تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى يېڭى مۇساپىدە جۇلالاندۇرايلى

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

بىر خىل روھ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، مەڭگۈ داۋاملىشىپ ۋە ۋارىسلىق قىلىنىپ، مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان ئەمگەكچىلەرنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە؛ بىر خىل روھ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەي، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان يېڭى مۇساپىدە شانلىق نۇرىنى جۇلالاندۇرماقتا. بۇ دەل «ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەش، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجە يارىتىش، جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، دادىل يېڭىلىق يارىتىش، نام ـ مەنپەئەت قوغلاشماسلىق، ئۆزىنى بېغىشلاشقا جۈرئەت قىلىش»تىن ئىبارەت ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىدۇر، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى ئاددىي ئەمگىكى ئارقىلىق قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتقان ھەربىر ئەمگەكچىنىڭ ھەممىسى بۇ خىل روھنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى، ئەۋج ئالدۇرغۇچى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى مىللەتنىڭ سەرخىللىرى، خەلقنىڭ ئۈلگىلىرى، جۇمھۇرىيەتنىڭ تۆھپىكارلىرى.» ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى مىليونلىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى، ئۇلار ئالدىدا ئويلاپ، ئالدىدا مېڭىپ، ئالدىدا ئىشلەپ، جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلايدۇ. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى جۇڭگو خەلقىدە بار بولغان ئۇلۇغ ئىجادچانلىق روھى، ئۇلۇغ كۈرەش روھى، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھى، ئۇلۇغ ئارزۇ روھىنى جانلىق شەرھلىدى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھى ۋە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى تولۇق نامايان قىلدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردىن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى كۆپلەپ چىقتى، «جان تىكىپ بولسىمۇ چوڭ نېفىتلىكنى بويسۇندۇرىمىز» دېگەن «تۆمۈر ئادەم» ۋاڭ جىنشىدىن خەلق ئۈچۈن توختىماي خىزمەت قىلىدىغان «ئاممىۋى ئاپتوبۇس سېپىنىڭ قوغدىغۇچىسى» لى سۇلىغىچە، يەنە «ئۆزى بىر ئادەم جاپا تارتىپ، مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان ئائىلىگە قولايلىق ئېلىپ كەلگەن» «يېڭى دەۋردىكى لېي فېڭ» شۈ خۇغىچە... نۇرغۇن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنىغا قويۇپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئاددىي كۈنلەردە قالتىس ھېكايىلەرنى يېزىپ چىقىپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتتى. مەيلى دەۋر قانداق ئۆزگەرسۇن، ئەمگەك قىممەت يارىتىدىغان، كۈرەش ئارزۇنى روياپقا چىقىرىدىغان داۋلى ئۆزگەرمەيدۇ. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان ئەمگەكچىلەرنى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئۈن ـ تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا يېتەكلىمەكتە.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىمۇ زور بىر تۈركۈم ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ئىجاد قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ تەسىرلىك سەھىپىلىرىنى پۈتمەكتە. شىۋىرغانغا قارىماي ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى قوغدىغان «پامىر بۈركۈتى» لاچىن بايەكە، تېخنىكىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ تۆمۈريول ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلىرىنى رېمونت قىلغان «تۇنجى كىشى» جيا يۇڭچىڭ، تېخنىكا يېڭىلاشقا ئىشتىياق باغلىغان نېفىتلىكتىكى «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋىنى» تەن ۋېنبو... دەل مۇشۇنداق زور بىر تۈركۈم ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلىگەچكە ۋە تۈرتكە بولغاچقا، شىنجاڭ تۇپرىقىدا كەينى ـ كەينىدىن جاھان مۆجىزىلىرى يارىتىلىپ، جەمئىيەت قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

بۇ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ جىسمىدىن بىز ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەيدىغان، ھارماي ـ تالماي ئىزدىنىدىغان كەسىپ ئىنتىلىشىنى، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجە يارىتىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدىغان مەنىۋى كۈچنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇلار ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە ئىجادىي ئەمگىكى ئارقىلىق تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى ياراتتى؛ ئۇلار «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن مەنىۋى مەنزىل ئارقىلىق، ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىپ، پايدا ـ زىيان بىلەن ھېسابلاشماي، نام ـ مەنپەئەت قوغلاشماي، ئۆزىنى بېغىشلاشقا جۈرئەت قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەڭ روشەن مەنىۋى ئاساسىي رېڭىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك يۈكسەك ئىنتىلىشنى نامايان قىلدى.

«دۇنيادا جاپاسىز ئىش يوق. كەلگۈسى قانچە گۈزەل بولغانسېرى، بىزنىڭ شۇنچە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.» سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، يېڭى دەۋر كۈرەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بۇرغىسى ئاللىقاچان چېلىندى. ئەخلاقلىق كىشىلەرنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇلاردىن ئۆگىنىش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى. يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلار ۋە ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا ئوخشاش قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانساق، شۇ كەسىپنى سۆيۈپ، شۇ كەسىپكە بېرىلىپ، شۇ كەسىپتە پىشىپ يېتىلىپ، ھەربىر كىچىك ئىشنى ياخشى قىلىش، ھەربىر ۋەزىپىنى تاماملاش، ھەربىر مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش داۋامىدا روھنى نامايان قىلىپ، ئارزۇ گۈللىرىنى قان ـ تەرىمىز بىلەن سۇغىرىپ، بىر جۈپ قولىمىز بىلەن گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.