ئاپتونوم رايون قاتناش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
قاتناش ئىشلىرىنىڭ زور تەرەققىياتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاتناش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيدانغا تەكلىپ قىلىنغان ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە ئالتە ئامما ۋەكىلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ قاتناش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ھەم قاتناش تەرەققىياتىنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرىنى بايان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا تۆھمەت قىلىپ قارا چاپلاشتەك سەپسەتىلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ قاتناش - تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈنسايىن مۇكەممەللەشتۈردى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ تاشيول تورى ئومۇمىي مۇساپىسى 209 مىڭ 200 كىلومېتىر(بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا، يۇقىرى سۈرئەتلىك(1 - دەرىجىلىك) يول ئومۇمىي مۇساپىسى 7640 كىلومېتىرغا يېتىپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى؛ شىنجاڭدىكى بارلىق يېزا - بازارلار ۋە شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەرگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئاپتوبۇس قاتنىدى. تۆمۈريول تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى زور كۆپ قىسىم رايونلارغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كۆپ قىسىم مەمۇرىي رايونلارنى قاپلىدى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 264ى ئېچىلىپ، تارماق لىنىيەدىكى ئايرودۇرۇملاردىن شىنجاڭنىڭ سىرتىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 56گە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى 20 شەھەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان بولدى. «شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان، شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.
مەشئەل مەمتىمىن ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ كادىرى بولۇپ، ئۇ قاتناش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 20 يىل جەريانىدا، شىنجاڭنىڭ تاشيول قاتناش ئىشلىرىنىڭ «10 - بەش يىللىق» يىرىك پىلانىدىن «14 - بەش يىللىق» يىرىك پىلانىغىچە بولغان يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشيول قاتناش ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشىغا گۇۋاھ بولدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەشئەل مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، خوتەن پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ ياڭاق سودىسىدىكى يىغىش - تارقىتىش ئورنىغا ئايلاندى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بازارلارغا قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېز يەتكۈزۈلدى.
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن باشقا، شىنجاڭ ئىزچىل تۈردە كەڭ يېزىلارنىڭ قاتناش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يەرلىكنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى قىلىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ھەرقايسى جايلارنى كۆپ تەرەپتىن مەبلەغ توپلاپ يېزا تاشيولى ياساشقا يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى قاتناش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى.
«يول ياسىلىپ قاتناشنىڭ باشلىنىشى كەنتلەردە ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، كەنتىمىز ساياھەت ئىستىراھەت كەنتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلدى، بىزنىڭ بۇ يەردە كەنتىمىزنىڭ خېلى داڭقى بار بولۇپ، ئوينىغىلى كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپەيدى. يول ياخشىلىنىپ، كەنتتىكى ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش يولى كېڭەيدى، تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان ئاسفالت يوللار بىزنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشىمىزدىكى <بېيىش يولىمىز>غا، <بەخت يولىمىز>غا ئايلاندى.» توقسۇ ناھىيەسىنىڭ تاشئېرىق بازىرى تۈگمەنبېشى كەنتىدىكى دېھقان ئايجامال روزىنىڭ ئۆز تەسىراتىنى كۆپچىلىككە ئېيتىپ بېرىشىچە، يېزا - كەنتلەردە تاشيوللار ياسىلىپ تېخىمۇ كۆپ سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى ئۇنىڭ يۇرتىغا كېلىپ، يۇرتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى باھادا سېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان، بۇ ئۇنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغان.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى گو شېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ قاتناش چوڭ يولى ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تاشيول قاتناش ئومۇمىي مۇساپىسى 220 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلىدۇ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا شىنجاڭدىن چىقىش يولىدىن ئىككىسى كۆپىيىدۇ؛ ھەممە ناھىيەلەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك(1 - دەرىجىلىك) يولنى تۇتاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشىدۇ؛ يېزا تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 157 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولغان، شەھەر - يېزىلارنى تۇتاشتۇرىدىغان، بىخەتەر - راۋان، مۇلازىمىتى ئەلا، يېشىل، ئىقتىسادچىل بولغان يېزا تاشيول قاتناش تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىدۇ. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى «قاتناش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش چوڭ سوۋغىسى» ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قولايلىق سەپەرگە چىقىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قاتناش تىرانسپورتتىن كەلگەن ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ.