تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بىر يىلدا

□شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر بۆلۈمى

1

كۈز پەسلىدىكى تاغ ـ دەريالار خۇددى رەسىمدەك گۈزەل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، ھاۋا ئادەتتىن تاشقىرى سۈزۈك ھەم ساپ ئىدى.

9 ـ ئايدا، زېمىن مول ھوسۇل ئېلىنغانلىقتىن باياشاتلىققا چۆمدى، ۋاقىت پىشىپ يېتىلگەنلىكتىن ئىنتايىن مەنىگە ئىگە بولدى. 9 ـ ئاي، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەھمىيىتى ئالاھىدە.

2020 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ مۇساپىسى يەنە بىر ئابىدىنى كۈتۈۋالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك».

دەل «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى كېسىشىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئۇلۇغۋار ئىرادە، جۇشقۇن ھېسسىيات تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا مەۋج ئۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلەپ، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش»، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە قويغان تۈپ تەلىپى، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى.

بۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بىر يىل. 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش»نى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا جاسارەت بىلەن «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ تارىخىي جاۋاب قەغىزىنى پۈتتى.

قانچىلاپ ئىشلار ئەزەلدىن، ئۆتتى تېز ئىز قوغلىشىپ؛ تۇرىدۇ يەر ئايلىنىپ، كۈنلەر ئۆتەر يورغىلىشىپ. بۇ بىر يىلدا، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، 365 كۈندە بوران ـ چاپقۇن داۋالغۇپ تۇردى، ھەربىر كۈننىڭ ھەممىسى يېڭى خىرىس ۋە سىناقلارغا تولدى؛ بۇ بىر يىلدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالى كۈتۈۋېلىندى، 365 كۈندە جاسارىتىمىز پەلەككە يەتتى، ھەربىر كۈن يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىدكە تولدى.

بۇ بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 25 مىليون ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەسلىك»تەك جان تىكىپ ئېلىشىش روھى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى؛ «قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش»تەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى؛ «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» سەمىمىي ھېسسىياتى بىلەن، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزدى...

بۇ بىر يىل دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، بىر ئەسىرلىك جاپا ـ مۇشەققەت، شانلىق نەتىجىلەر ئۆچمەس ھەقىقەت بولۇپ مۇجەسسەملەندى − «ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «خەلقنى مەركەز قىلىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېڭى دەۋردىكى سەلتەنەتلىك مۇساپىگە ئويۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

2

گۈللەنگەن، گۈزەل شىنجاڭ ئالدى بىلەن ئىناق، مۇقىم شىنجاڭ بولۇشى كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭدا بارلىق تەپەككۇر لوگىكىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، بارلىق بەختنىڭ مەنبەسى.

ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغىچە، ئارقا ـ ئارقىدىن ئېچىلغان شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى تاراتقۇلار ئەڭ دىققەت قىلغان، ئاخبارات باياناتچىسى ئەڭ كۆپ تونۇشتۇرغان مەسىلە «شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى» بولدى؛ ئەتىياز، يازدىن كۈز، قىشقىچە، شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرگەن سودىگەرلەر، سەيلە ـ ساياھەت قىلغانلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ چوڭقۇر تەسىرات «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەندىن ئىبارەت بولدى.

«ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى. 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەش» كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، باش نىشان بايراق، يۆنىلىش، باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلىگەندىلا، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا يۇرت ئامان، تۇرمۇش تىنچ ـ خاتىرجەم بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ تۈگىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ھەرگىزمۇ «قورال ـ ياراغلارنى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈشكە» «ئاتلارنى تاغقا قويۇۋېتىشكە» بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىگە قارىتا، ھەرقانداق كىشى بىخۇدلۇق ۋە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن ـ ئاخىر چىڭىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«قانۇن ئارقىلىق جاھاننى تىنچلاندۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، قانۇنچىللىق روھى ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلى ئارقىلىق خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، مەسىلىلەر بىر تەرەپ قىلىنىپ، زىددىيەتلەر تۈگىتىلىپ، مۇقىملىق قوغدىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇلدى؛ «ئىدارە قىلىشنى ئاساس قىلىش»تا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتى بولغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ بەرپا قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، زامانىۋى ئىدارە قىلىش يېڭى كەيپىياتى ئەۋج ئالدۇرۇلدى...

بۇ يىل ئەتىيازنىڭ بىر كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋىلادىمىر نوروۋ زور قىزىقىش بىلەن شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئوينىدى. ۋىلادىمىر نوروۋ ۋە 21 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ھەم دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى شىنجاڭدا ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلارنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى، ئۇلار مەكتەپ، كارخانا، مەسچىت ھەمدە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە بولدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە ئۇرغۇپ تۇرغان بەخت تۇيغۇسىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى... ئۇلار مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيىتى شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان ـ ياۋىداق سۆزلەرگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب.

ئالىيجانابلار ماختانمىسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭ تۇپرىقىغا نەزەر سالساق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق كېمىسى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلماقتا، ئەبەدىي ئەمىنلىك يەلكىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇلۇپ، مەردانە ناخشا ياڭرىتىپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. ھېچقانداق كۈچ خەلقنىڭ بەختكە، خاتىرجەملىككە بولغان ئارزۇسىنى توسۇپ قالالمايدۇ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلىسەكلا، بىز ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدىن مەڭگۈ ئادىشىپ قالمايمىز.

3

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، يېرى كەڭ، مىللەتلەر كۆپ بولغان چېگرا رايوندىكى بۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون قەلبى قوشۇلۇش، مەنىۋى جەھەتتە بىر ـ بىرىگە تايىنىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇردى؟

تارىخىي تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، قانچىكى ئۇلۇغۋار ئىشتا كەڭ ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى شۇنچە مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى شۇنچە تاۋلاشقا توغرا كېلىدۇ.

3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.» ئارىدىن بىر يىل ئۆتمەيلا، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش كېرەك» «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ <تۇتقا>سى، بارلىق خىزمەتلەر بۇ نۇقتىغا مەركەزلىشىشى كېرەك».

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزانى، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، ئورتاق ئىرادىسى.

پىروگرامما ئېنىق بولسا، تارماقلىرىمۇ ئېنىق بولىدۇ، يىلتىز قاياققا سوزۇلسا، ئۇچ تەبىئىي ئەگىشىدۇ. 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

بۇ بىر يىلدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسى كادىرلار تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئورگان، كارخانا، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈلۈپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسخانىلىرىغا كىرگۈزۈلۈپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. «شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون» «شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى» − بۇ، تارىخ چىقارغان يەكۈن، شۇنداقلا 25 مىليون تىيانشان ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ ھېسسىياتى ۋە ئورتاق تونۇشى.

بۇ بىر يىلدا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى دائىملىق قانات يايدۇرۇلدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا تارقالغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇلىرىدا قەلبتىن ئۇرغۇپ چىققان كۈلكە سادالىرى ياڭرىدى؛ مىڭ چاقىرىملىق يولدا ئۇچقاندەك چېپىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق پويىز كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان قېرىنداشلىق مېھرىگە گۇۋاھ بولدى. كەڭ ئالاقىلىشىش، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا، ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەركەزداش چەمبىرى بارغانسېرى چوڭ سىزىلدى.

بۇ بىر يىلدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك ئورۇن بەرپا قىلىشتىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك رايون بەرپا قىلىشقىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى ھەر كۈنى مەيدانغا كەلمەكتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شەھەر ئاھالىسى ئەھدىنامىسى، كەنت قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى، ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىگە كىرگۈزۈلدى... كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلىنىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ، خۇددى قۇياش نۇرى، ھاۋاغا ئوخشاش كەم بولسا بولمايدىغان بولدى.

بۇ بىر يىلدا، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى. چىراغلار چاقناپ تۇرغان مەدەنىيەت چوڭ قورۇلىرى يېزا ـ كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشتىكى كۈچلۈك تۇتقىغا ئايلىنىپ، ھەممە يەردە چېچەكلىگەن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى باھار يامغۇرىدەك كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇردى. گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كاللىغا سىڭدۈرۈش، قەلبكە سىڭدۈرۈش، روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشكە تۈرتكە بولدى.

...

بۇ يىل «1 ـ ماي» مەزگىلىدە، بىلىكى ئۈزۈلگەن بىر ئوغۇل بالىنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش ئۈچۈن، كوئېنلۇن تېغى باغرىدىكى خوتەندىن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىگىچە، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان بىر مەيدان ھاياتلىق كۈچ ئۇلاش سانسىزلىغان كىشىنىڭ كۆزىگە ئىسسىق ياش كەلتۈرۈپ، قەلبىنى لەرزىگە سالدى. بىر كىچىك ئۆسمۈرنىڭ ئامانلىقى ۋە خەۋپ ـ خەتىرى بىر تال يىپقا باغلاندى، ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان ھەر مىللەت ئاكا ـ ئۇكا، ئاچا ـ سىڭىللار بىر جۈپ ئىللىق قولى، قايناق قەلبى بىلەن نېمىنىڭ قان قېرىنداشلىق، نېمىنىڭ تەقدىرداشلىق ئىكەنلىكىنى جانلىق شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ بەردى.

پاكىت شۇنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئاساسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەنبەسى، مەنىۋى كۈچنىڭ روھى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، بىز بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئىشەنچ ۋە كۈچكە ئىگە بولىمىز. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىدىيەدە يامانغا زەربە بېرىپ، ياخشىغا مەدەت بېرىپ، ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ھەرىكەتتە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانى ئۈچۈن زىچ ئۇيۇشالايدۇ.

ئويمان ـ دۆڭلەر تۈزلىنىپ داغدام يول ئېچىلدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا ھاۋا ئوچۇق، تىنچ ـ خاتىرجەملىك نامايان قىلىندى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مۇھىم بۇرچىنى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى، پەۋقۇلئاددە مۇھىملىقى ۋە رېئال قاراتمىلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ھايات ـ ماماتتا بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلغاندىلا، تىيانشان ئوغۇل ـ قىزلىرى چوقۇم قول تۇتۇشۇپ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ شان ـ شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلىنەلەيدۇ.

4

تەرەققىيات مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ باش ئاچقۇچى، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى، خەلق بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.

«تەرەققىيات − يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ مېلودىيەسى، خەلق − يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاساسىي رېڭى» «يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە خەلقنى مەركەز قىلىش گەۋدىلەندۈرۈلگەن» ... 6 ـ ئاينىڭ بېشىدا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14 ـ بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 ـ يىلغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى» ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا، كەڭ تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇھاكىمىسىنى قوزغىدى. تور تىلىدىن بىز پارتىيە قەلبى بىلەن خەلق رايىنىڭ ماس قەدەملىك بولغانلىقى، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلغانلىقىنى ئوقۇپ چۈشەندۇق.

3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش» كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. خەلق تۇرمۇشىنى يېتەكچى قىلغان تەرەققىيات «كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىش»تىن ئىبارەت بۇ دەۋر سوئالىغا ئېنىق جاۋاب بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، مۇقىملىق پايدىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پايدىسى، سىياسەت پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى.

تەرەققىيات چوڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولدى. «ئون چوڭ كەسىپ»نى يېتەكچى قىلىش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، شىنجاڭنى تولۇق «ساياھەت» قىلىش، «نان»نى ھەر تەرەپكە يەتكۈزۈش، «مېۋە»نى دۇنياغا تارقىتىش... خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىياتىدا يارقىن نۇقتىلار ئارقا ـ ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى يېڭى تۈسكە كىردى؛ «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا» تۈرتكە قىلىنىپ، تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشتا يېڭى سۈرئەت يارىتىلدى، ئاھالە ئىستېمالىدا يېڭى ھالەت بارلىققا كەلدى، تاشقى سودىدا يېڭى ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى... يېڭىدىن گۈللىنىش بىلەن ئەنئەنىۋىلىك، كۆلەم بىلەن خاسلىق، قۇرۇلما بىلەن شەكىل، ھازىر بىلەن كەلگۈسى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەققىياتنىڭ دىيالېكتىكىلىق لوگىكىسى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش جەريانىدا تېخىمۇ روشەنلەشتى.

تەرەققىيات چوڭ شاھمات تاختىسى تېخىمۇ ئاساسقا ئىگە بولدى. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھات ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، تايانچ كەسىپلەر گۇرۇھىنىڭ تەشكىللىنىپ قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» يېڭى نورمال ھالەتكە ئايلانماقتا؛ يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، «بىر چەمبەر، بىر بەلباغ، بىر توپ» شەھەر ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇش يېڭى بوشلۇقىنى ئىخچام تەسۋىرلەپ بەردى؛ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش» «كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش» ئادەتتىكى تۇرمۇشقا كىردى، گۈزەل شىنجاڭدا ئاسمان تېخىمۇ كۆك، تاغ تېخىمۇ يېشىل، سۇ تېخىمۇ سۈزۈك بولۇشتەك يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى؛ شىمالىي شىنجاڭ گۈللەپ ياشنىدى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، كونا كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسى ئۆسۈپ، يېڭى كەسىپلەر يېتىلدى، رايونلار ماس تەرەققىياتىدا يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى مېلودىيەسى چېلىندى.

تەرەققىيات چوڭ ئەندىزىسى تېخىمۇ كەڭ بولدى. شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسى بېيىتىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمى ئۆستۈرۈلۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىنىڭ بەرپا قىلىنىشى تېزلىتىلدى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىلىپ، ئىختىساسلىقلار، تۈر، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىدىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق مۇھىم ئامىللار بىلەن شىنجاڭ تۇپرىقى ئوزۇقلاندۇرۇلۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندۈرۈلدى.

ئېگىز تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندا، دەريا ـ ئېقىنلارنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىدىن تېخىمۇ ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ بىپايان تۇپرىقىدا ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنىڭ مەنزىرىسى چەكسىز، ئىلگىرىكى چەت، يىراق، ئارقىدا قالغان چېگرا رايون مەزمۇت قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىپ ماڭماقتا، مەزمۇت قەدەم بىلەن دۇنياغا يۈزلەنمەكتە، كەلگۈسىگە يۈزلەنمەكتە.

5

خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسىي. كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشى، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشىدا ئەمەل قىلغىنى خەلقنىڭ رايى. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش داۋامىدا خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرۈش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئەڭ ئىللىق چىڭ تۇرۇشى.

بۇ يىل 7 ـ ئايدا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلۈشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ قۇر ـ قۇرلىرىدا «ئادەم» دېگەن خەت كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، پۇقرالىق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىدىن سىياسىي ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگىچە، ئىقتىسادىي ھوقۇق ـ مەنپەئىتىدىن مەدەنىيەت ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگىچە...شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.

3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلدى. بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنىڭ قىممەت ئىنتىلىشىگە سىڭدۈردى.

2020 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى − تارىخ ئەسلى ئاددىي بولغان بۇ كۈننى ئېسىدە ساقلايدۇ. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۇنياغا شىنجاڭنىڭ يەكەن قاتارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئەڭ ئاخىرقى ئون ناھىيەسىنىڭ نامرات ناھىيە قاتارىدىن چېكىنگەنلىكىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدىكى 35 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىق ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلىغان يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش ـ يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۈمىدكە تولغان دالىدا بەخت يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتتى.

ئاممىنىڭ مەنپەئىتىدە كىچىك ئىش بولمايدۇ، ھەربىر ئىش ـ ھەرىكەتكە چىن ھېسسىيات سىڭدۈرۈش كېرەك. بىر يىلدىن بۇيان، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى كۈچلۈك تۇتقىغا ئايلاندى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، كەسىپ ئارقىلىق ئادەمنى خاتىرجەم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق ئادەمنى مۇقىم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ياخشى ئايلىنىش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان ئائىلىنىڭ مۇقىم بەخت ـ سائادىتىگە تىرەك بولدى؛ مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەرقايسى باسقۇچتىكى تۈرلۈك مائارىپ تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلدى، «ئىككىنى كېمەيتىش» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى مائارىپنىڭ ماھىيەتكە قايتقانلىقىنى تېخىمۇ ئۇقتۇردى؛ خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش چىڭ تۇتۇلۇپ، پۇختا تۇتۇلۇپ، ئىنچىكە تۇتۇلۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى يېڭى كەيپىياتقا ئايلاندى... خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ھەربىر خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، بىپايان تارىم ئويمانلىقىدىن ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئالتاي تېغىغىچە، ھەيۋەتلىك پامىر ئېگىزلىكىدىن مۇنبەت ئىلى دەريا ۋادىسىغىچە، شەھەر ـ يېزىلار غايەت زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن، تاغ ـ دەريالار گۈزەللىككە تولغان ھەيۋەتلىك يۆگىمە رەسىم كەڭ يېيىلىپ، توختىماي ئۆزىنى كۈچەيتىش، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشتىن ئىبارەت دەۋر مەدھىيە ناخشىسى ئۇلاپ ئېيتىلماقتا، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئورتاق بېيىشنىڭ ھەيۋەتلىك سىمفونىيەسى ياڭرىتىلماقتا.

خەلق تۇرمۇشى خەلق قەلبىگە تۇتىشىدۇ، خەلق قەلبى خەلق كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى بىلەن خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنى بىرلەشتۈرۈش، قاراشنى ئۆزگەرتىش بىلەن تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەندىلا، چوقۇم خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ ھەم ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغىتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

6

ھەيۋەتلىك تاغلارنىڭمۇ جەزمەن بىر ئاساسىي چوققىسى بولىدۇ، توققۇز باشلىق ئەجدىھانىڭمۇ بىر ئاساسىي بېشى بولىدۇ. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ـ ياخشى ئىشلىيەلمەسلىكنىڭ ئەڭ تۈپ ئاساسى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ قەتئىي كۈچلۈك بولۇش ـ بولماسلىقىدا.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئاچقۇچ پارتىيەدە. 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

بېسىپ ئۆتكەن يوللارغا قايتا نەزەر سالساق، شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن بارلىق تەجرىبە ۋە نەتىجىلەر پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر نامايان قىلدى. «پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى، شۇنداقلا ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشتىكى ئەڭ زور ئىشەنچ.

تاغنى يېرىپ يوللار ئاچتى مەردانە، كەڭ جاھانغا تىرەك بولدى بۇ چوققا. بۇ يىل باھار بايرىمى ئەمدىلا ئۆتۈشىگە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى داۋامىدا غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا كۈچ قوشتى.

بۇ بىر يىلدا، «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى چۆل ـ باياۋان، قارلىق ئېگىزلىكلەردە جەۋلان قىلىپ، يۈكسەك ئېتىقاد، قەتئىي ئەقىدە، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى كوممۇنىستلارنىڭ قان تومۇرىغا، روھىغا سىڭدى.

بۇ بىر يىلدا، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەرىكىتى جەريانىدا، ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا نۇر چاچتى.

بۇ بىر يىلدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە، پارتىيەلىك كادىرلار ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەڭ ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ئارقىلىق ساداقەتمەنلىكىنى شەرھلىدى.

بۇ بىر يىلدا، قەھرىمانلار ۋەتەن باغرىغا سىڭىپ كەتتى، بىز ئىسسىق كۆز ياشلىرىمىز بىلەن دەۋر نەمۇنىچىسى لاچىن بايەكە، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەمۇنىچىسى ليۇ خۇنى ياد ئېتىمىز؛ بۇ بىر يىلدا قەھرىمانلار يېنىمىزدىلا بولدى، بىز ئوتلۇق نەزەرىمىز بىلەن «1 ـ ئىيۇل» ئوردېنىغا ئېرىشكۈچى ۋېي دېيوۋ، مەمەتجان ئۆمەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز...

«مەن توغراق روھىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىمەن» «بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولايلى»... بۇ يىل 8 ـ ئايدىن بۇيان، مەركەزدىن يەرلىككىچە، ھەرقايسى چوڭ ئاساسلىق تاراتقۇلار ئوتتۇرىغا چىقارغان «جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسى» ناملىق يۈرۈشلۈك خەۋەرلەر پۈتۈن جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ كەڭ دىققىتى ۋە قاتنىشىشىنى قوزغىدى. توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا بارلىققا كېلىپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشى ئەۋلادمۇئەۋلاد قۇرغۇچىلارنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقانلىقى، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى. ئۇلۇغ روھ زامان ـ ماكاندىن ھالقىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلاپ، بۇرچنى يەردە قويماي، ئېتىقاد كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە بۇرچ شەرەپلىك، مەسئۇلىيەت ئېغىر، زور، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ.

دېڭىز بىپايان، سەپەر چەكسىز، يەلكەن چىقىرىپ، شامالنى بويلاپ مەنزىلگە يۈرۈش قىلىمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەيلى.

بىزنىڭ مەنزىلىمىز − يۇلتۇزلار ئالىمى، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكىسى − چەكسىز تاڭ نۇرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.