تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇل يولداشلارغا ياڭ جېننىڭنى يوقلاشنى ھاۋالە قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇل يولداشلار 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چىڭخۇا داشۆگە بېرىپ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، داڭلىق فىزىكا ئالىمى ياڭ جېننىڭنى يوقلاپ، شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى، شى جىنپىڭنىڭ ئۇنىڭ 100 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى، تېنىنىڭ ساغلام، ئۆمرىنىڭ ئۇزاق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەنلىكىنى يەتكۈزدى.

ياڭ جېننىڭ 1922 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى ئەنخۇي خېفېيدا تۇغۇلغان، 20 ـ ئەسىرنىڭ 40 ـ يىللىرىدا ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1957 ـ يىلى، ئاجىز ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا تەڭ ۋالېنتلىق ساقلانماسلىق پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، لى جېڭداۋ بىلەن بىللە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان « ياڭ ـ مىللىس ئۆلچەم مەيدانى» نەزەرىيەسى 20 ـ ئەسىردىكى فىزىكا ئىلمى بويىچە ئەڭ مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 2003 ـ يىلىدىن باشلاپ، ياڭ جېننىڭ ۋەتەنگە قايتىپ ئولتۇراقلاشقان ھەم چىڭخۇا داشۆدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە توپلاش، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ ئىلىم ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم تۆھپە قوشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.