تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كىچىك كەنتتە 36 جۈپ «ئانار گۈلى» ئېچىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: «رۇن رۇن ئىنىم، خەن خەن سىڭلىم، جۇڭچيۇ بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! سىلەرنىڭ قەشقەرگە كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن! 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە، ئون ياشلىق ئىمران ھامۇت بىر ياشلىق سىڭلىسىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ سىنغا ئالغان كۆرۈنۈشنى يىراق گۇيلىن شەھىرىدىكى «ئانار گۈلى» قوشماقلاشقان تۇغقىنىغا ئەۋەتىپ بەردى.

9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، «ئانار گۈلى پىلانى» قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ئوبيېكتى تېپىش يازما ھۆججىتى ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقالدى، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ياندۇما يېزىسى ئاياغ چىگەتۇغ كەنتىدىكى يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ئوبيېكتى تاپتى. يازما ھۆججەت چىقىرىلىشى بىلەن، ھەرقايسى جايلار ئارقا - ئارقىدىن ئاۋاز قوشتى. بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدىلا ئىمران ھامۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 قا يېقىن بالا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ 30 نەچچە شەھىرىدىكى بىر قىسىم شەخس، ئائىلە ۋە كوللېكتىپ بىلەن 36 جۈپ «ئانار گۈلى» تۇغقان بولۇپ قوشماقلاشتى.

ئاياغ چىگەتۇغ كەنتى ئىلگىرى مەملىكەت بويىچە ئېغىر نامرات كەنت ئىدى، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، باقمىچىلىق ۋە ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، 2020 - يىلى نامرات كەنت قالپىقىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىۋېتىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«گەرچە نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن كەنتتىكى بىر قىسىم ئائىلىلەر يەنىلا باي - باياشات ئەمەس ئىدى. بولۇپمۇ كەنتتىكى بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇققا ئېرىشىشنى، پۇرسەت بولسا ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشنى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېدى «ئانار گۈلى پىلانى»نى تەشەببۇس قىلغۇچى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىن ئاياغ چىگەتۇغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى جۇ پېڭچېڭ.

تۇغقانلاشقان نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ تېلېفونلاشقان چاغدىكى قىزغىنلىقى ۋە ياخشى نىيىتى كىشىنى تەسىرلەندۈرەتتى. بىر قىسىم ئائىلىلەر ئاكتىپلىق بىلەن تۇغقانلاشقان ئوبيېكتىنىڭ بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى ۋە قىزىقىشىنى سوراپ، بالىلارغا كىيىم - كېچەك، ئوقۇش قوراللىرى قاتارلىق سوۋغاتلارنى تەييارلىدى، يەنە بەزى تۇغقانلاشقان ئائىلىلەر مەخسۇس شىنجاڭغا كېلىپ بالىلارنى يوقلاشنى پىلانلىدى.

جېجياڭ داشۆ تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى كەنتتىكى تۇغما كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىككى بالا بىلەن تۇغقانلاشتى، ئۇلار بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، داۋالىنىشىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى جۇڭچيۇ بايرىمىدا، تۇغقانلاشقان بىر قىسىم ئائىلىلەر يۆبىڭ، قەنت - گېزەك، ئىچىملىك قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئەۋەتتى، پۈتۈن كەنتتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى بايراملىق تىلەكلەرنى تاپشۇرۇۋالدى. سەككىز ياشلىق رايىلە ياسىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «جۇڭچيۇ بايرىمىدا ئاي تولىدۇ، بۇ يەنە جەم بولۇش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. مەن كېلەر يىلى جۇڭچيۇ بايرىمىنى جېجياڭدىكى ئاچام بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن!»

«باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر قايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك، دېدى. بىز بۇ قېتىم شىنجاڭدىكى بالىلار بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەردىكى بالىلارنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش پائالىيىتىنى يولغا قويدۇق، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىشىنى، بالىلارغا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ياشاشنىڭ ئىللىقلىقى ۋە قېرىنداشلىق مېھرىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى جۇ پېڭچېڭ.

ئەڭ كىچىك بىر جۈپ «ئانار گۈلى» بىر ياشتىن ئاشقان شىزاڭلىق كىچىك دوست رۇيساڭ بىلەن ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن مەھلىيا مەخمۇت ئىدى. رۇيساڭنىڭ ئاپىسى ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە پائالىيەتنى كۆرگەندىن كېيىن بىرىنچى ۋاقىتتا تېلېفون قىلدى، ئۇ جۇ پېڭچېڭغا: «شىزاڭ بىلەن شىنجاڭ ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى، ئىككى جايدىكى بالىلار قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشسا، كىچىكىدىن باشلاپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى چېچىلىپ، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولىدۇ» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.