تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تىرىشىپ خىزمەت قىلىش  ئەستايىدىل ئەمگەك قىلىش

− ئەمگەك روھى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ يۈەن

ئادەم ھاياتىدا تىرىشچان بولۇشى كېرەك، شۇندىلا ھېچنېمىسى كەم بولمايدۇ.

ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، جۇڭخۇا مىللىتى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، شانلىق مەدەنىيلىكنى ياراتتى، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. 100 يىلغا نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەڭ ئەمگەكچىلەر تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، «جاھان يېڭى قىياپەتكە كىرىش»تەك سەلتەنەتلىك داستاننى پۈتۈپ چىقتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2020 ـ يىللىق مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا ئەمگەك روھىنىڭ «ئەمگەكنى قەدىرلەش، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈش، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش»تەك ئىچكى خاس مەزمۇنىنى مېغىزلىق بايان قىلدى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يېڭى مۇساپىدە ئەمگەك روھى مۇقەررەر ھالدا بارلىق ئەمگەكچىلەرنى جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق ھاسىلاتقا ئېرىشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

«سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن»

− ئەمگەك ئۇلۇغ ئارزۇغا تۇتىشىدۇ

شىمالىي شەنشىدىكى نەننىۋەندە يەنئەن چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتى خاتىرە مۇنارى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. مۇناردىكى «ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلىسەك، كىيمىمىز پۈتۈن، قورسىقىمىز توق بولىدۇ» دېگەن سەككىز خەت ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تىركىشىش باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ غالجىرلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشى ۋە كەڭ كۆلەملىك «تازىلاش» ئېلىپ بېرىشى، گومىنداڭ جاھىللىرىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن مۇھاسىرىگە ئېلىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامال قىلىشى سەۋەبلىك، شەنشى ـ گەنسۇ ـ نىڭشيا چېگرا رايونى ھەم ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھەرقايسى تايانچ بازىلارنىڭ مالىيە، ئىقتىسادىدا ئىنتايىن چوڭ قىيىنچىلىق كۆرۈلۈپ، بىرمەھەل ئاشلىق تۈگەپ قېلىش، ماي تۈگەپ قېلىش، قەغەز تۈگەپ قېلىش، كىيىم تۈگەپ قېلىش، خىراجەت تۈگەپ قېلىشتەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

خەتەرلىك قىيىن پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چېگرا رايوندىكى ئارمىيە ـ خەلقنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە چاقىرىق قىلدى. «كۈچ» قەيەردە؟ كەڭ ئەمگەكچىلەر ئارىسىدا!

بىر مەيدان قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە قانات يايدۇرۇلدى − 1941 ـ يىلى ئەتىيازدا، سوغۇق شامالغا قارىماي، 359 ـ لۈنىڭ جەڭچىلىرى مىلتىقىنى مۈرىسىگە ئېسىپ، قولىغا جوتۇنى ئېلىپ، نەننىۋەنگە كېلىپ بوز يەر ئاچتى. كەڭ ئارمىيە ـ خەلق كۆتۈرەڭگۈ ئەمگەك قىزغىنلىقى بىلەن ئادەم ئاياغ باسمىغان «لەننىۋەن»نى زىرائەتلەر بولۇق ئۆسكەن، كالا ـ قويلار توپ ـ توپ ئوتلىشىپ يۈرىدىغان «شىمالىي شەنشىدىكى ياخشى جياڭنەن»گە ئايلاندۇردى.

يىپ ئېگىرىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرا رايوندىكى ئارمىيە ـ خەلق ئوڭۇشسىز ئەھۋالدا ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، كىيىمىنى پۈتۈن، قورسىقىنى توق قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ، قەھرىمانلىق بىلەن كۈرەش قىلدى. ماۋ زېدۇڭ: «بۇ، جۇڭگو تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان مۆجىزە» دەپ كۆرسەتتى.

ئەمگەك ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ كۈچ، ئۇلۇغ ئارزۇغا تۇتاشقان ئىلگىرىلەش پەلەمپىيى.

سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئۇرۇش ئوتى يالقۇنجىغان ئىنقىلاب يىللىرىدىن قىزغىن قۇرۇلۇش يىللىرىغىچە، يەنە قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان ئىسلاھات چوڭ دولقۇنىغىچە، ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما باشتىن ـ ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ، جاپالىق ئەجرى ۋە ئەقىل ـ پاراسىتى ئارقىلىق «بىز ئىشچىلارنىڭ كۈچى بار» دېگەن ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭراتتى −

پېشقەدەم ئىشچى مېڭ تەي ئىشداشلىرىنى باشلاپ ئۈسكۈنىلەرنى ھەدىيە قىلىپ، تاپشۇرۇپ، قار ـ مۇزلارنى يېرىپ كېرەكسىز، كونا زاپچاسلارنى يىغىپ، دۆلەتنىڭ بىر پۇڭ پۇلىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ، ئەنشەن پولات ـ تۆمۈر گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى مەشھۇر «مېڭ تەي ئامبىرى»نى قۇرۇپ چىقتى؛ سانائەت ئىشچىسى شۈ جېنچاۋ بەن ـ گۇرۇپپىنى باشلاپ «بىر ئىلمەك بىلەن دەل ئېلىش» «بىر ئىلمەك بىلەن پاكىز ئېلىش» «ئاۋاز چىقارماي مەشغۇلات قىلىش» قاتارلىق ماھارەتلەرنى مەشىق قىلىپ يېتىلدۈرۈپ، كونتېينېرنى قاچىلاش ـ چۈشۈرۈش دۇنيا رېكورتىنى كۆپ قېتىم يېڭىلىدى؛ ئالەم قاتنىشى پەن ـ تېخنىكىسى «چاڭئې» كوللېكتىپى باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئاينى تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش سۈنئىي ھەمراھى − چاڭئې 1 ـ نومۇرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى ... ئابىدىلەرگە ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ مىنۇت ـ سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق ياراتقانلىق سىيماسى ئويۇلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دەل ئەمگەك − ئىجاد قىلىش بولغاچقا، بىز شانلىق تارىخقا ئىگە بولدۇق؛ شۇنداقلا ئەمگەك − ئىجاد قىلىش بولغاچقا، بىز بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەتكە ئىگە بولدۇق».

«بارلىق بەخت ئەمگەك ۋە ئىجاد قىلىشتىن كېلىدۇ»

− ئەمگەك قالتىس كىشىلىك ھاياتنى پۈتىدۇ

بۇ ئالاھىدە ئىشلەنگەن بىر جۈپ ئەمگەك مۇھاپىزەت ئايىغى: ئاياغنىڭ ئۇچىدا پولات تاختا بار، تېگىدە پولات مىخ بار بولۇپ، ئاياغنىڭ چەمى تەخمىنەن ئىككى سانتىمېتىر قېلىنلىقتا. ئىككى يىل بولمايلا، ئاياغنىڭ چەمى يەنىلا ئۇپراپ كەتتى. بۇ بىر جۈپ ئاياغ چەي شەنشەننىڭ «چاقناپ تۇرغان» كۈرەشچان ھاياتىغا گۇۋاھ بولدى.

2004 ـ يىلى، چەي شەنشەن پوسۇلكا يۈدۈدىغان ئالماشتۇرۇپ توشۇغۇچى بولدى، ئۇ ھەر كۈنى 3000 خالتىدىن ئارتۇق پوسۇلكىنى يۈدۈيتتى. ئۇ قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا شۇ كەسىپنى سۆيدى، شۇ كەسىپنىڭ ئەھلىگە ئايلاندى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كەسپىي ئىقتىدارى ۋە جاپاغا چىداش روھىغا تايىنىپ، ئۇ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پوچتا سىستېمىسىدىكى ئىلغار شەخس، شاڭخەي شەھىرى بويىچە مۇنەۋۋەر ياش زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولدى، ھەم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

ۋەيمەي توشۇغۇچى سۇڭ زېڭگۇاڭ، «چۆپ تارتقۇچى» خەن مۇخەيمەي، «كىچىك تامچى» زۇۋ بىن... ئۇلارنىڭ قارىماققا «اناھىتىي ئوڭۇشلۇق» كۆرۈنىدىغان كىشىلىك ھاياتىنىڭ ئارقىسىدا تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

بارلىق بەخت ئەمگەك ۋە ئىجادىيەتتىن كېلىدۇ. كۈرەش قىلىش يولىنى ئەسلىسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنى يېتەكلەپ، ئەمگەك ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسىغا تىرەك بولدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، ئەمگەكچىلەر پۇختا قەدەم بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قىلچە بوشاشماي جان تىكىپ ئېلىشىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ بەختلىك يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويدى −

چۇڭچىڭ شەھىرى ۋۇشەن ناھىيەسى جۇشيەن يېزىسى شياجۇاڭ كەنتىنىڭ پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى ماۋ شياڭلىن يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تىك قىيادا سەككىز كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «قىيادىكى كۆككە تاقاشقان يول»نى قېزىپ ياساپ، ئاممىنى يېتەكلەپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، بېيىش يولىغا ماڭدى؛ «خەلق نەمۇنىچىسى»، تەيخاڭشەن تېغىدىكى «يېڭى يۈگۇڭ» لى باۋگو تەيخاڭشەن تېغىدا 35 يىل يىلتىز تارتىپ، جاپالىق ئەمگىكى ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق دېھقانلارغا باي ـ باياشاتلىق ۋە ئۈمىد بېغىشلىدى...

«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتا تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا ئەمگەككە، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىجادىيىتىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ.

«ئەمگەك كەلگۈسىنى يارىتىدۇ»

− ئەمگەك قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش كۈرەش قىلىشقا كۈچ قوشىدۇ

0.00068 مىللىمېتىرلىق پىششىقلاش ئومۇمىي پەرقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ چاچ دىيامېتىرىنىڭ 125\1ىگە تەڭ بولۇپ، رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوكمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ.

كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بۇ پىششىقلاش ئومۇمىي پەرقى فاڭ ۋېنمونىڭ قولىدىن چىققان. ئاۋىياتسىيە سانائىتى شېنياڭ ئايروپىلان سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ باش ماھارەت مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە نۇرغۇن كىشى مېنى بۇ كەسىپنى قىلىشقا ماس كەلمەيسەن دېدى، لېكىن مەن تاللىغان ئىكەنمەن، چوقۇم ئەڭ ياخشى قىلىشىم كېرەك.» ئۇ «ئەڭ ياخشى»نى قوغلىشىش غەيرىتىگە تايىنىپ، سىلىقلاش ئېنىقلىق دەرىجىسى چېكىگە ئۈزلۈكسىز جەڭ ئېلان قىلىپ، «ۋېنمو ئېنىقلىق دەرىجىسى»نىڭ داڭقىنى كەسىپ ئىچىدە تونۇتتى.

بىر پارچە پولات تاختىنى قانچىلىك دەرىجىدە نېپىزلەتكىلى بولىدۇ؟ تەييۈەن پولات ـ تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ داتلاشماس پولات «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات»نى تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپى ئۈزلۈكسىز يېڭى جاۋابلارنى بەردى.

2018 ـ يىلى 700 نەچچە قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، 175 ئۈسكۈنە قىيىن مەسىلىسى، 452 تېخنولوگىيە قىيىن مەسىلىسىنى ھۇجۇم قىلىپ ھەل قىلغاندىن كېيىن، بۇ كوللېكتىپ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان 0.02 مىللىمېتىرلىق «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات» مۇۋەپپەقىيەتلىك دۇنياغا كېلىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئالىي، سەر خىل، ئىلغار ساھەلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ماتېرىيال قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى؛ بۇلتۇر، كوللېكتىپ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى چەكنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئەينەكتەك پارقىراق، قاتتىق، قېلىنلىقى 0.015 مىللىمېتىر كېلىدىغان «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات»نى پىروكاتلاپ چىقتى...

كوللېكتىپنىڭ تېخنىكى لياۋ شى مۇنداق دېدى: «يېڭىلىق يارىتىش دېگەن نېمە؟ باشقىلار قىلالمىغاننى قىلىش، مۇمكىن بولماسلىققا جەڭ ئېلان قىلىش دېگەنلىكتۇر!»

ئەمگەكچىلەرنىڭ لۇغىتىدە «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆز يوق. فاڭ ۋېنمو، تەييۈەن پولات ـ تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپىغا ئوخشاش سانسىزلىغان ئەمگەكچىلەر ۋە كوللېكتىپلار تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجە يارىتىش، باتۇرلۇق بىلەن، يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش ئىرادىسى بىلەن ئەمگەك روھىغا مول دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى قوشتى.

2020 ـ يىللىق مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر قوشۇنى قۇرۇش» چاقىرىقىنى چىقىرىپ، «يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىش غەيرىتى، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇش شىجائىتى، جۇشقۇنلۇق بىلەن ئالغا ئىنتىلىش جاسارىتىنى نامايان قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئەمگەكچىلەرگە كۈرەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئەمگەك كەلگۈسىنى يارىتىدۇ، كۈرەش ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، قەدىمىي بۈيۈك جۇڭگو زېمىندا، ئارزۇ ۋە ئۈمىد يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. كەڭ ئەمگەكچىلەر جەزمەن ئۇلۇغ ئەمگەك روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، «جاپالىق تەر ئاققۇزۇپ ئىشلەش» غەيرىتى بىلەن، كۈرەش قىلىشنى قەلەم، تەرىنى سىياھ قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.