تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

بورتالا ئوبلاستى:

كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ساياھەتچىلەر بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسى جۇكىن كەنتىدە سەيلە قىلماقتا. بۇ كەنت ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بورتالا ئوبلاستى خۇيلىپۇ ئېلېكتىرون پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزەك ياساش زاۋۇتىدا، بۇ يىل 6 ـ ئايدا يېڭىلا ئىشقا چۈشكەن خىزمەتچى تاڭ جىيۇڭ ماشىنىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق نۇر چىقىرىش ئۆزىكىنى ئەستايىدىل پىششىقلاۋاتاتتى. 2018 ـ يىلى بورتالا شەھىرىگە ماكانلاشقان بۇ كارخانا 500دىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

بۇ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ياساش، ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەرگە تايىنىپ، يېزىلاردىكى 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمچانلىقىنى سىجىل ئاشۇردى. «13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، شەھەر ـ بازارلاردا 66 مىڭ 500 ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 328 مىڭ 200 ئادەم قېتىم يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ تەسىرلىك يۆگىمە رەسىمى بورتالا ئوبلاستى تۇپرىقىدا ئاستا ـ ئاستا كەڭ يېيىلدى.

ئۇۋا ياساپ سۇمۇرغ جەلپ قىلىش كارخانىلارنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش

توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ياساش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر بىرقەدەر كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بورتالا ئوبلاستى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ چېگرا ھەمكارلىق رايونى دېيىلىدۇ)نى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

بۇ يىل 2 ـ ئايدا، چېگرا ھەمكارلىق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بورتالا شەھىرى چېگرا ھەمكارلىق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى رامكىسىدا، بورتالا شەھىرىدىكى ۋۇتەي سانائەت باغچە رايونى، شەرقىي سانائەت باغچە رايونى ۋە جىنسەنجياۋ سانائەت باغچە رايونىنى تەڭشەپ، بىرلىككە كەلگەن باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇپ، چېگرا ھەمكارلىق رايونىنى باشلامچى قىلىپ، بىر رايون، ئۈچ باغچە قىلىپ بىرىكتۈرۈپ، ئوخشاش بىر باشقۇرۇش كوللېكتىپى بىرتۇتاش باشقۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرتۇتاش سودىگەر چاقىرىشتەك يۈرۈشۈش ھالىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باغچە رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنى پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يولغا قويۇپ، بىرلىشىپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردى.

چىنار دەرىخى تىكىلىپ، ئالتۇن سۇمۇرغ جەلپ قىلىندى. چېگرا ھەمكارلىق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېي سۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە باغچە رايونىغا ماكانلاشقان كارخانا 200دىن ئېشىپ، زامانىۋى ئېلېكتىرون، ئالتۇن پىششىقلاش، تاش ماتېرىياللىرى بويىچە ئايلانما ئىقتىساد ۋە توقۇمىچىلىق قاتارلىقلار يېتەكچى قىلىنغان كەسىپ ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى. تېخىمۇ كۆپ كارخانا چېگرا ھەمكارلىق رايونىغا ماكانلىشىپ، بىرقەدەر كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، باغچە رايونىدا نۆۋەتتە بار بولغان سانائەت ئىشچىسى 23 مىڭدىن ئاشتى.

شۆھرەت ئۆمەرجان بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، بۇ يىل بورتالا شەھىرى شۇندا ئېلېكتىرون پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە يېڭىلا خىزمەتكە چۈشكەنىدى. «بۇ يەرنىڭ تەمىناتى ياخشى ئىكەن.» ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تەييارلاندىم».

«شىركىتىمىز نۆۋەتتە 500 ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، كېيىنكى مەزگىلدە بىز ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى لى فېيلۇڭ.

ئۈچ كەسىپ يۇغۇرۇلۇش كەنت ئاھالىلىرى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش

9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرى تېرىمبۇلاق كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ موشاڭشىڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىدە، يېپيېڭى پىششىقلاش ئۈسكۈنىلىرى توختىماي ئايلىنىۋاتاتتى، ئىشچىلار پىششىقلانغان يېپىشقاق كۆممىقوناقنى تاللاپ تۈرگە ئايرىش، ئوراپ قاچىلاپ ئامبارغا كىرگۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

«زاۋۇت ئۆيىمىزگە ناھايىتى يېقىن، توكسىكلىت مىنىپ ئون مىنۇتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، مەن بۇ يەردە ئىشلىسەم بىر ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمەن» دېدى شويىڭپەن بازىرى داڭخارتبۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پېي شيۇفاڭ.

شويىڭپەن بازىرى بورتالا شەھىرىدىكى ئاساسلىق كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، شۇ جايدا كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ كۆممىقوناق پىششىقلاش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا نۇرغۇن ئەۋزەللىككە ئىگە.

شىنجاڭ موشاڭشىڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى گو جىنجۈن مۇنداق دېدى: بۇ زاۋۇت بۇ يىل 5 ـ ئايدا قۇرۇلۇپ، 8 ـ ئايدا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، تېز توڭلىتىلىدىغان يېپىشقاق كۆممىقوناق، ۋاكۇئۇملۇق كۆممىقوناق قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى ئۆز جايىدىلا ماتېرىيال ئېلىپ ئىشلەپچىقىرىدۇ، كۈنىگە 60 توننا ئەتراپىدا كۆممىقوناق پىششىقلايدۇ. «ھازىر زاۋۇتتا 100دىن ئارتۇق ئىشچى بار، كېلەر يىلى بىز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، كۈندىلىك پىششىقلاش مىقدارىنى 200 توننا ئەتراپىغا يەتكۈزۈپ، شۇ جايدىكى تېخىمۇ كۆپ دېھقان ـ چارۋىچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى ئۇ.

«يېزىلاردىكى 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇش يۈزلىنىشىدە، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرى كۆپىيىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرى ئۇزارسا، يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ» دېدى بورتالا ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جۇ شياۋمىڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، گۆش كالىسى، كۆممىقوناق، ئالقات قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈشنى ئاساس، ئىنچىكە پىششىقلاشنى باشلامچى قىلغان ئەۋزەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى. نۆۋەتتە، بورتالا ئوبلاستىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى 280دىن ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئېففېكتى كۆرۈنەرلىك بولدى.

ساياھەتچىلىك گۈللىنىش قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى «جەڭگىۋار قوشۇن»غا ئايلىنىش

سەھەردە، سايرام كۆلىنىڭ كۆل يۈزى قۇياش نۇرىدا جىمىرلايتتى، ئارشاڭ ناھىيەسى دالىمتى يېزىسى بۆگدۆر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇربات سۇ ئۆتمەس ئىشتان كىيىپ، بېلىق تۇتۇش كېمىسىگە چىقىپ بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى.

تۇربات شىنجاڭ سايرام كۆلى بېلىقچىلىق پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى، ئۇ 2012 ـ يىلىدىن باشلاپ بۇ شىركەتتە ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىم قىلىدۇ.

سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىغا ساياھەتچىلەر توپلىشىدىغان بولۇپ، بۇ، سايرام كۆلى بېلىقچىلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ چوڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈپ، شۇ جايدىكى تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

بورتالا ئوبلاستىدا مۇزلۇق، قارلىق تاغ، ئورمان، سۇلۇق يەر، قۇملۇق، ئوتلاق، كۆل، دەنشيا يەر شەكلى قاتارلىق مول تەبىئىي مەنزىرىلەر بار، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق بىللە ياشاپ، كۆپ مەنبەلىك شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان، نۇرغۇن ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقى ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.

«13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، بورتالا ئوبلاستى جەمئىي 34 مىليون 30 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇ «12 ـ بەش يىل» مەزگىلىدىكىنىڭ 3.3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە، بورتالا ئوبلاستى جەمئىي 13 مىليون 539 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %119.4 ئاشقان؛ 11 مىليارد 440 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %170.5 ئاشقان.

ساياھەتچىلىك گۈللىنىپ، نۇرغۇن كەسىپنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بورتالا ئوبلاستىدا ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر «جەڭگىۋار قوشۇن»غا ئايلاندى. ئارشاڭ ناھىيەسىدە، تۇرباتقا ئوخشاش، ساياھەتچىلىككە تايىنىپ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 13 مىڭ 400 كىشىگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.