□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو پۇقراسى مېڭ ۋەنجوۋ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇھىم، زور غەلىبىسى.
ئەمەلىيەت شۇنى ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىدىكى، مېڭ ۋەنجوۋ ۋەقەسى جۇڭگو پۇقراسىغا قارىتىلغان، جۇڭگونىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىسىنى بېسىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسى. 2018 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئامېرىكىنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى بىلەن، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى مېڭ ۋەنجوۋ كانادادا ئايروپىلان ئالمىشىۋاتقاندا، كانادانىڭ ھېچقانداق قانۇنىغا خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋالدا كانادا تەرەپنىڭ يولسىزلىق بىلەن تۇتۇپ تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ مېڭ ۋەنجوۋنى ئاتالمىش ئالدامچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىشى پۈتۈنلەي ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان. گەرچە ئامېرىكا، كانادا ئۆزلىرىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىدىن قايتا - قايتا قالايمىقان پايدىلىنىپ، قانۇننى باھانە قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو پۇقراسىغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنى ئاقلىغان، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتكە شۇ ئېنىقكى، ئامېرىكا، كانادا ئېيتقان قانۇن پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئۇستىلىق بىلەن قاقتى - سوقتى قىلىش، ئۆزىدىن باشقىنى بېسىش، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قورالى بولۇپ، قىلچە ئادىللىق، ھەققانىيلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
مېڭ ۋەنجوۋ ۋەقەسىدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى ئىزچىل، ئېنىق بولدى. بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقراسى ۋە كارخانىسىنىڭ يوللۇق، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىدى. مېڭ ۋەنجوۋنىڭ يولسىزلىق بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىرىنچى ۋاقىتتا كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەسكىن مەيدانىنى بىلدۈردى ھەم بىرىنچى ۋاقىتتا مېڭ ۋەنجوۋنى كونسۇل ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىزچىل كانادا تەرەپنى مېڭ ۋەنجوۋنى قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ يوللۇق، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلدى. يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى كۈچلۈك ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭراتتى. مېڭ ۋەنجوۋنىڭ ۋەتەنگە تىنچ - ئامان قايتىپ كېلىشى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى، ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەڭگۈ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى.
مېڭ ۋەنجوۋ ۋەقەسى شۇنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردىكى، جۇڭگو ئىش تېرىمايدۇ، لېكىن ئىشتىنمۇ قورقمايدۇ. جۇڭگو ھەرقانداق شەكىلدىكى سىياسىي تەھدىت سېلىش ۋە قالايمىقان قانۇن يۈرگۈزۈش قىلمىشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ، جۇڭگو پۇقراسىنىڭ باشقا دۆلەتنىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. جۇڭگو خەلقى ھەققانىيەتنى ئۇلۇغلايدىغان، زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان خەلق، جۇڭخۇا مىللىتى كۈچلۈك مىللەت ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىغا ئىگە مىللەت. جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن باشقا دۆلەت خەلقىنى بوزەك قىلمىدى، ئەزمىدى، قۇل قىلمىدى، سىرتتىن كەلگەن ھەرقانداق كۈچنىڭ بىزنى بوزەك قىلىشى، ئېزىشى، قۇل قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ بۇنداق قىلىش خام خىيالىدا بولىدىكەن، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ.
مېڭ ۋەنجوۋ ۋەقەسىنىڭ ماھىيىتى شۇكى، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىش ھەتتا ئۇنى ئۈزۈۋېتىشكە ئۇرۇندى. جۇڭگونىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ قوغدىغىنى بىر پۇقرانىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى، بىر كارخانىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى، دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق. مېڭ ۋەنجوۋ ۋەقەسى ئارقىلىق جۇڭگو خەلقى شۇنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يەتتىكى، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىز جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز يولىمىزدا مېڭىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. بىز شۇنى چوڭقۇر بىلىمىزكى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە قانچە يېقىنلاشقانسېرى ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسى شۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، خەۋپ - خەتەرگە، خىرىسقا، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنغا شۇنچە تولغان بولىدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تەرىپىدە تۇرۇپ، بوران - چاپقۇندىن قورقماي، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، بوران - چاپقۇننىڭ توسقۇنلۇقىغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىسەك، ھېچقانداق كۈچ بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئورنىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھېچقانداق كۈچ جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)