تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەتلىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى باشلاندى

​شۆھرەت زاكىر مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە «ماھارەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن كەلگەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 29 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى جەمئىي617 ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقىدە كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن، مۇسابىقە ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇسابىقە ئارقىلىق مەشىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 10 مىڭغا يېقىن ماھىرنىڭ تاللاپ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشكە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر تاڭ تاۋ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەملىكەتلىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىنىڭ ماھارەت ئۆگىنىشى، ماھارەت ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە يېزا - كەنت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان.

9 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، ماھىرلار تام قوپۇرۇش ئىشچىسى، ئاپتوموبىل رېمونتچىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى رېمونتچىسى، توكچى، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ئۇستىسى، ياشانغانلارنى كۈتۈش پەرۋىشكارى، بوۋاق باققۇچى، غەربچە پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇش ئۇستىسى، تاماقخانا مۇلازىمەتچىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئۇستىسى، جۇڭگوچە قورۇما قورۇش ئۇستىسى (قوي گۆشىنى قاقلاپ پىشۇرۇش)تىن ئىبارەت 11 مۇسابىقە تۈرىدە مۇسابىقىلىشىدۇ. ھەرقايسى مۇسابىقە تۈرلىرىدە بىردەك ئىشچى - خىزمەتچىلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنغان، ھەربىر تۈردە ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدال، مىس مېدال ۋە غەلىبە قىلىش مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان ھەم گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇنلار ۋە مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچى ئورۇنلار مۇكاپاتلىنىدۇ. ئىشچى - خىزمەتچىلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئالدىنقى 3 - لىككە ئېرىشكەن ماھىرلارغا «مەملىكەتلىك تېخنىكا ماھىرى» دېگەن نام بېرىلىدۇ.

مۇسابىقە مەزگىلىدە يەنە «ماھارەت جۇڭگو سەپىرى 2021 − شىنجاڭغا كىرىش» ماھارەت كۆرسىتىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، 46 - نۆۋەتلىك دۇنيا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنىڭ باش تېمىسىنى كېڭەيتىش، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، ماھارەت ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش بويىچە ئىلغار ئىش ئىزلاردىن دوكلات بېرىش يىغىنى، كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە كەسىپلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.