تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مول ھوسۇل شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى بىرلىكتە ئىپادىلەش

سۈرەتتە: كومبايىنلار شىخو شەھىرى كۇرتۇ بازىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي بازىسىدا بۇغداي ئورۇماقتا. (7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان) □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

يەنە بىر كۈز كەلدى، يەنە بىر مول ھوسۇل بايرىمى بولدى. «ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق» كۈز مەنزىرىسىگە تويۇنغان پەيتتىكى مول ھوسۇلنى كۈتۈۋېلىش، مول ھوسۇلنى نامايان قىلىش، مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، مول ھوسۇلدىن بەھرىلىنىش كارتىنىلىرى شىنجاڭدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك ۋە جۇلالىق، قەلبلەرنى ئەڭ روھلاندۇرىدىغان يۆگىمە رەسىمگە ئايلاندى.

شەرقىي تىيانشان ئېتىكىدىكى بىنەم يەر بۇغدىيىنى ئورۇش باشلانغاندىن تارتىپ، يەكەن دەرياسى بويىدىكى سەبدەرگۈل ئۈزۈش - يىغىۋېلىشقىچە؛ ئالتاي تېغىدىكى نەچچە يۈز مىڭ تۇياق (باش) قوي، كالىنىڭ «كۆچۈش خەرىتىسى»دىن تارتىپ، تۇرپان بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدىكى «ئۈزۈم زىياپىتى»گىچە، قاراقۇرۇم تېغى ئېتىكىدە باغلاردىكى مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارالغاندىن تارتىپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى 10 مىڭ گېكتار كېۋەزنىڭ غوزىسى ئېچىلغۇچە... شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى، مەركەزنىڭ 3 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان بىر يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرنى خۇشاللىق بىلەن كۆردى، شۇنداقلا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە كۈرەش قىلىش جەريانىدا 4 - قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» نى كۈتۈۋالدى.

«مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» بۇ يىللىق مول ھوسۇل بايرىمىنىڭ باش تېمىسى. بۇ ئالتۇن رەڭلىك مول ھوسۇلنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ھەربىر ئەمگەكچى نۇرغۇن جاپالىق تەر ئاققۇزدى، شۇنداقلا ناھايىتى كۆپ مىننەتدارلىق سۆزلىرىنى ئېيتماقچى بولدى.

سىياسەت كۈچى ئارقىلىق مول ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىش

«نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، دېھقانلار ئەڭ جاپا تارتتى. بىز ھەممىمىز يەرگە تايىنىپ، ئاسمانغا بېقىنىپ ياشاشنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان، ئەمما ھازىر بىز ئۇنچىۋالا جاپا چەكمىسەكمۇ، ئۇنچە كۆپ خەۋپ - خەتەرنى زىممىمىزگە ئالمىساقمۇ بولىدىغان بولدى، كىرىمىمىز ئىلگىرىكىدىن خېلى كۆپ ئاشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىياسەتنىڭ كۈچىدىن كەلدى، سىياسەتنىڭ پايدىسىدىن بولدى!» دېدى ئونسۇ ناھىيەسى شىنچۈن يېزا ئىگىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى خۇاڭ چۈنتاڭ 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كوپىراتىپ ئەزالىرىنى باشلاپ ئۆز جايىدىكى بىر پارتىيە تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ.

2019 - يىلىدىن باشلاپ، ئونسۇ ناھىيەسى شىنچۈن يېزا ئىگىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى جەمئىي 5800 مو كېۋەزلىكنى ئوبوروت قىلىپ، ئىككى يېزا - بازارنىڭ ئۈچ كەنتىدىكى 100دىن ئارتۇق پاختىكارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ھەر يىلى تېرىغاندىن تارتىپ ھوسۇل ئالغۇچە، خۇاڭ چۈنتاڭ ۋە پاختىكارلارنىڭ يۈرىكى ھاۋارايى سەۋەبىدىن بىر نەچچە قېتىم «جىغىلداپ» كېتىدۇ. بۇ يىلنى مىسالغا ئالساق، 4 - ئاينىڭ باشلىرىدا تېرىلغاندىن كېيىن ئۈششۈك ئاپىتىگە ئۇچرىدى، 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا يەنە مۆلدۈر يېغىپ، 2000 مودىن ئارتۇق يەر ئاپەتكە ئۇچراپ مەھسۇلات كېمىيىپ كەتتى، لېكىن زىيان ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلدى، سۇغۇرتا شىركىتى ۋاقتىدا تۆلەم بەردى، تېرىش، پەرۋىش ئىشلىرى تېز سۈرئەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلقى ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇل بۇلتۇرقىدىن 20 نەچچە كىلوگىرام يۇقىرى بولىدىكەن.

سىياسەت قەيەرگىچە ئۇزارتىلسا، مول ھوسۇل شادلىقى شۇ يەرگىچە تارقىتىلدى.

9 - ئاينىڭ باشلىرىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىغا جايلاشقان كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ تېمېك يېزىسىدا، ئون چوڭ تىپتىكى كومبايىن بىرلا ۋاقىتتا مەشغۇلات قىلىپ، قايسى يەردىكى بۇغداي پىشقان بولسا، شۇ يەرنىڭ بۇغدىيىنى ئورۇۋاتاتتى. ئېتىزدىكى پىشىپ ئېگىلىپ كەتكەن بۇغداي باشاقلىرىنىڭ بىردەمدىلا ساپ سېرىق بۇغداي دانلىرىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، تېمېك يېزىسىنىڭ خەيزىكۇ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ماخات ماخاپتا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «چېگرادىكى تاغلىق رايوندىمۇ مول ھوسۇلنىڭ تەمىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، بۇ، ئاشلىق بىۋاسىتە تولۇقلىمىسى، ئەلا سورت تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئۇنىۋېرسال تولۇقلىمىسى قاتارلىق تۈرلۈك دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، كادىرلار ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ ئىشىكىمىز ئالدىغا كېلىپ مۇلازىمەت قىلىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ».

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى ئارال كەنتىدىكى باقمىچى روزى مامۇتنىڭ كالا قوتىنىدا يەنە بىر موزاي كۆپەيدى، بۇ، ئۇنىڭ بۇ يىللىق باقمىچىلىق كىرىمىنىڭ يەنە 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. باقمىچىلىق ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ سىرى تىلغا ئېلىنغاندا، روزى توختى قولىنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ مۇنداق دېدى: «نەدىمۇ سىر بولسۇن، مەن بۇ ئىككى يىلدا باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردۇم، دۇچ كەلگەن قوتان قۇرۇلۇشى، ئەلا نەسىلنى كۆپەيتىش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى يەم - خەشەك توشۇش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھۆكۈمەت ئويلىشىپ قويۇپتىكەن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت» ى ماڭا ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بەردى، پەقەت ياخشى ئىشلىسەملا، كىرىمىمنى جەزمەن ئاشۇرالايمەن».

پەن - تېخنىكا كۈچى ئارقىلىق مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

ئوخشاشلا بىر مو يەردىكى شىنمېيلىق، 2018 - يىلى مو بېشى ھوسۇلى 120 كىلوگىرام ئىدى، بۇ يىل مو بېشى ھوسۇلى 480 كىلوگىرامغا يەتتى. پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسى ئاياغ لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇرات يۈسۈپ ئۈچ يىل ئىلگىرىكى ھوسۇل مىقدارىدىن تۆت ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، مول ھوسۇلدىن پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدى.

«ئىلگىرى، مېۋىلىك دەرەخلەرنى بولۇشىغىلا پەرۋىش قىلىپ قوياتتىم، يەنى باشقىلار قانداق قىلسا، مەنمۇ دوراپ شۇنداق قىلاتتىم. بۇ يىل قانداق قىلغان بولسام، كېلەر يىلىمۇ شۇنداق قىلاتتىم. 2019 - يىلى، كەنتتە باغ ئورمان كەسپىي تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلدى، بىرقىسىم ياشلار ھەقسىز تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، بىرتۇتاش ئوغۇتلاش، بىرتۇتاش سۇغىرىش، بىرتۇتاش چاتاش قاتارلىق ئۆلچەملەشتۈرۈپ پەرۋىش قىلىشنى ئومۇملاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن ھوسۇل مىقدارىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستى» دېدى مۇرات. شىنمېينىڭ ھوسۇلى ئاشقاندىن كېيىن، ئۇ ھويلىسىغا شاپتۇل كۆچىتى تىككەندە، كۆكتات تېرىغاندا، بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىلا كەسىپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سورايدىغان بولدى.

بۇ يىل، ھەر خىل زىرائەتلەرنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، يازلىق پەرۋىشىدە، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ھەممە يەرنى قاپلىدى، «ماشىنىلاشتۇرۇش» «رەقەملەشتۈرۈش» «ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش» ئېتىز بېشىدىكى قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى. رەڭدار مول ھوسۇل پەسلىدە، چەت - ياقا ئوتلاقلاردىمۇ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنىڭ مول نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان بولدى.

9 - ئاي كىرىشى بىلەن، ئاۋات ناھىيەسىدىكى كېۋەزلىك، مېۋىلىك باغ، كۆكتاتلىقلار مول ھوسۇل مەنزىرىسىگە تولدى، ئەمما ھوسۇل يىغىش مەزگىلىگە كىرگەن ئېتىزلاردا نۇرغۇن دېھقاننىڭ ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولمىدى. ئاۋات ناھىيەلىك مول ھوسۇل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جى رېننيەن مۇخبىرغا مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر ماشىنىلار ئادەم كۈچىنىڭ ئورنىنى ئالدى، تېرىشتىن ھوسۇل ئېلىشقىچە، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرى «ئادەم دېڭىزى تاكتىكىسى» بىلەن خوشلاشتى.

بۇ بىرنەچچە كۈندە، جى رېننيەن بىرنەچچە ياش يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى خادىمىنى باشلاپ تىراكتور ۋە پاختا يىغىش ماشىنىسىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ ۋە ئاسراپ، پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ ئۈزۈش نوكچىسى، پاختا ئايرىش تەخسىسى، سۇيۇقلۇق بېسىملىق سۇ يولى قاتارلىق ھالقىلىق زاپچاسلىرىدا مەسىلە يوقلۇقىنى بېكىتكەندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 5000 مو يەردىكى پاختىنى يىغىشىغا نىسبەتەن كۆڭلىدە سان بار بولدى. «ھازىر يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشتا پەن - تېخنىكا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، بىز بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان تۈجۈپىلەپ تېرىش سېيالكىسىنىڭ مەشغۇلاتىدىن تارتىپ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىشكىچە، يەنە سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش سىستېمىسى بىلەن پىششىق تونۇشۇشقىچە، ھەربىر قەدەمدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن تېرىشتىكى «ئاقىل مېڭە»دىن پايدىلىنىۋاتىمىز. بىز بۇ دەۋرگە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك، دېدى جى رېننيەن.

ئىتتىپاقلىق كۈچى ئارقىلىق كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇش

«ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاق ئۆرۈك، توقاچ شاپتۇل، كۈزلۈك چىلان، قوي گۆشى قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە توشۇغاندىن باشلاپ، كەنتىمىزنىڭ خاس تېرىقچىلىق، خاس باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى» دېدى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى روزى مەڭلىك.

روزىنىڭ قارىشىچە، دېھقانلار مول ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرى مۇھىم رول ئوينايدىكەن. توشۇش ئارىلىقى ئۇزۇن بولۇش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ، ئەگەر ئىشلەپچىقىرىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىلمىسا، مول ھوسۇل ئالغان بىلەن مول كىرىم قىلمىغانغا باراۋەر ئىكەن. داشى كەنتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بالدۇرراق قۇرۇلغان كەنتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى ئىستېرېئولۇق سېتىشنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. بۇ يىل، كورلا ئايرودۇرۇمى ئارقا - ئارقىدىن «بۈگۈر ئاق كىشمىش ئۆرۈكى»، «504 توغاچ شاپتۇل»، «كۈزلۈك چىلان»، «بايىنبۇلاق يايلاق قويى» قاتارلىق ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى يولغا قويۇپ، يېڭى مېۋە - چېۋە، قوي گۆشىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بازىرىغا تېز كىرىش ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقى مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە خوراش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ يۇقىرى باھادا سېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا قاتناشقانلاردىن يەنە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ۋە مەركەز كارخانىلىرى بار، ھەرقايسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە تۆۋەنگە خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇنلار، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش كارخانىلىرى ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى... كۆپ تەرەپنىڭ كۈچى يېزا - كەنتلەرگە مۇجەسسەملەندى، بەزىلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن تالون ئىمزالاپ، پۈتۈن مۇساپىلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، بەزىلىرى سېتىش سۇپىسى قۇرۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق بازار ئاچتى، بەزىلىرى پىششىقلاش زاۋۇتىنى دېھقانلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغىلا قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مول ھوسۇل مېۋىسىنى شۇ جايدا سېتىۋېلىپ، پىششىقلاپ ئىشلىدى.

«بۇ يىل، بىزنىڭ ئۆيدىكى چىلانلار ياخشى ئوخشىدى، مېۋىسى ھەم چوڭ، ھەم قىزىل بولدى. سېتىش يولىدىن غەم قىلمايمەن، كەنتتىكى چىلانلارنى كارخانا بىرتۇتاش سېتىۋالىدۇ، ئاندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيئەن شەھىرىگە ئاپىرىپ ساتىدۇ، ئۇ يەردە مەخسۇس قەشقەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان دۇكانلار بار. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، تەيئەن شەھىرىگە رەھمەت، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرىغا رەھمەت» دېدى يوپۇغا ناھىيەسى تېرىم بازىرى قاراتوغراق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەخمەت بارات.

بۇ يىل، تەيئەن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى، تەيئەن شەھەرلىك تەمىنات - سودا كوپىراتىپى تەمىنات - سودا سىستېمىسىدىكى ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ سېتىش مەيدانى بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سېتىش مەيدانى ئىچىدە «تەمىنات - سودا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قەشقەرچە ياخشى تەم» نامىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئىستېمال مەخسۇس رايونى قۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەيئەن بازىرىدىكى سېتىش تورىنى يەنىمۇ زىچلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.