تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى

​ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايون ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى، ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، خىزمەت لايىھەسى تەتقىق قىلىپ تۈزۈلدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپى نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا خاس روشەن كەسىپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى، ئەسلىي ئۈزۈم ھارىقى مەھسۇلات مىقدارى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلىرى دۆلەت ئىچىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئاساسى ۋە شارائىتىنى ھازىرلىدى. ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەل كەسپى سۈپىتىدە تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئۈزۈم ھارىقى كەسپىدىكى ئورنى، رولىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئاشۇرۇپ، ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەلا سۈپەتلىك خام ئەشيا كاپالىتى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، كارخانىلارنىڭ بازار ئېچىشىغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى رايون ئاممىۋى سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىش، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردە كۈچەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. تەشكىلىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇۋاپىق تەكلىپ بېرىش؛ قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلىشى، سىياسەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى؛ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن بادەي، مەڭلىك سىيىت قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.