھەربىي ئىشلار مۇزېيىدا ساقلانماقتا. 1961 - يىلى شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى داڭلىق شائىر ئەي چىڭ ئىجاد قىلغان «سۇ چاڭفۇنىڭ ھېكايىسى» ناملىق كىتابنى نەشر قىلغان، بۇ كىتاب 150 مىڭ خەتلىك بولۇپ، سۇ چاڭفۇنىڭ چوڭ ئائىلىنى دەپ كىچىك ئائىلىسىدىن ۋاز كەچكەنلىكى، خالىس ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىدەك ئىش ئىزلىرى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.

سۇ چاڭفۇ بىلەن دەۋرداش جىن ماۋفاڭ يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئەۋلاد ئايال تىراكتورچى، بوز يەر ئېچىش يىللىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئاياللارنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جىن ماۋفاڭنىڭ تىراكتور ھەيدىگەن ئوبرازى ئەسلىي تىپ سۈپىتىدە 1960 - يىلىدىكى بىر يۈەنلىك خەلق پۇلىغا بېسىلغان.

گەمىدە ياتىدىغان، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك قىس ئاشۇ يىللاردا، 19 ياشلىق جىن ماۋفاڭ بويى ئېگىز، كۈچلۈك، چەبدەس بولغاچقا، تىراكتورچىلىققا تاللىنىپ، ئۆستەڭ چېپىپ يەر ئاغدۇرغان، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە دەم ئالماي، چۆللۈكنى ئېتىزلىققا ئايلاندۇرۇشقا قەسەم قىلغان. ئۇ ئىلگىرى يەتتە يىلدا 20 يىللىق ۋەزىپىنى ئورۇنداشتەك رېكورتنى يارىتىپ، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالىنىپ، جوۋ ئېنلەي زۇڭلىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن.

شىنجاڭدىكى تۇنجى زامانىۋىلاشقان ئوتتۇرا تىپتىكى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان دۇ يىنۋا، 25 يىلنى خۇددى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئاممىغا سۈت يەتكۈزۈش يولىدا چېپىپ يۈرگەن ئەن چىڭمىڭ، «قاراماي نېفىتلىكىدىكى تۆمۈر ئادەم» دەپ نام ئالغان قېيۇم مەتنىياز... تۈركۈم - تۈركۈم، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى بەس - بەستە مەيدانغا كەلدى، ئۇلار ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە كۈرەش قىلىۋاتقان ئەمگەكچى ئامما ئارىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قالتىس كىشىلىك ھايات ھېكايىسىنى يېزىپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيەت روھى، ئۇلۇغ كۈرەش روھى، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھى، ئۇلۇغ ئارزۇ روھىنى شەرھلىدى.

ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا ئەمگەك قىممىتىنى پۈتۈش

سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، يېڭى دەۋر كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئەمگەكچىلەر ئارىسىدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلدى ۋە ۋارىسلىق قىلىندى.

غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار بازىرى بۇلۇكەي كەنتىدە، ما يۈلىن ئائىلىسىنىڭ توخۇ فېرمىسى كەنتتە ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنى قوبۇل قىلىدىغان چوڭ ئائىلىگە ئايلاندى. ما يۈلىن مۇنداق دېدى: «ئەڭ دەسلەپتە توخۇ فېرمىسىنى كېڭەيتمەكچى بولغاندا، تېخنىكا يوق، مەبلەغمۇ كەمچىل ئىدى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى مەمەتجان ئۆمەر بۇنى بىلگەندىن كېيىن مېنى زامانىۋى توخۇ فېرمىسىغا ئۆگىنىشكە ئاپاردى يەنە مەيدان ۋە سۇ ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بەردى».

«بىرمۇ ئادەمنى نامرات قويماسلىق، بىرمۇ ئادەمنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق» مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى مەمەتجان ئۆمەرنىڭ دەسلەپتە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندا بەرگەن ۋەدىسى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ بارلىق ئاماللار بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۇرمۇشنى ياخشىلىدى، كۆپچىلىكنى بېيىش يولىغا يېتەكلەيدىغان يول بولسىلا، ئۇ كۈچ سەرپ قىلىپ سىناپ باقتى.

ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇلۇكەي كەنتى كوللېكتىپ يەرنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش، مەبلەغ سېلىپ دۇكان سېلىش، تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ خىش زاۋۇتى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، يىراق - يېقىنغا داڭلىق باي كەنتكە ئايلاندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسى كۈنسېرى ئاشتى.

ئاق تام، كۈل رەڭ كاھىش، قىزىل سىرلانغان دەرۋازا، چوڭ قىزىل پانۇس... ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرىدىكى چوڭ كوچىدا ماڭغاندا، قۇربان نىياز تەسىس قىلغان جۇڭخۇا مەدەنىيەت ھويلىسى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ. مەدەنىيەت ھويلىسىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا قۇربان نىياز يىغقان بارلىق پۇلىنى ئىشلىتىپ قۇرغان ئىماملىرىم بازىرىدىكى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى بار.

18 يىلدىن بۇيان، قۇربان نىياز ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بالىلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزدى. 2020 - يىلى، ئۇ «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

«مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى يېنىمىزدىلا، ئۇ بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز. بىز كۈندىلىك ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئارقىلىق، بالىلارغا ئەمگەكنى بىلدۈرۈپ، ئەمگەكنى سۆيدۈرۈپ، ئۇلارنى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىغا ۋارىسلىق قىلدۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى بۇ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى لى يۇڭخۇڭ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتىنىڭ شوپۇرى گۇ شياڭفېڭ، تۇرپان شەھەرلىك چېڭشىن كۆكتات ئۆستۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى لو شىن، قەشقەر ئاۋدوۋ شېكەرچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئامبار باشقۇرغۇچىسى ئايشەمگۈل ۋاسىل... ئۇلار ئاددىي ئەمگەكچىلەر، يېڭى دەۋرنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، تېخىمۇ مۇھىمى بىر بايراق، دەۋر يېڭى ئىستىلىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەنىۋى ئېگىزلىك.

ئەمەلىيەت داۋامىدا ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى ھېس قىلىپ، جاپالىق ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى شەرھلەش كېرەك. شىنجاڭ تۇپرىقىدا كىشىلەر ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى ئۆرنەك قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، ھەربىر كىچىك ئىشنى ياخشى قىلىش، ھەربىر ۋەزىپىنى ئورۇنداش، ھەربىر ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش داۋامىدا ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەكنىڭ قىممىتى ۋە شان - شەرىپىنى پۈتتى.

يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىش

كۈرەش قىلىش ئارزۇنى روياپقا چىقىرىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىدىغان ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان يېتىلدۈرگۈچ، ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 555 ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ھۈنەرۋەن ئىختىساسلىقلار يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسىغا نام بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئونىغا مەملىكەتلىك ئۈلگىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ھۈنەرۋەن ئىختىساسلىقلار يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى دەپ نام بېرىلدى.

«ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسىنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئۆگىنىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش قاتارلىق يوللاردىن تولۇق پايدىلىنىش تېخنىكىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئۈلگە كۈچى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئەخلاقلىق كىشىلەرنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇلاردىن ئۆگىنىش، ئەمگەك قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرغىلى بولىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى جۇ لىلى.

بىپايان چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدە، نېفىتچىلارنىڭ قىزغۇچ سېرىق فورمىسى قاقاس چۆل - باياۋانغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. 9 -ئاينىڭ 8 - كۈنى، ماخۇ نېفىتلىكىدە، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋىنى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى تەن ۋېنبو نەق مەيداندا سانلىق مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلىۋاتاتتى.

ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، تەن ۋېنبو خىزمەت ئىشخانىسىدىكى ئەزالارنى باشلاپ، نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈشتە بېسىملىق مەشغۇلات قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، «ئەگەر بۇ پەن تەتقىقات تۈرىدە ئۇتۇق قازىنىلسا، كەسىپتىكى چوڭ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەسۋابىنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق» دېدى تەن ۋېنبو.

2011 - يىلى، جۇڭگو نېفىتلىكى غەربىي قىسىم بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ نېفىت سىناش شىركىتىدە تەن ۋېنبو خىزمەت ئىشخانىسى قۇرۇلدى. خىزمەت ئىشخانىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، 11 تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يېڭى تىپتىكى پاتېنتقا، بەش تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشتى. بۇ خىزمەت ئىشخانىسى ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر سۇيۇقلۇق بېسىملىق كۆۋرۈك پۇرۇپكىسى ھىملەش ئەسۋابى 2014 - يىلى 5 - ئايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتتى، مۇتەخەسسىسلەر «بۇ، دۇنيادىكى تۇنجى ئىجادىيەت، نېفىت كەسپىدىكى يەر قاتلىمىنى ھىملەش ھۈنەر - سەنئىتىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم، زور تېخنىكا ئىسلاھاتى» دېدى. 2019 - يىلى 12 - ئايغىچە، بۇ تۈرلۈك كەشپىيات 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەھسۇلات قىممىتى ياراتتى، ھەر يىلى تۈرلۈك تەننەرخ خىراجىتىدىن 3 مىليون 89 مىڭ 200 يۈەن تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

2019 - يىلى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئىلى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ تيەن خۇەن يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت ئىشخانىسىغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ھۈنەرۋەن ئىختىساسلىقلار يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت ئىشخانىسى دەپ نام بېرىلدى. تيەن خۇەن خىزمەت ئىشخانىسىدىكى ئەزالارنى باشلاپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىككى تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنتى، بەش تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يېڭى تىپتىكى پاتېنتنى ئىلتىماس قىلدى، تۈرلۈك باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرىدىن سەككىزنى يۇقىرىغا يوللىدى.

«ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى سىياسىتىنى پائال مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ھۆرمەت قىلىدىغان، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا كۆيۈنىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىدۇ» دېدى جۇ لىلى.

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەمگەكچىلەر ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ئۇلۇغلاپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن بولماقتا، «ئەمگەك شەرەپلىك، ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ» پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇشقۇن ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.