تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر دۇكاندا بىر مەھسۇلات بولۇش نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنى تېخىمۇ جەلپكارلىققا ئىگە قىلدى

9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا نان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن

«بىر يىل ئىلگىرى مەن بۇ يەرگە كېلىپ باققان، بۈگۈن بۇ يەردە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم!» 9 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ليۇ بوۋاي خوتۇنى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا ئايلانغاچ ھاياجانغا چۆمدى، «ھازىر نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى بارغانسېرى جەلپكارلىققا ئىگە بولۇپتۇ».

شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى سانائەت ساياھىتى ئۈلگە بازىسى، شىنجاڭدىكى 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئۈلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى 2018 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى رەسمىي تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، سانائەت، ساياھەت، مەدەنىيەت، يېمەك ـ ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، ناخشا ـ ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش بىر گەۋدە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ساياھەت تۈرىنى بەرپا قىلىشقا كۈچىدى.

«ئىلگىرى بىز يېمەكلىكنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈپ، زامانىۋى زاۋۇت بەرپا قىلغانىدۇق. ھازىر بىز مەدەنىيەت + ساياھەت + سانائەت ئەندىزىسى بويىچە تەرەققىي قىلىۋاتىمىز» دېدى شىنجاڭ چۇاڭبو مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋەن چۇنياڭ.

بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، نان مەدەنىيىتى مۇزېيى، ئاساسلىق ئېكسكۇرسىيە يولى، «نان+» سىناپ بېقىش رايونى، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق 12 رايوننى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەيدان مەنزىرىسى تۇيغۇسى، قاتلام تۇيغۇسى، ھېس قىلىش تۇيغۇسى ۋە زوقلىنىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ مەدەنىيىتى ئامىللىرىنى سىڭدۈردى.

«ئۆزگەرتىلىپ يېڭىلانغان نان مەدەنىيىتى مۇزېيىنىڭ كۆلىمى 600 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى نانغا مۇناسىۋەتلىك 50كە يېقىن يىغىپ ساقلانغان بۇيۇم كۆرگەزمە قىلىندى، شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم يېمەك ـ ئىچمەك مەنزىرىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، زامانىۋى پەن ـ تېخنىكا ئامىللىرى سىڭدۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرگە ناننىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى، شۇنداقلا ئۆزگىچە تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇلدى» دېدى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى گو يۈشى.

مۇخبىر نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئەسلىدىكى ئېكسكۇرسىيە يولىنى رايون مەدەنىيىتى بىناكارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە «ئالدى دۇكان، كەينى مەيدان» كوچا رايونى شەكلىدىكى مەنزىرىگە ئۆزگەرتىپ، باغچە رايونىغا ماكانلاشقان داڭلىق نانچىلىق كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭ مەززىلىك تائاملار ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۆرىدەپ، «بىر دۇكاندا بىر مەھسۇلات بولۇش»نى گەۋدىلەندۈرگەنلىكىنى كۆردى. ساياھەتچىلەر مەززىلىك تائاملارنى تېتىپلا قالماي، يەنە ئەينەك دېرىزىدىن ئىشلەپچىقىرىش، تەييارلاش جەريانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ساياھەت ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرالايدۇ.

«دۇكىنىمىزنىڭ كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى 1000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئەڭ ياخشى بولغاندا 5000 يۈەنگە يېتىدۇ. كۈنجۈت نان، گۈلقەنت نان ۋە لازا نانلىرىنىڭ ھەممىسى قارشى ئېلىنىدىغان تۈر.» شىنجاڭ جاڭشياۋناڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى دۇكىنىنىڭ مال ساتقۇچىسى ۋاڭ جېنفېن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى كۆرۈپ، مەھسۇلات سۈپىتىگە تەبىئىيلا تېخىمۇ يۇقىرى ئىشەنچ ھاسىل قىلالايدۇ.

«مەن ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى نانلارنى سېتىۋېلىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن نان ئېلېمېنتى يۇغۇرۇلغان مەدەنىيەت ئىجادىيەت كىچىك سوۋغاتلىرىنى سېتىۋالدىم، مەسىلەن، يىپەك ياغلىق، ئاچقۇچ ئاسقۇ، ماكې ئىستاكانى قاتارلىقلار.» شىنجاڭغا كاماندىروپكىغا كەلگەن ۋاڭ بو لىق بىر خالتا «شىنجاڭ سوۋغىسى»نى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، شىئەنگە ئېلىپ بېرىپ خىزمەتداشلىرى بىلەن بەھرىلەنمەكچى بولدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى تىجارەت كارخانىسى − شىنجاڭ بەيجيا خېڭچېڭ ساياھەت باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جى جۇڭۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىغا 93 تىجارەتچى ماكانلاشتى، مەھسۇلاتلار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى ھەم توردا ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە سېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«قەشقەر قىزى»نىڭ نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا تىجارەت قىلىۋاتقىنىغا تۆت يىل بولدى، ئاساسلىقى باچكا شورپىسى ئۈگرىسى ۋە چۆچۈرە ساتىدۇ. دۇكان ئىگىسى لەيلى مۇنداق دېدى: نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا ئۆي ئىجارىسىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرلەشمە تىجارەت قىلىش، ئېتىبار بېرىش ئەندىزىسى يولغا قويۇلغاچقا، بۇ يەردە دۇكان ئېچىش بېسىمى يوق دېيەرلىك.

شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائام مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، ئۆزگىچە خاس ماركا يارىتىش ئۈچۈن، نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى قەرەلسىز ھالدا تۈرلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، باغچە رايونىنىڭ كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ، ماركا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى.

«ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىز قولدا نان ۋە يۆبىڭ تەييارلاش تەتقىقات، ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق. ئۈچ كۈندە ئېكسكۇرسىيە قىلغان ساياھەتچى 5000 ئادەم قېتىمغا يەتتى.» ۋەن چۇنياڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بەش تۈرلۈك نان مەدەنىيىتى كاتتا مەرىكىسى پائالىيىتىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.