تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەش، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجە يارىتىش

​− ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فەن شى

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى كىم؟

ئۇلار مىللەتنىڭ سەرخىللىرى، خەلقنىڭ ئۈلگىلىرى، جۇمھۇرىيەتنىڭ تۆھپىكارلىرى.

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى دېگەن نېمە؟

بۇ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەش، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجە يارىتىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، نام - مەنپەئەتكە بېرىلمەسلىك، ئۆزىنى بېغىشلاشتۇر.

2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى مېغىزلىق يىغىنچاقلاپ: ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنى بوران - چاپقۇنغا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، دەپ كۆرسەتتى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەش، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجە يارىتىش

− ئۆزگەرمەس كۈرەش قىلىش ئاساسىي رېڭى

ئۇلۇغلۇق ئاددىيلىقتىن كېلىدۇ، قەھرىمانلار خەلق ئارىسىدىن كېلىدۇ.

پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلابىي كۈرەش قىلىش داۋامىدا، تۈركۈم - تۈركۈم «ئەمگەك قەھرىمانلىرى» بارلىققا كەلگەن، «چېگرا رايون ئىشچىسى» جاۋ جەنكۈي نەم پاختىلىق چاپاننى كىيىپ 2000 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ئىسسىقلىقتىكى پېچ ئالدىدا خىزمەت قىلغان، ئۇ كۈنبويى چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتسىمۇ، ھەرگىز ۋايساپ باقمىغان؛

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولغان جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپى پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش دولقۇنىغا ئاتلانغان، داچىڭدىكى «تۆمۈر ئادەم» ۋاڭ جىنشى «20 يىل ئاز ياشاشقا رازىمىزكى، جان تىكىپ بولسىمۇ چوڭ نېفىتلىكنى بويسۇندۇرىمىز» دەپ جاراڭلىق قەسەم بەرگەن؛

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بۇرغىسى چېلىندى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىدى، كەسىپ ئىشچىسى شۈ جېنچاۋ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتە قېتىم كونتېينېرنى قاچىلاش - چۈشۈرۈش دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان «جېنچاۋ ئۈنۈمى»نى ياراتتى؛

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى، بارغانسېرى كۆپلىگەن بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى، «ئالتۇن قول كەپشەرچى» گاۋ فېڭلىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 90 نەچچە راكېتانىڭ «يۈرىكى»نى كەپشەرلىدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرىنى كەپشەرلەشتىكى 200 تۈردىن ئارتۇق قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئالەم قاتنىشى - ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋىنى»گە ئايلاندى؛

...

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ جىسمىدا باش قەھرىماننىڭ ئىزچىل كۈچلۈك بولغان كەسىپچانلىق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدىغان قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئېگىلمەس - سۇنماس پەزىلىتى، ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.

1950 - يىلىدىن بۈگۈنگىچە، دۆلىتىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 16 قېتىم تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى، تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، جۇڭگو تۆمۈريول گۇرۇھى 4 - چارلاش - لايىھەلەش يۇرتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى شياۋ مىڭچىڭنىڭ قارىشىچە، «بىر ئىشقا كۆڭۈل قويغاندا شۇ ئىشتا كامالەتكە يەتكىلى بولىدۇ؛ بىر كەسىپكە كۆڭۈل قويغاندا شۇ كەسىپتە نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ» بۇ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىكىدىكى ئەمگەكچىلەر باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەسلىي مەقسەتتۇر.

30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، شياۋ مىڭچىڭ بىر ئاددىي تېخنىك خادىمدىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قۇرۇلۇش چارلاش - لايىھەلەش ئۇستىسىغا ئايلىنىپ، كوللېكتىپنى باشلاپ «ئون مىڭ چاقىرىملىق چاڭجياڭ 1 - تونېلى» ۋۇخەن چاڭجياڭ تونېلىدىن تارتىپ، «دۇنيادىكى تۇنجى گاۋتيې سۇ ئاستى قالقانسىمان قۇرۇلمىلىق تونېلى» گۇاڭجوۋ - شېنجېن - شياڭگاڭ گاۋتيې شىزىياڭ تونېلى قاتارلىق 60 نەچچە چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى تونېللىرىنى تەتقىق قىلدى ۋە لايىھەلىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن تونېل پۈتۈن مەملىكەت ھەتتا دۇنيادا رېكورت ياراتتى.

دەۋر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئاساسىي رەڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.

جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش

− ئۆزگەرمەس كۈرەش قىلىش ھېسسىياتى

سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، يېڭى دەۋر كۈرەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن.

2013 - يىلىدىن ئىلگىرى، دۆلىتىمىز 2000 تونناژلىقتىن يۇقىرى چوڭ تىپتىكى زەنجىر تاپانلىق كىراننىڭ ھەممىسىدە ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغان بولۇپ، باھا، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايتتى. جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى كىران»ىنى ياساش شۈگۇڭ گۇرۇھىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى سۇن لىنىڭ ئارزۇسى ئىدى.

2013 - يىلى، سۇن لى ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپىنىڭ زور كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە، 4000 تونناژلىق زەنجىر تاپانلىق كىران شەندۇڭ يەنتەيدە «تۇنجى ئۆزىنى نامايان قىلىش»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى زور تونناژلىق زەنجىر تاپانلىق كىراننى تەتقىق قىلىپ ياساش ساھەسىدىكى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ ئۈسكۈنىگە مودېللاشتۇرۇش، توپلاشتۇرۇش لايىھەسى ئىجادىي قوللىنىلغان بولۇپ، كۆپ تۈرلۈك تېخنىكىدا دۆلەت ئىچىدىكى تېخنىكا بوشلۇقىنى تولدۇردى.

«بۇ ئارزۇ ئۈچۈن، بىز توپتوغرا 23 يىل كۈرەش قىلدۇق» دېدى سۇن لى.

يېڭىلىق يارىتىش دەل ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغانلىقى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىگەنلىكىنىڭ دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى.

«يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىش غەيرىتى، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇش شىجائىتى، جۇشقۇنلۇق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەش جاسارىتىنى نامايان قىلىش كېرەك.» 2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمگەكچىلەرگە مۇشۇنداق چاقىرىق قىلدى.

مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى شۆ يىڭ جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى شىئەن ئايروپىلان سانائىتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن كەلگەن بولۇپ، 1992 - يىلىدىن باشلاپ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە ياسىمىچىلىق ھەمكارلىق تۈرى بولغان تىك قۇيرۇق قاناتنى قۇراشتۇرۇش ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتناشقان. ئايروپىلانغا ئورنىتىلىدىغان ھەربىر قالپاقلىق مىخنىڭ سۈپىتىنىڭ سىناقتىن ئۆتەلىشى، سىرتقى قىياپىتىنىڭ كۆركەم بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن مەشغۇلات ئۇسۇلى ۋە ھۈنەر تەرتىپىگە ئىزچىل كۈچ چىقارغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تاپشۇرغان 7000دىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك تىك قۇيرۇق قانات خەلقئارا ئاۋىياتسىيە ياسىمىچىلىق ھەمكارلىق شىركەتلىرىنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنچىسى جۇ شىجيې جېجياڭ ئۆلكىسى خەيگاڭ گۇرۇھى نىڭبو بېيلۇن 3 - كونتېينېر پىرىستانى چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر ئاسما كىران شوپۇرى. بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، دادىل يېڭىلىق ياراتتى، ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئاسما كىران مەشغۇلات ئۇسۇلى يېڭىلىنىپ 3.0 نۇسخىسىغا يەتتى.

...

مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى رۇييى مۇنداق بىلدۈردى: ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئەمەلىيەت تەلىپى بارغانسېرى ئۆسۈپ، يېتەكچىلىك قىممىتى بارغانسېرى زورىيىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تېخىمۇ تەكىتلىنىدۇ.

نام - مەنپەئەتكە بېرىلمەسلىك، ئۆزىنى بېغىشلاش

− ئۆزگەرمەس كۈرەش قىلىش پەزىلىتى

بىر مىكرو مېتىر قانچىلىك كېلىدۇ؟ بىر تال چاچنىڭ 60تىن بىرىگىچە!

قېلىپنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى بىر مىكرو مېتىر ئىچىدە كونترول قىلىش مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ۋۇشى مىكرو تەتقىقات پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالىي تېخنىكى چېن لياڭنىڭ كامالەتكە يەتكەن ئالاھىدە ماھارىتى.

«يەنىمۇ ئىنچىكىلىسەك بىر مىكرو مېتىرلىق ئېنىقلىق دەرىجىسىگە تېخىمۇ يېقىنلاشقىلى بولىدۇ!» ھەربىر قېتىملىق خىرىسقا ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چېن لياڭ ئۆزى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر خىزمەت مىزانى تۇرغۇزغان.

مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇش، نام - مەنپەئەتكە بېرىلمەسلىك، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ ئۆزىنى بېغىشلاش، بۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ كۈرەش پەزىلىتى.

يې جىچېڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىسى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ۋېنجوۋ شەھىرى دۇڭتوۋ رايونى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ سىم يولى ئورنىتىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولۇپ، 1986 - يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى بىرىنچى سېپىدىكى ئىش ئورنىدا ئۇدا 35 يىل ئىشلىدى.

ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر، مۈشكۈل ۋاقىتتا، ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتۈپ، بايرام، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، قۇرۇلۇش ئەترىتى ئەزالىرى بىلەن بىللە سىم تارتقان، ئىستولبىلارنى رەتلىگەن، ئىستولبا قويغان... بىر چىقىپ كەتسىلا دائىم دالىدا ئون نەچچە سائەت يۈرگەن. «ئازراق جاپا تارتىش، ھېرىپ كېتىش ھېچقانچە ئىش ئەمەس، مۇھىمى ھەربىر قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى سان - سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ۋاقتىدا ئورۇنداش» دېدى ئۇ.

ئۇلۇغلۇق ئاددىيلىقتىن كېلىدۇ، ئاددىيلىق ئۇلۇغلۇقنى يارىتىدۇ.

«پەقەت بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن بەخت ياراتقىلى، ئارزۇغا يەتكىلى بولىدۇ» دېدى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، جۇڭگو تۆمۈر يول گۇرۇھى 1 - ئىدارىسى 5 - شىركىتىنىڭ ئالىي ئۆلچەش ئۇستىسى بەي جىيۇڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن. ئادەتتىكى تېخنىكتىن «قالتىس ئۆلچەش ئۇستىسى»غىچە، 20 نەچچە يىللىق كەسىپىي ھاياتىدا، ئۇ باشتىن - ئاخىر «قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا شۇ كەسىپنى سۆيۈش، قايسى كەسىپنى تەتقىق قىلسا شۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولۇش» روھى بىلەن بىرىنچى سەپتە ئۈن - تىنسىز يىلتىز تارتىپ، كىشىلىك ھاياتتىكى ئۆزىدىن ھالقىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇردى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆلچىگەن لىنىيەلەر جۇڭگو گاۋتيېنىڭ يۈرۈشۈش مۇساپىسىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئىگىلىدى.

ئەمگەك بارلىق بەختنىڭ مەنبەسى. يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ مۇساپىدە، جان تىكىپ ئېلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردىكى نەتىجە يارىتىش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتا ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق ئەمگەك شەرەپلىك، بىلىم يۈكسەك، ئىختىساسلىقلار قىممەتلىك، ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ دەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى يارىتىپ، «جۇڭگو ئارزۇسى. ئەمگەك گۈزەل» دېگەن يېڭى سەھىپىنى پۈتتى.

خەلق تارىخنى يارىتىدۇ، ئەمگەك كەلگۈسىنى بەرپا قىلىدۇ. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئەمگەكچىلەر ئۆز ئىش ئورنىدا باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.