تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز 3 مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچى كۈتۈۋالدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىدىن 3 مىليون 201 مىڭ 500 ئادەم قېتىم كۈتۈۋالغان، 2 مىليارد 190 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتقان. جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىدە ئۈچ ئالاھىدىلىك نامايان بولغان.

پائالىيەت كۆپ بولدى. 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا جىغان مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمىدىكى «بۇلاق ناھىيەسى ئۇچتۇرپان . ئۈزۈم پىشتى» مول ھوسۇل ئېلىش - ئۈزۈم ئۈزۈش بايرىمى ئاقيار بازىرىدىكى شىنشىيۈەن ئۈزۈمچىلىك بازىسىدا باشلاندى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، مېۋىلەرنى تېتىپ، مول ھوسۇل شادلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى؛ شۇ كۈنى «لەززەتكە تولغان قارلىق شەھەر ئالتاي» 2 - نۆۋەتلىك ئالتاي مەززىلىك تائام مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى ئالتاي شەھىرىدىكى خوتەن كەچلىك بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئون چوڭ داڭلىق يېمەك - ئىچمەك كۆرگەزمە رايونىدا ئۆزگىچە ئەتكەنچاي، قورداق، ئاشەن موگۇسى، شاۋۇرشەن دۈملەنگەن قوي گۆشى كۆرگەزمە سۇپىلىرىنىڭ ئالدى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، كۆپچىلىك مەززىلىك تائاملارنى تېتىغاچ پىكىر ئالماشتۇردى؛ لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى «جۇڭچيۇدا دالىدا قونۇپ ئاي تاماشا قىلىش. گۈلخان كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ئۆتكۈزدى، ساياھەتچىلەر توغراقلىقتىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە قۇملۇقتىكى بىر مەيدان كۆرۈش - ئاڭلاش كاتتا مەرىكىسىدىن ھۇزۇرلاندى؛ پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونى «قۇملۇقتا بايلىق ئىزدەش ئېكسپېدىتسىيەسى»، قۇم ھەيكەل DIY قاتارلىق مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى...

ئېتىبار كۆپ بولدى. شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى ئايغا قاراپ بەخت تىلەش پائالىيىتىنى يولغا قويدى، ساياھەتچىلەر خىزمەتچى خادىملار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، «ئاي» توغرىسىدىكى ئۈچ مىسرالىق شېئىر دېكلاماتسىيە قىلسا، ھەقسىز بىر تال يۆبىڭگە ۋە بىر قېتىملىق مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ؛ خوشۇت ناھىيەسى جىنشاتەن مەنزىرە رايونى كىرىش بېلىتى ھەربىر كىشىگە 35 يۈەن، ئارىلىق ئاپتوموبىلىنىڭ بېرىپ - كېلىش باھاسى ھەربىر كىشىگە بەش يۈەن بولۇشتەك ئېتىبار باھانى يولغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بالىلار، ئوقۇغۇچىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەر، ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلار قاتارلىق تۈرلۈك كىشىلەر توپىغا ئېتىبارلىق بېلەت باھاسىنى يولغا قويدى...

ئائىلە كۆپ بولدى. ئۈرۈمچى نەنشەننەن مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى گۈلتاي مۇنداق تونۇشتۇردى: دەم ئېلىش مەزگىلىدە نۇرغۇن ئائىلە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مەنزىرە رايونىغا كېلىپ سەيلە قىلىشنى تاللىدى؛ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ «تىيانشاندىن چىقتى تولۇنئاي» جۇڭچيۇ بايرىمىلىق پائالىيىتى ئائىلىنى بىرلىك قىلغان ساياھەتچىلەرنى قاتنىشىپ، ھەمتۈرتكە بولۇشقا جەلپ قىلدى، «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى فېيخۇالىڭ خەت ئويۇنى، پانۇس تېپىشمىقى تېپىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇق، ياشانغانلار، بالىلار ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئوينىدى» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى جيا جيا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.