تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇقرا تەشۋىقاتچىنىڭ «قىزىل خاتىرە»سى

8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مايمۇنىخان توختى قوشنىسىنىڭ نەۋرە قىزىغا «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سۆزلەپ بەرمەكتە. □ فەن شىچاڭ فوتوسى

8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مايمۇنىخان توختى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ئۆگىنىش قىلماقتا. □ فەن شىچاڭ فوتوسى

□ دۇ جيەنخۇي، شېن دەنخۇڭ

«بىز ھەممىمىز مايمۇنىخاننىڭ پارتىيە تارىخىنى سۆزلەپ بېرىشىنى ياخشى كۆرىمىز، ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار. ئۇ ھامان بىر ئاددىي ئىشتىن بىر چوڭ داۋلىنى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ» دېدى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چەرچەن ناھىيەسى توغراقلىق يېزىسى لەڭگەر كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى، ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇنەۋۋەر توختى.

مۇنەۋۋەر ئېيتقان مايمۇنىخان لەڭگەر كەنتىدىكى 73 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى مايمۇنىخان توختى ئىدى. مايمۇنىخان 1970 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ باشتىن - ئاخىر ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خاتىرە دەپتىرىگە قالدۇرغان قەسىمىنى ئۇنتۇپ قالماي، ئۈن - تىنسىز ھالدا كەنتتە ئۆزىنىڭ كۈچىنى تەقدىم قىلىپ كەلدى. بۇ يىل 5 - ئايدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىزىل تەشۋىقاتچى بولغاندىن كېيىن، مايمۇنىخان ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

توختىماي خاتىرە يېزىش مايمۇنىخاننىڭ ئادىتى ئىدى. 1965 - يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، ئۇ 31 خاتىرىنى تولدۇرۇپ بولدى، خەت سانى 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. مايمۇنىخاننىڭ ئاشۇ سارغىيىپ كەتكەن خاتىرە دەپتەرلىرىدە، ئۇنىڭ لەڭگەر كەنتىدە خىزمەت قىلغان ھەر خىل ئەسلىمىلىرى بار ئىدى: ئۇنىڭ پارتىيەگە كىرگەن چاغدىكى ھاياجېنى بار؛ ئۇنىڭ بېيجىڭ تيەنئەنمېنغا بارغاندىكى خۇشاللىقى بار؛ لەڭگەر كەنتىدىكى ئاممىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى بار؛ لەڭگەر كەنتىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بار... 70 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن مايمۇنىخان يەنىلا خاتىرە يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

«مەن ھەر كۈنى تېلېۋىزوردىكى خەۋەرلەرنى كۆرىمەن، گېزىت ئوقۇيمەن، قەلبىمدىكى تەسىراتلىرىمنى خاتىرەمگە يازىمەن، يەنە ئەتراپىمدىكى ئاممىغا سۆزلەپ بېرىمەن.» ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قېرىپ قالدى دەپ قالماڭلار، مەن سۆزگە ماھىر. مەن كەچۈرمىشىمنى ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارغا بەختلىك تۇرمۇشنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە قەدىرلەشنى بىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىمەن».

«مەن پارتىيە تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىمەن، پارتىيە تارىخىنى ئەسلەيمەن. تارىخنى ئۇنتۇماي، تارىخنى ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شانلىق كۈرەش مۇساپىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭغىلى بولىدۇ» مايمۇنىخان خاتىرىسىگە شۇنداق يازغانىدى.

پېنسىيەگە چىققىلى كۆپ يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما مايمۇنىخان كەنتتىكى پارتىيە تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ياش پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئۆزىنىڭ پارتىيەگە بولغان تونۇشىنى ئورتاقلىشىپ كەلدى. ئۇنىڭغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە دېھقان - چارۋىچى مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» «ئاپتونوم ئوبلاست بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» قاتارلىق تۈرلۈك شەرەپلىك ناملار بېرىلدى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مايمۇنىخان كەنتتىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە تارىخى توغرىسىدا ئون نەچچە مەيدان قېتىم لېكسىيە سۆزلەپ بەردى، ئاڭلىغۇچى ئامما 1000دىن ئارتۇق ئادەم قېتىم بولدى.

«مايمۇنىخان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قىزىل روھقا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۈلگىنىڭ كۈچى ئارقىلىق ياشلارنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى» دېدى توغراقلىق يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ دۇڭخۇي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.