تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆرسىتىلگەن يۆنىلىشنى بويلاپ مېڭىش كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم يارىتىش

​− ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ نەزەرىدىكى بۇ بىر يىل (2)

□ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

9-ئايدىكى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرى بەخت ھىدىغا تولدى.

بۇ بەخت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن كەلگەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەمەلىيلىشىپ، يىلتىز تارتقانلىقىدىن كەلگەن.

3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، تىيانشان ئوغۇل-قىزلىرىنى تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى، رىغبەتلەندۈردى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە باشتىن-ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش   ئىناق يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرۇش

دۆۋىلەپ قويۇلغان نەرسىلەرنى يۆتكىۋېتىش، ئەخلەتلەرنى تازىلاش... يېقىندا، جىڭ ناھىيەسىنىڭ جىڭ بازىرى فۇشىن مەھەللىسى تەۋەلىكتىكى پىدائىيلارنى تەشكىللەپ ئولتۇراق رايوندا مۇھىت تازىلىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر بۇ تەۋەلىكتە دائىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. «كۆپچىلىكنىڭ قەلبى بىردەك، ئاھالىلەر بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە ئىنتايىن ماسلىشىدۇ.» مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى زۇڭ يەنلى مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ھەممىسى بىز شەكىللەندۈرگەن ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنىڭ پايدىسىدىن بولدى».

جەمئىيەت ئىدارە قىلىش دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەرىپى، ياخشى بولغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. «بىر يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ مەھەللە پارتىيە ياچېيكىمىز <ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، ئاقىللاشتۇرۇپ ئىدارە قىلىش، خەلققە قولايلىقلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىش> خىزمەت پىكىر يولى بويىچە، ئاھالىلەرنى تېخىمۇ ئەلا، قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.» زۇڭ يەنلى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن مەھەللىمىز «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ.

«ئەتىيازدا، ئۇ بىزگە ھەمراھ بولۇپ كۆكتات تېرىپ، ئۈزۈم بارىڭى ياساپ، ھويلىلارنى يىغىشتۇرىدۇ؛ يازدا، بىز بىلەن بىللە ئېتىزغا بېرىپ ئوت ئوتاپ، زىرائەتلەرنى يىغىدۇ؛ كۈزدە، بىز بىلەن بىللە كۆممىقوناق ئۈزىدۇ، ياڭاق ئۈزىدۇ.» نىيە ناھىيەسىنىڭ روكىيا يېزىسى لاۋگۇاڭ كەنتىدىكى 15 ياشلىق ئايمىرە روزى قوشماقلاشقان تۇغقىنى جياڭ شياۋخۇڭنى ئائىلە ئەزاسىدەك كۆرىدۇ، «بىز ئۆمۈرلۈك ئانا-بالا، ئۆمۈرلۈك ئۇرۇق-تۇغقان بولۇشقا پۈتۈشتۇق، مەن تىرىشىپ ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر ئادەم بولىمەن».

بىر يىلدىن بۇيان، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى، كۆپچىلىك كەڭ ئالاقىلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزدى.

غەيرىتى تولۇپ تېشىش   بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش

تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ دۆلەت مۈلكىگە مەبلەغ سېلىش-تىجارەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بۇرچى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش نۇقتىلىرى ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باشقا چەت، يىراق رايونلارغا ياردەملىشىپ ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خاس كەسىپلەرنى بەرپا قىلدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

«شىركەتتە بۈگۈنكى كۈندە <يېڭى تىپتىكى ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى>نى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئېنېرگىيە، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى ئىككى قانات قىلغان <بىر گەۋدە، ئىككى قانات> مۇقىم بولغان، ئەلالاشتۇرۇلغان كەسىپ قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرمىسى شەكىللەندى.» شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ لىدې مۇنداق دېدى: بىز باشتىن-ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىمىز.

بۇ بىرنەچچە كۈندە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى ئارال كەنتىدىكى باقمىچىلىق ئائىلىسى روزى مامۇتنىڭ كالا قوتىنىدا يەنە بىر موزاي كۆپەيدى، بۇ، بۇ يىل ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ باقمىچىلىق كىرىمىنىڭ يەنە 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كۆپىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. «باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا، مەن قوتان سېلىش، سۈپەتلىك نەسىلنى كۆپەيتىش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە يولۇقتۇم، ھۆكۈمەت ماڭا ياردەملىشىپ ئامال ئويلىشىپ بەردى ھەم ھەل قىلىپ بەردى، مەن ياخشى ئىشلىسەملا، چوقۇم كىرىمىمنى ئاشۇرالايمەن.» روزى مامۇتنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى، كەلگۈسى تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدى.

قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش   بەختنى چىڭ تۇتۇش

ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش ياشانغانلارنىڭ بەخت ئاساسىي رېڭى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ياشانغانلار ساغلاملىقى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى خۇ شياۋچىن مۇنداق دېدى: «بىر يىلدىن بۇيان، بىز بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى تۇتتۇق، بىر قولدا ياشانغانلار ساغلاملىقى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تۇتتۇق. ياشانغانلار دوستانە داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشى، ياشانغانلار تېببىي ئىختىساسلىقلىرى ۋە داۋالاش-كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ياشانغانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق».

بۇ يىل، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە يېزىسى ئاياغ لەڭگەر كەنتىدىكى 2100 مو شىنمېي تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلىگە كىردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىن بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى لى فاخې «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنى يېتەكلەپ، كەنتتە شىنمېينى مەركەزلىك يىغىپ سېتىۋېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنى 5000 يۈەندىن ئارتۇق كۆپەيتتى.

«3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، بىز شىنمېي كەسپىنى چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قىسىم خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.» لى فاخې مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز، قىيىن مەسىلە بولسا پارتىيە ئەزالىرى ھەل قىلىدۇ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە پارتىيە ئەزالىرى ئالدىن ئاتلىنىدۇ. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىش قىلىش غەيرىتى تېخىمۇ تولۇپ تاشىدۇ، كېلەر يىللىق كىرىمى يەنە بىر بالداق ئۆرلەيدۇ.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار سۇڭ ياۋېن، پەرىزات ئابدۇل، شى شىن، سۇ لۇپىڭ، جاڭ يەنفاڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.