تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەمگەك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

خەلق تارىخنى يارىتىدۇ، ئەمگەك كەلگۈسىنى بەرپا قىلىدۇ. قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، ئەمگەكنى قەدىرلەش، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈش، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىشتەك ئەمگەك روھى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بوران - چاپقۇنغا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ كەلدى؛ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا نەزەر سالساق، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىجادىيەت يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىپ، ئەمگەك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئەمگەك ئىنسانلارنىڭ ماھىيەتلىك پائالىيىتى، ئەمگەك شەرەپلىك، ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ، بۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ مۇھىم شەرھلىنىشى. جۇڭخۇا مىللىتى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىدىغان، ئىجاد قىلىشقا ماھىر مىللەت، دەل ئەمگەك - ئىجاد قىلىش بولغاچقا، بىز شانلىق تارىخقا ئىگە بولدۇق؛ شۇنداقلا دەل ئەمگەك - ئىجاد قىلىش بولغاچقا، بىز بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيەتكە ئىگە بولدۇق. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يەڭنى تۈرۈپ ئىشلەپ، تەر تۆكۈپ جان تىكىپ ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجە يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ ئالىيجاناب، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل دەپ قارايدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى يارىتىپ، «جۇڭگو ئارزۇسى . ئەمگەك گۈزەل» دېگەن يېڭى سەھىپىنى پۈتۈپ چىقتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە... ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى سەپلەردىكى ئاددىي ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەمگەك روھى نۇر چاچماقتا، بۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللەت روھى ۋە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھىنىڭ جانلىق نامايەندىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

«خەلق تۇرمۇشى تىرىشچانلىققا باغلىق، تىرىشچان بولغاندىلا، ھېچنېمىسى كەم بولمايدۇ.» يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇلى بوش، ئاساسى ناچار بولغان ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىغا قارىتا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىدە، ئىنتايىن جاپالىق ئىشلەپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، چۆل - جەزىرىنى بىپايان مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق جابدۇقلىرى بىلەن دۇنيانى تەمىنلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى يېڭىش ئەڭ قىيىن بولغان قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەش ئەمەلىيىتىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما «ئەمگەك بارلىق بەختنىڭ مەنبەسى» دېگەن بۇ ئاددىي ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشەندى ھەم ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەستە چىڭ ساقلايدۇ.

ھازىر، مەۋقەنى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئەمگەك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر قوشۇنى قۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز جەزمەن پەن - مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشى، يېڭى ماھارەت ئىگىلىشى، يېڭى قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ، يېڭى دەۋر شانلىق نەتىجىسى يارىتىشنى پۇختا تىرەككە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشىغا مەدەت بېرىشىمىز ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

ئەمگەك بەختنى يارىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. ئۇلۇغ دەۋردە تۇرۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارغا ئۆزىمىزنى بېغىشلاشتا، بىز تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئەمگەكنى قەدىرلەپ، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ، سەمىمىي ئەمگەك قىلىپ، ياخشى باش قەھرىمان بولۇپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.