تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مول ھوسۇل مەنزىرىسى ھەممە يەرنى قاپلىدى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مەدھىيە ناخشىسى ياڭرىدى

9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، لوپ ناھىيەسى دول يېزىسىدىكى خەلق مەيدانىدا «مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» باش تېمىسىدىكى 4 - قېتىملىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ئون يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)دىن كەلگەن ھەر مىللەت ئامما شۇ جاينىڭ 40 نەچچە خىل خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتىنى كۆرگەزمە قىلدى. □مەمتىلى ئەنۋەر فوتوسى

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، تونۇشتۇرۇش، مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش بويىچە تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش، دېھقانلارنى كۈزلۈك يىغىم كاتتا مەنزىرىسىنى كۆرۈشكە تەشكىللەش... 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلەشكەن كۈندە 4 - قېتىملىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى قەرەلىدە يېتىپ كەلدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، دېھقانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى، مول ھوسۇل مەدھىيەلەندى، بايراملىق خۇشاللىق ۋە ئەمگەك شادلىقى يەتكۈزۈلدى.

مول ھوسۇل تەبرىكلەندى   مول ھوسۇل مېۋىسى خۇشاللىق بىلەن يىغىۋېلىندى

ھازىر، جىڭ ناھىيەسىنىڭ كۈزلۈك ئالقاتلىرى ئارقا - ئارقىدىن پىشتى. قىپقىزىل ئالقات قۇياش نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇراتتى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىرايىدا مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى داجۇاڭ شىمالىي كەنتىدىكى ئالقات ئۆستۈرۈش بازىسىدا بىر مەيدان ئالقات ئۈزۈش مۇسابىقىسى كەسكىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. رېپېرنىڭ بۇيرۇق بېرىشىگە ئەگىشىپ، 15 ئالقات ئۈزۈش ماھىرى بەلگىلەنگەن رايوندا كەسكىن بەسلەشتى.

ئىككى سائەت مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، خىزمەتچى خادىملار ماھىرلار ئۈزگەن ئالقاتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىدى ھەم ئالقاتنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، رەڭگى، پاكىزلىق دەرىجىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن سېلىشتۇرۇپ باھالىدى. تولى بازىرى داجۇاڭزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى خۇەيتۇڭ مۇسابىقىدە 1 - لىككە ئېرىشتى. «ئالقات ئۆستۈرگەچكە يېڭى ئۆي سالدۇق، ئاپتوموبىل سېتىۋالدۇق، يەنە ئامانەت قويغان پۇلىمىزمۇ بار بولدى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن داۋاملىق تىرىشىپ، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى ئالقات ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپىمەن» دېدى لى خۇەيتۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزىسى بويامەت كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان ئۆزگىچە يېزا - كەنت مەدەنىيەت - ساياھەت سەنئەت بايرىمى ۋە بۇيامەت كەنتىنىڭ ئۈزۈم ئۈزۈش بايرىمى شۇ جايدىكى دېھقانلارنى مول ھوسۇل شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى. ئازاق يېزىسى ئازاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يارمەمەت رىشىت ئۆستۈرگەن ئۈزۈمنىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولغاچقا، پائالىيەتتە تەقدىرلەندى.

يارمەمەتنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈۋاتقىنىغا 25 يىل بولدى، بۈگۈنكى كۈندە كەنتتىكى خېلى نامى بار ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ماھىرىغا ئايلاندى. «بۇ يىل مەن ئۆستۈرگەن ئۈزۈمنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بەش توننىغا يېتىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن» دېدى يارمەمەت خۇشال ھالدا.

ئازاق يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يۈ يۈ مۇنداق دېدى: «ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئائىلىلىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى، بۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلمىي ئۆستۈرۈش ۋە پەرۋىش قىلىشقا بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ».

مول ھوسۇل نامايان قىلىندى   دېھقانلار شادلىققا چۆمدى

9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو لازا ماكانى ساۋەن شەھىرىنىڭ يەنسىخەي بازىرىدا، 10 مىڭ توننا لازا ئاپتاپقا سېلىنىپ، تۇپراقنى قىزىل رەڭلىك «دېڭىز - ئوكيان»غا ئايلاندۇردى. سېرىق رەڭلىك كۆممىقوناق بىلەن كەڭ كەتكەن قىزىل رەڭلىك لازا ئارىسىغا «ھاللىق تۇرمۇش» دېگەن چوڭ خەتلەر تىزىلغان بولۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلار بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق مول ھوسۇل شادلىقىنى ئىپادىلىدى.

بۇ يىل، ساۋەن شەھىرى تاختا لازا، يىپ لازا، قاپاق لازا، پەرەڭ لازىدىن ئىبارەت تۆت يۈرۈش 19 خىل سورتتىكى لازىدىن 52 مىڭ مو تېرىدى. يەنسىخەي بازىرى گۇداۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دوۋ خۇڭيەن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ئائىلىمىز 170 نەچچە مو يەرگە يىپ لازا تېرىدى، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، سۈپىتىمۇ ياخشى بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنىدا ناھايىتى پاكىز ئۈزۈلدى، كاتتا مول ھوسۇل ئالدۇق».

9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى ھالۇئېرىق كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى جەننەتخان قۇدرەت ياڭاقنى ئاپتاپقا سېلىۋاتاتتى. كەڭ يېيىلغان ياڭاققا قاراپ، جەننەتخاننىڭ قەلبى خۇشاللىققا چۆمدى.

«ئائىلىمىزنىڭ سەككىز مو يەردىكى ياڭاقلىرى ئاپتاپقا سېلىنىپ بولدى، بۇ يىل ياڭاقنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولدى، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 5000 يۈەن ئارتۇق سېتىشىمدا مەسىلە يوق» دېدى جەننەتخان ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا.

بۇ يىل، قاراقاش ناھىيەسى 440 مىڭ مو يەردە ياڭاق ئۆستۈردى. شەكىلگە كىرگۈزۈش، چاتاش، ئۇلاپ ياخشىلاش قاتارلىق سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى ھەمدە يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىلىق، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياڭاقچىلىقىدا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بازار ئىستىقبالى بارغانسېرى ياخشى بولدى.

مول ھوسۇلدىن بەھرىمەن بولدى   يېڭى تۇرمۇش ياراتتى

ھەممە يەرگە داڭقى كەتكەن بۇرۇلتوقاي سوغۇق سۇ بېلىقى، رەڭگى كۆركەم ئالقات، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئالتاي قويى... 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكئاغاش يېزىسى ئاقئۆتكەل كەنتىدە «مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» باش تېمىسىدىكى دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى پائالىيىتى باشلاندى. پۈتۈن ناھىيەدىكى ئالتە يېزا - بازاردىكى 63 كەنتنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى يولدىن ئۆتكەنلەرنى توختاپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا، تەمىنى تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلدى.

بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن يۆ مۇنداق دېدى: دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىدىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەنتتىن چىقىپ شەھەرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت.

9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، تېكەس ناھىيەسى كۆكتېرەك يېزىسى كۆكتېرەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يۈسۈپجان ئۆزى ئۆستۈرگەن ئالمىنى ئېلىپ ناھىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

شۇ كۈنى، تېكەس ناھىيەسىدىكى سەككىز يېزا - بازاردىكى 21 كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ 130 نەچچە خىل يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلدى. «مول ھوسۇل بايرىمى دېھقانلارنىڭ بايرىمى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ بايرىمى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئىلمىي ئۆستۈرۈش - پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى ئالمىلارنى ئۆستۈرۈپ، ئىشچان بىر جۈپ قولۇمغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىمەن» دېدى يۈسۈپجان.

(مۇخبىر پەرىزات ئابدۇل، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ تىڭ، رايىدە، جەزىرە نېسىپبېك، سۇڭ ياۋېن، سۇڭ ۋېيگو)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.