يەن شياۋفېي:
ئىسسىق قېنى بىلەن ئالتۇن قالقان تاۋلىدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن
ئۇ، ئىسسىق قېنى بىلەن ئالتۇن قالقان تاۋلىدى، ساداقەتمەنلىكى بىلەن ئۆز جايىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغدىدى، ھاياتى بەدىلىگە جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.
ئۇ، قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى يەن شياۋفېي. 2013 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، يەن شياۋفېي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، شۇ يىلى ئۇ 32 ياشتا ئىدى.
2014 - يىلى 3 - ئايدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يەن شياۋفېيغا مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بەردى، شۇ يىلى 11 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنى ئىنقىلابىي قۇربان، دەپ باھالىدى.
قەھرىمانلىق مەدھىيە ناخشىسىنى پۈتۈش
«ئۇ ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسپىنى قەدىرلەپ، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايتتى، مۇھەببەت - نەپرىتى ئېنىق بولۇپ، رەزىللىكتىن قاتتىق يىرگىنەتتى.» 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى دىيار داۋۇتنىڭ خاتىرىسىدە، يەن شياۋفېي ئۇنىڭ ئەڭ ئۇنتۇيالمايدىغان سەپدىشى ۋە رەھبىرى ئىدى.
يەن شياۋفېي 2004 - يىلى شىنجاڭ ساقچى ئوفىتسېرلار ئالىي تېخنىكومىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، 2006 - يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن بىر قېتىم 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، ئىككى قېتىم 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، ئۈچ قېتىم تەقدىرلەنگەن، كۆپ قېتىم مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، مۇنەۋۋەر مەمۇر بولۇپ باھالانغان.
ساقچى بولغاندىن بۇيان، يەن شياۋفېي تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جانلىق، ئۈنۈملۈك ئىشلىگەن.
«ئۇ ئەستايىدىل، پۇختا بولۇپ، ئىزچىل ناھايىتى تىرىشچان ئىدى، ھەرقانداق ئىشتا باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچى سەپكە ئاتلىناتتى، ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز تىرىشچانلىقىدىن كەلگەن.» يەن شياۋفېينىڭ ھايات ۋاقتىدىكى خىزمەتداشلىرى ۋە دوستلىرى شۇنداق باھا بەردى.
قىسقا چاچ، ساددا كۈلكىسىدىن قابىلىيەتلىكى چىقىپ تۇراتتى، بۇ يەن شياۋفېي قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرى ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىغان ئەڭ ئاخىرقى سۈرەت بولۇپ، ئۇ «غەلىبە بىلەن قايتىپ كېلىمەن» دەپ يازغانىدى. مانا بۇ سۈرەت تارقىتىلىپ يەتتە سائەتتىن كېيىن، يەنى 2013 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، يەن شياۋفېي بىر قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقاندا بەختكە قارشى قۇربان بولۇپ، ھاياتى 32 ياشتا مەڭگۈلۈك توختاپ قالدى.
قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى چېنىقتۇرۇش
قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئالاھىدە ساقچىسى جاڭ ياجيېنىڭ خاتىرىسىدە، يەن شياۋفېي مەشىق مەيدانىدىكى «جان پىدالىق كۆرسىتىدىغان ئەزىمەت ئىدى».
بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشى كېرەك، بۇ يەن شياۋفېي دائىم دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز. مەشىق جەريانىدا، ئۇ باشتىن - ئاخىر سۆزلەپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ تەربىيە بېرەتتى، بارلىق تاكتىكا ھەرىكەتلىرىنى دەرس ئۆتۈش، چۈشەندۈرۈشتە جەزمەن ئۆزى ئۈلگە بولاتتى. ئاددىي بولغان يەر بېغىرلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشتە، مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى بولغان ئۇ سەۋەنلىكنى تۈزىتىش، مۇھىم نۇقتىنى ئېنىق سۆزلەش ئۈچۈن مەشىق مەيدانىدا ئۈچ - تۆت قېتىم تەكرارلايتتى.
ئۈلگە كۆرسىتىش، چۈشەندۈرۈش، سەۋەنلىكنى تۈزىتىشتە يەن شياۋفېي دائىم زېرىكمەيتتى، «سول قولنى ياخشى كونترول قىلالمىدىڭ» «ئۆزۈڭنى قاچۇرما» «تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەدەم ئال»... مەشىق مەيدانىدىكى ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقتىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولاتتى. قۇرۇق قول قوغدىنىش ۋە بويسۇندۇرۇش، تەكشۈرۈپ تۇتۇش تاكتىكا مەشىقىدە، يەن شياۋفېي ھەمىشە ئۆزى مەيدانغا چىقاتتى، بىر مەيدان مەشىقتىن كېيىن، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى دائىم كۆكىرىپ كېتەتتى.
قان - تەر ئاققۇزسىمۇ ياش ئاققۇزماسلىق، يارىلانسىمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىق. قايتا - قايتا جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق يەن شياۋفېينىڭ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيىتى ۋە قەيسەر ئىرادىسى تاۋلىنىپ، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا تەمكىن، ئېغىر - بېسىق بولۇشى، كەسكىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشى، ئارقا - ئارقىدىن ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا تۈرتكە بولدى.
ساقچى بولۇش قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش
يەن شياۋفېينىڭ قەلبىدە باشتىن - ئاخىر بىر قەسىمى، يەنى ھەرقانداق قىيىنچىلىق توسۇپ قالالمايدىغان بىر ۋەدىسى بار ئىدى − خەلق ساقچىسىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش.
2011 - يىلى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، تەۋەلىك رايوندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان يەن شياۋفېي قوماندانلىق مەركىزىنىڭ «پىيادىلەر كوچىسىدا ئامما قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى» دېگەن بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ياردەم تەلەپ قىلغۇچى لۈx خوتۇنى ۋە بەش ئايلىق قىزىنى ئېلىپ، سىچۇەندىكى يۇرتىدىن قەشقەرگە كېلىپ، تۇغقىنىغا تايىنىپ قەشقەردە ئىشلىمەكچى بولغان، ئەمما ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىزچىل مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىغان، يېنىدىكى پۇلىمۇ ئازلا قالغان. لۈx بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ بىر كىچىك مېھمانخانىدا قىستىلىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، سۈت پاراشوكى سېتىۋالالمىغانلىقتىن، قورسىقى ئېچىپ توختىماي يىغلاۋاتقان قىزىنى كۆرۈپ، يەن شياۋفېي دەرھال يېنىدىكى 200 يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى ئۇلارغا بېرىپ كۆز ئالدىدىكى جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى.
ئەينى چاغدا يەن شياۋفېينىڭ كىرىمى ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىدى، خوتۇنى ئىشلەپ قوشۇمچە پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى قامدايتتى، 2010 - يىلى ئەمدىلا ئۆي سېتىۋالغانىدى. «ياردەمگە موھتاج كىشىلەر ئالدىدا ئۇ قىلچە پىخسىقلىق قىلمايتتى» دېدى جاڭ ياجيې ئەسلەپ.
ئىلگىرىكى سەپدىشى، بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان جاۋ لىجۈەن يەن شياۋفېينى تىلغا ئالغاندا، ئۇنىڭغا: «ياخشى ئادەم» دەپ باھا بەردى.
مەيلى يەن شياۋفېي ھايات ۋاقتىدا ياردەم قىلغان ئامما بولسۇن ياكى «ئارقا ئىشىك» قىلىشنى ئويلىغان، لېكىن يەن شياۋفېي تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ ئىشىك سىرتىدا قالدۇرۇلغان كىشىلەر بولسۇن، ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسى بىردەك شۇكى: «ياخشى ئادەم، ياخشى ساقچى».