تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەمئىيەت ئىناق، خاتىرجەم بولدى كۈنلەر باي - باياشاتلىققا تولدى

− ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ نەزەرىدىكى بۇ بىر يىل (1)

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە قەدەم قويۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى. بۇ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدكە تولغانىدى.

بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشى، ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇردى. بۇ بىر يىلدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىغا چۆمۈپ، ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ئاشتى، بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى.

مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلدى

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى توردا تونۇلدى. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدى ئېلىنىۋاتقان - تىزگىنلىنىۋاتقان ئەھۋالدا، زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىنىڭ يەنىلا داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىشى شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىغا بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بولغاندىن سىرت، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا بولغان ئىشەنچىسىدىن بولدى.

«شىنجاڭدا جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشى مېنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ ئايلىنىپ بېقىش ئويۇمنى چىڭىتتى.» يېقىندىلا شىنجاڭدىن شەنشىگە قايتقان ساياھەتچى جاڭ يۇڭفېي مۇنداق دېدى: جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۈرۈمچىگە، ئىلى يايلاقلىرىغا باردىم، مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا ماڭدىم، بارغانلا جايىمدا جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناقلىقىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ شاد - خۇرام ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، «شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل ئىكەن، جەمئىيەت ئامانلىقى تېخىمۇ قالتىس ئىكەن!»

بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تەستە قولغا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەتنى چەكسىز قەدىرلەپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ياراتتى.

«ھازىر قەشقەر ۋىلايىتىدە جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.» قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولىمىز.

شىنجاڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى تۇنجى يىل دەل پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا توغرا كەلدى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كادىرلار، ئامما پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىنى ئۆگەندى، ئەتراپىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقى، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىغا بولغان تەسىراتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى: بۈگۈنكى ياخشى ۋەزىيەت، ياخشى كۈنلەرنى ئىنتايىن قەدىرلەيمىز، دېدى.

بەختلىك كۈنلەر بارغانسېرى ياخشى ئۆتمەكتە

مۇقىملىق ۋەزىيىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۇتۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ غەيرىتى ئۇرغۇپ، جاسارىتى تولۇپ تېشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئاتلاندى.

«<كەسىپ + ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش> ئەندىزىسى 1 مىليون 120 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.» خوتەن ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گۈلنىساخان ئىمىن مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەرتىپلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، بازار ئارقىلىق تەڭشەش، ھۆكۈمەت ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، «ھەممە ئائىلىنىڭ بېيىش يولى بولۇش، ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرى قۇمھويلا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەخمۇت تۇرسۇن باشلامچىلىق بىلەن كېۋەز تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئۆلچەملەشكەن، ماشىنىلاشقان كېۋەز تېرىش، پاختا يىغىش ئارقىلىق، بۇلتۇر ھەر مو كېۋەزلىكتىن 1000 يۈەن ساپ پايدا ئالدى، ئۇ بۇلتۇر 140 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. «بۇ يىللىق كىرىمىم بۇلتۇرقىدىن قېلىشمايدۇ.» مەخمۇت مۇنداق دېدى: ھازىر جەمئىيەت مۇقىم، سىياسەت ياخشى، كۆپچىلىكنىڭ بېيىش ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى) ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى «بىر ئورۇن»دا مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ جىجىدې ئۈزۈم مەدەنىيىتى تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ خۇەن مۇنداق دېدى: بازا يېڭىدىن قۇرۇلغان شىركەتلەرنى ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش، ئۇل ئەسلىھەلەردىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىش بىلەن بىللە، ئىگىلىك تىكلەش سالونى تەشكىللەپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى، بۇ، بىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يۆنىلىشىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تىجارەت خەۋپ - خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشىمىزگە ئىنتايىن ئەسقاتتى.

كاپالەت تېخىمۇ ياخشى، تۇرمۇش خاتىرجەم بولدى

بۇ يىل 5 - ئايدا، سانجى شەھىرى ئاھالىسى فېڭ خۇڭشياۋغا كۆلىمى 50 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن كېلىدىغان بىر يۈرۈش ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي تەقسىملەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆينىڭ ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىتىمۇ ياخشى.» سانجى شەھىرى بۇ قېتىم 2020 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىلتىماس قىلغان ئائىلىلەرگە جەمئىي 81 يۈرۈش ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي تەقسىملەپ بەردى. سانجى شەھەرلىك ئۆي مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى تۇرالغۇ كاپالەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى سۈن شىرۇڭ مۇنداق دېدى: سانجى شەھىرى كېلەر ئايدا يېڭى بىر تۈركۈم ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيلەرنى تەقسىم قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايدۇ.

37 ياشلىق مېھرىگۈل مەمتىمىن لوپنۇر ناھىيەلىك 8 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەكتەپ زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ، يەنە ھەقسىز تاماق، ياتاق بىلەن تەمىنلەپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى بىللە ئوقۇپ، بىللە ئويناپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئادەم سانى پۇختا قەدەمدە ئاشتى، ھەرقايسى جايلار ياشانغانلار كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىناكارلىق قۇرۇلۇش ساھەسىدە تۈر بويىچە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يەنىمۇ ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.