تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يۇرت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى «قۇملۇق بۈركۈتى»

مۇرات شېرىپجان:​

يۇرت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى «قۇملۇق بۈركۈتى»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

رەھىمسىز زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارغا يولۇققاندا، ئۇ باتۇرلۇق بىلەن ئالدىغا ئۆتىدۇ، خىزمەتداشلىرىغا: «مەن ئالدىدا ماڭاي» دەيدۇ؛ سۆيۈملۈك سەپداشلىرىغا ئۇ ھەممە جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلىدۇ، سەپداشلىرىغا ھەمىشە «ئۆزىڭىزنى ياخشى قوغداڭ» دەيدۇ.

ئۇ، خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مۇرات شېرىپجان.

2000 - يىلى، جۇڭگو خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكى داشۆسىنى پۈتكۈزگەن مۇرات شېرىپجان دېڭىز بويىدىكى شەھەردە قېلىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، يۇرتىغا قايتىپ بىر خەلق ساقچىسى بولدى. ساقچى بولغاندىن بۇيان، مۇرات شېرىپجان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن ئىككى قېتىم شەخسلەر بويىچە 2 - دەرىجىلىك، تۆت قېتىم شەخسلەر بويىچە 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، 2014 - يىلى «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دېگەن نام بېرىلدى، 2015 - يىلى «مەملىكەت بويىچە ئىلغار خىزمەتچى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

شان - شەرەپ ئالدىدا، مۇرات شېرىپجان كەمتەرلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇ شان - شەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئورتاق شان - شەرىپى. خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ياشلىق باھارىم ۋە ئىسسىق قېنىم ئارقىلىق يۇرتۇمنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدايمەن، خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى قوغدايمەن».

بىر قېتىم زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارنى تۇتۇش ھەرىكىتىدە، ساقچىلار جىنايەت گۇماندارىنى تار كوچىغا قىستاپ كىرگەندىن كېيىن، مۇرات شېرىپجان جىنايەت گۇماندارىنىڭ بىر قولىنى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سالغانلىقىنى بايقىدى. بىۋاسىتە سېزىمىگە تايىنىپ بومبا بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدى! مۇرات شېرىپجان سەپداشلىرىغا چېكىنىش بۇيرۇقى بېرىپ، ئۆزى شىددەت بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن جىنايەت گۇماندارىنى بويسۇندۇردى.

«ئاشۇ پەيتتە، مەن ھېچقانداق ئاۋازنى ئاڭلىمىدىم، كۆز ئالدىمدا ئائىلەمدىكىلەرنىڭ چىرايى ئەكس ئەتتى.» مۇرات شېرىپجان ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بىرنەچچە سېكۇنتتىن كېيىن، مەن ئېسىمگە كېلىپ، جىنايەت گۇماندارىنى بىرىنچى ۋاقىتتا بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىنى تەكشۈرۈپ، ئىچىدە ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم.

ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، مۇرات شېرىپجاننىڭ ئەڭ «قورقىدىغىنى»خەلق ساقچىلىرىنىڭ قۇربان بولۇشى، شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ئېھتىياتچان، جەسۇر ۋە كەسكىن خىزمەت ئىستىلىنى يېتىلدۈرگەنىدى.

«ھەربىر دېلونى تەكشۈرگەندە، ئۇ ھامان بۆسۈش نۇقتىسى تاپالايدۇ.» مۇرات شېرىپجاننىڭ يېتەكلىشىگە ئېرىشكەن كۆپلىگەن ياش خەلق ساقچىلىرىنىڭ بىرى، خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ئەنۋەر ئەركىن بۇ ياخشى ئاكىسىنى چىن كۆڭلىدىن ھۆرمەتلەيدۇ.

«ھەر قېتىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا چىققاندا، مۇرات ئاكام بىزنى ئالدىغا ئۆتۈۋېلىشىمىزغا يول قويمايدۇ، كىم بويسۇنمىسا ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلەتتى» دېدى ئەنۋەر.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، مۇرات شېرىپجان باشتىن - ئاخىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، خەلق ساقچىسىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، بىر تۈركۈم چوڭ دېلولارنى، مۇھىم دېلولارنى پاش قىلدى. نۇرغۇن جەڭ مەيدانىنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇ خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن «قۇملۇق بۈركۈتى» دەپ تەرىپلەندى.

«مۇرات شېرىپجان دائىم ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ساقچىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەت بولۇشى كېرەك، قانۇننى پىششىق بىلىپلا قالماي، يەنە جىنايەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، ئىقتىسادشۇناسلىق قاتارلىق بىلىملەرنى ياخشى ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، دەيدۇ. قولىدىكى دېلولارنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ھەمىشە قايتا قاراپ چىقىپ، تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەيدۇ. ئۇ يەنە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەجرىبىسىنى ياش خەلق ساقچىلىرىغا قالدۇرماي يەتكۈزىدۇ ھەم ھەرگىز تەييارلىقسىز جەڭ قىلماسلىق توغرىسىدا قايتا - قايتا ئاگاھلاندۇرىدۇ» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى خۇ يۈلۇڭ.

«ئۇ ھەممە جايدا كەسىپنى مۇھىم بىلىپ، خەلق ئاممىسىنى مۇھىم بىلىپ، خەلق ساقچىسىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى» دېدى مۇرات شېرىپجان بىلەن 20 يىل بىللە ئىشلىگەن خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ئوسمانجان ئەخەت.

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، سادىقلىقنى قەلبكە پۈكۈش. مۇرات شېرىپجان خىزمەتداشلىرىنى يېتەكلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ئىزاھلاپ، ئۆزى سۆيگەن بۇ مۇنبەت تۇپراقنى قوغدىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.