□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
ماھارەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالتۇن كۈز پەسلىدە، مەملىكەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا داغدۇغىلىق باشلاندى، بۇ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن كەلگەن جەمئىي 29 ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 617 ماھىر 11 تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
مول ھوسۇل تەبرىكلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىۋاتقان مۇشۇ مۇنبەت تۇپراقتا مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىدىن بىز يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى كۆردۇق، ئۈمىدكە تولغان دالىدىكى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى كۆردۇق.
مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە جەزمەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن-تېخنىكىدا، ئىختىساسلىقلاردا. مەملىكەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى كەڭ ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى نامايان قىلىدىغان، ماھارەت جەھەتتە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان كەڭ سۇپا بىلەن تەمىنلىدى، تېخىمۇ مۇھىمى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى توپلايدىغان، قوشۇن قۇرىدىغان مۇھىم پۇرسەتكە ئىگە قىلدى.
چېۋەر، يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە بولغان مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ مۇسابىقە جەريانىدا نامايان قىلغان يۇقىرى ماھارىتى ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ كۈنلەپ ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىشى، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە قەتئىي تىز پۈكمەسلىكى، تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشنى قوغلىشىشتەك قەتئىي ئىنتىلىشى بار. ئۇلارنىڭ جىسمىدا نامايان بولغىنى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھى بولۇپ، بۇ دەل يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتا زۆرۈر بولغان مۇستەھكەم تىكلىنىدىغان دەۋر روھى بايرىقىدۇر.
مۇسابىقە كەڭ يېزا-كەنتلەرگە يۈزلەنگەن، مۇسابىقىگە قاتناشقانلار يېزا ئىگىلىك ئائىلىسى، بولۇپمۇ ھەرقايسى جايلاردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر (كۆزىتىپ ئۆلچەش، ياردەم بېرىش-يۆلەش ئوبيېكتى ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىكىلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېكايىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى ئەڭ جانلىق نەتىجە كارتىنىسى، ئۇلارنىڭ ماھارىتىگە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇرتنى قۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، مۇسابىقىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىدا نامايان قىلىش ۋە تاللاش ئارقىلىق، كەڭ دالىلاردىكى يۇرتداشلارغا ئۆز يېنىدىكى ئەڭ ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان ئۈلگىلەرنى تىكلەپ بەردى. ئۇلارنىڭ تىرىشىپ جان تىكىپ ئېلىشىۋاتقان سىيماسى ئېنىقكى تېخىمۇ كۆپ يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلەش، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى شەرەپ بىلىش ئىدىيەۋى قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ۋە قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەشكە يېتەكلەيدۇ.
تۆھپىنى ئىختىساسلىقلار يارىتىدۇ، كەسىپنى ئىختىساسلىقلار كېڭەيتىدۇ. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ. ۋەزىپە جاپالىق ۋە مۈشكۈل، شۇڭا بىر قېلىپقا ئېسىلىۋېلىپ ئىختىساسلىقلارنى ئازايتماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى يېزا-كەنتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى كېڭەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، دۇچ كېلىدىغان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئارقا-ئارقىدىن كۆپلەپ كۆرۈلۈپ، يېڭى ئىختىساسلىقلار، يېڭى تېخنىكىغا بولغان ئېھتىياج ئۆزگىرىشى تېزلەشتى، پەقەت ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرگەن، تالانت ئىگىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلغان، ئىختىساسلىقلارنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىشلەتكەندىلا، ئاندىن يېزا-كەنتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ بىزدىن يېزا-كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت سۈپىتىدە ياخشى تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يەرلىك يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەردە ھازىر بار بولغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇشنى؛ ئۇۋا ياساپ سۇمۇرغ جەلپ قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىشىغا ئىلھام بېرىش، مەدەت بېرىش، يېتەكلەشنى؛ يېزىلارغا يۈزلەنگەن كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي قاتلام جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى؛ تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، دېھقانلارنى كەسپىي ماھارەتنى باھالاش، كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش، كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش قاتارلىق كۆپ خىل ماھارەت باھالىشىغا قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، «مۇسابىقىنى باھالاشنىڭ ئورنىغا قويۇش» «تۈرنى باھالاشنىڭ ئورنىغا قويۇش»تىن ئىبارەت يولغا قويۇشقا بولىدىغان يول ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك سۇپا قۇرۇش ئارقىلىق، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى ۋە قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پۇرسەت، شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرىدىغان يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار چوڭ قوشۇنىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
يېڭى دەۋردە يېزىلار ئۈمىدكە تولغان دالا، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كەڭ سەھنە. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى ئەمگەكچىلەرنىڭ جاپالىق قان-تەرى بىلەن تىرىشىپ سىزىپ چىقىشىغا توغرا كېلىدۇ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش ئەمگەكچىلەرنى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنى ماھارەت ئۆگىنىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، ماھارەت ئۆگىنىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا چاقىرماقتا، بىز ئۈمىدكە تولغان دالىلارغا ئاتلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاپالىق قان-تەر ئاققۇزۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.