9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى تىيانشان سانائەت باغچىسى يېنىك توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا، شىنجاڭ ۋېيمېي پاختا بۇيۇملىرى - ئائىلە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ تونۇشتۇرماقتا. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي
«بۇ پاختىلىق يوتقاننىڭ خام ماتېرىيالى شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن تالالىق پاختىسى بولۇپ، پاختىنى يېيىتىپ تىكىش ھۈنىرى قوللىنىلغان، گىرۋەكلىرى قولدا تىكىلگەن، تۇتسىڭىز شۇنچىلىك يۇمشاق بولۇپ، كۆپۈپ تۇرىدۇ...» 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ تىيانشان سانائەت باغچىسى يېنىك توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا، شىنجاڭ ۋېيمېي پاختا بۇيۇملىرى - ئائىلە توقۇمىچىلىق مەھسۇتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى جوۋ ۋېنجىڭ دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى ئارقىلىق، كارخانىنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ساپ پاختا كارىۋات بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇردى.
24 ياشلىق بۇ رىياسەتچى شىركەتنىڭ مال ساتقۇچىسى. ئەنئەنىۋى مال ساتقۇچىلارغا ئوخشىمايدىغىنى، ئۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.
«بۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىش نومۇرىنى بۇ يىل 4 - ئايدا يېڭىدىن ئاچتىم، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق مەستانەم بار، كۈندىلىك زاكاز تالونى 500دىن 800گىچە بولۇۋاتىدۇ» دېدى جوۋ ۋېنجىڭ.
بۇ شىركەتنىڭ زاۋۇت رايونىغا كىرگەندە، ھەممىلا يەردە توردا مال ساتقۇچىلارنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، سېتىش خادىمى جۇ ۋېنلى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە 600دىن ئارتۇق كۆرۈرمەنگە ئىچ پاختىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىنى تونۇشتۇردى ھەم ھەر ۋاقىت كۆرۈرمەنلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، سوئاللارغا جاۋاب بەردى. تىكىش سېخىدا، بىر مال ساتقۇچى پاختا يوتقاننىڭ تىكىلىش جەريانىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىۋاتاتتى. تەييار مەھسۇلات ئامبىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىر تېز يەتكۈزۈش يۈك ماشىنىسى توختىتىلغان بولۇپ، ئىككى ئىشچى تېز يوللانما تالون نومۇرى چاپلانغان پوسۇلكىلارنى ماشىنىغا قاچىلاۋاتاتتى، بۇ ھالقىنىمۇ مال ساتقۇچىلار بىۋاسىتە كۆرسىتىۋاتاتتى. بۇ كارخانىنىڭ پاختا يوتقان ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پۈتۈن جەريانى بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ئالدىدا نامايان قىلىندى.
«2019 - يىلى، توردا مال سېتىش يۈزلىنىشىنى كۆرۈپ، بىز بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى سىناپ بېقىشقا باشلىدۇق. دەسلەپتە تور چولپانلىرىنى مال سېتىشقا تەكلىپ قىلدۇق، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى. 2020 - يىلى، شىركەت سېتىش خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى باشلىدى، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ياخشى بولدى» دېدى شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ جيەنخۇا.
شىنجاڭ ۋېيمېي پاختا بۇيۇملىرى − ئائىلە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى 2016 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن ساپ پاختا كارىۋات بۇيۇملىرى كارخانىسى، ئۈچ ئاپتوماتلاشقان تور پاختىغا ئىشلىتىلىدىغان تالا بۇيۇملار ئاقما ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە ئىگە بولۇپ، ئىچ پاختا، يوتقان تېشى، يازلىق يوتقان، كارىۋات يۈرۈشلۈك بۇيۇملىرى قاتارلىق توققۇز چوڭ يۈرۈشلۈك 100 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ.
«مەھسۇلات ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، كىشىلەر بىلمىسە بىكار. پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىغا شىنجاڭنىڭ پاختا بۇيۇملىرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، شىركەت توردا ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە سېتىش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. بۇلتۇر، شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسىدا يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، 27 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40تىن كۆپرەك ئاشتى، توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش سوممىسى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشتى.» جوۋ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش سوممىسىمۇ ئىزچىل ئۆرلىدى. ھازىر، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش سوممىسى شىركەتنىڭ سېتىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %20ى ئەتراپىنى ئىگىلىدى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەتنىڭ كۈندىلىك پۈتۈن سۇپىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش مىقدارى 1000 تالوندىن ئاشتى.
قۇتۇبى ناھىيەسى ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى، ھازىر توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك پىششىقلاش كارخانىسىدىن 17سى بار، لايىھەدىكى يىللىق پاختا توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي ئىقتىدارى 1 مىليون ئۇرچۇققا يېتىدۇ، يىلىغا 1 مىليون 500 مىڭ قۇر ئىلمە توقۇلما كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىدۇ، يىلىغا 320 مىڭ پاختىلىق يوتقان ئىشلەپچىقىرىدۇ.
«بۇلتۇر يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت كارخانىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، شىركەتنىڭ ئۈچ يىللىق ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى، بۇ تەدبىر بىزنىڭ بۇ يىل يېڭى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى سېتىۋېلىشىمىزدىكى مەبلەغ بېسىمىمىزنى يېنىكلەتتى. سېتىش ئاۋات مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى، شىركەتنىڭ پاختىلىق يوتقان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ %30كە يېقىن ئېشىشى، توردا كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارىنىڭ 5000 تالون ئەتراپىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز يېڭى مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، مەھسۇلات تۈرلىرىنى موللاشتۇرۇپ، سۈپەتلىك ماركا يارىتىشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى جوۋ جيەنخۇا.