تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ھاللىق سەۋىيە ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ «يەكەن نۇسخىسى»

  □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، خەن چىنيەن

  «ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يېزىلاردا، بولۇپمۇ نامرات رايونلاردا» «ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن - يەتمىگەنلىكتە ئاچقۇچلۇقى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا قاراش كېرەك!» «بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ»... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسى، شىنجاڭدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيە، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتكەن ناھىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەكەن ناھىيەسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، پۈتۈن ناھىيەدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، نوپۇسى كۆپ ناھىيەنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ «يەكەن نۇسخىسى»نى تېپىپ چىقتى.

  دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئاساس كۈچەيتىلدى

  «بۇ يىل لازا ياخشى ئوخشىدى، باھاسىمۇ يامان ئەمەس، مەن بىر پارنىكقا لازا تېرىپ، 12 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم.» 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئازادباغ بازىرى قالپاقدۆڭ كەنتىدە كەنت ئاھالىسى ئەخمەتنىياز ئەخەت پارنىكتا كۆكتات تېرىش توغرىسىدا توختالغاندا، قەلبىدىكى خۇشاللىقىنى يوشۇرالمىدى.

  قالپاقدۆڭ كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز تۇرسا، ھەممە ئائىلە ئۈچ مودىن بەش موغىچە بولغان يېرىنى ساقلاپ، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىققىلا تايانسا قانداقمۇ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىيالايدۇ؟

  قالپاقدۆڭ كەنتىدىكى ھۆددىگە ئېلىش - ئالاقىلىشىش كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، كەنت كادىرلىرى قاتارلىق ھەرقايسى تارماق كۈچلەر تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەش، كوللېكتىپ كېڭىشىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشنى قارار قىلدى. پارنىك ياساشتا تۈر مەبلىغى بار بولدى، تېخنىكىنى كېڭەيتىشتە ھەقسىز تەربىيەلەش بار بولدى، كۆكتات سېتىشتا راۋان يول بار بولدى. كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، غەيرىتى تولۇپ تاشتى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 90 نەچچە ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى كۆكتات تېرىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى.

  يەكەن ناھىيەسىدە جەمئىي 36 يېزا - بازار، كوچا باشقارمىسى، باشقۇرۇش كومىتېتى، 568 كەنت، مەھەللە بار بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز تۈرلەرگە دۇچ كەلمەكتە، بۇنىڭ ئىچىدە باشقا رايونلارنىڭكىگە ئوخشاش ئورتاقلىققا ئىگە بولغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى، دىققەت نۇقتىسى مەسىلىلىرى بار، لېكىن يەنە خاسلىققا ئىگە نۇرغۇن قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى، ئالاھىدە مەسىلىلەرمۇ بار. مەيلى قايسى خىل مەسىلە بولسۇن، يەكەن ناھىيەسى ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلدى، بۇنى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يەكەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فەن باۋجۈننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا «ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر قوللىنىش، يىرىك پىلاننى ئالدىن يولغا قويۇش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت.

  ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، كۆپ تەرەپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كاپالەت سىستېمىسى، ئادەمگىچە دەل جايىدا بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش... 2020 - يىلى 11 - ئايدا، يەكەن ناھىيەسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. يەكەننىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت كاپالىتى، كەسىپلەر تەرەققىياتى، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتى، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى قاتارلىقلار بىردەك يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

  بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىلدى

  بۇ بىرنەچچە كۈندە، يەكەن ناھىيەسىدىكى 800 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى باداملار ئومۇميۈزلۈك ھوسۇل يىغىش پەسلىگە كىردى. باداملىق باغدا باداملار شاخلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالغان بولۇپ، «چېھرى دائىم تەبەسسۇمغا تولغان»لار ئىچىدە يىغىۋېلىنىش ئالدىدا تۇرغان باداملا بار بولۇپلا قالماي، يەنە بادام ئۆستۈرۈش ئاھالىلىرىمۇ بار ئىدى.

  «يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار سىياسەت يەتكۈزدى، تېخنىكا يەتكۈزدى، مۇلازىمەت يەتكۈزدى، كارخانىلار بىلەن دېھقانلار زاكاز ئىمزالاپ تولۇق سېتىۋالدى، بادام ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش ۋە تۈرتكە بولىدىغان ساياھەت قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇنىڭ بىلەن يەكەن بادىمىنىڭ كۆلىمى، ھوسۇلى، سۈپىتى، مەھسۇلات تۈرى، بېيىشقا يېتەكلەش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستى» دېدى يەكەن ناھىيەسى سەمى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇقاھار ئادىل.

  يېڭى سورتلارنى كىرگۈزۈش، قېرى دەرەخلەرنى ئۆزگەرتىش، چېچەكنى شالاڭلىتىش، غورىنى شالاڭلىتىش، گۈل بىلەن چاڭلاشتۇرۇش، مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش... بادامنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا، يەكەن ناھىيەسىدىكى 120 مىڭ بادام ئۆستۈرۈش ئائىلىسىنىڭ ھەممىسى تەجرىبىسىنى سۆزلىيەلەيدۇ. گەپنىڭ تېمىسى تەبىئىي ھالدا باداملىق باغقا كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان سەبدەرگۈلىگە يۆتكەلدى.

  يەكەن ناھىيەسىنىڭ سەبدەرگۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى 100 مىڭ مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن باغقا كىرىشتۈرۈپ تېرىلىپ، 80 مىڭ دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇندى. قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئاپېلسىن رەڭلىك جۈخار گۈلىدە، يەكەن ناھىيەسى يەردىن ئۈنۈم ياراتتى، ۋاقىتتىن ئۈنۈم ياراتتى، پەن - تېخنىكىدىن ئۈنۈم ياراتتى. سەبدەرگۈل 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئاخىرلىرىغىچە پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، دېھقانلار توختىماي گۈل ئۈزۈپ، توختىماي پۇل تاپىدىغان بولدى.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى مۇنداق قاراشقا كەلدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يۇقىرى ئۆلچەملىك ھاللىق جەمئىيەت، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش دېگەنلىكتۇر، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ئىلمىي مېتودولوگىيەدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شەھەر - بازار بىلەن يېزا - كەنت، تۈزلەڭلىك بىلەن تاغلىق رايون، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەنت بىلەن نامرات كەنت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە بىلەن پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قاپلاپ، كۆپچىلىكنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

  مەۋقە يىراق كەلگۈسىگە قويۇلۇپ، مېخانىزم ئورنىتىلدى

  «بۇ يەردە ھەر كۈنى سەككىز سائەت خىزمەت قىلىمەن، ئايلىق مائاشىم 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ، كۆپ ئىشلىسەم كۆپ پۇل تاپىمەن. مېنىڭ ناھىيە بازىرىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ توي قىلىش ئويۇم بار» دېدى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، يەكەن ناھىيەسى چېڭدۇڭ كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى بىر كارخانىنىڭ كىۋارتىس سائەت ئۆزىكىنى قۇراشتۇرۇش سېخىدا، يەكەن ناھىيەسىنىڭ كاچۇڭ يېزىسى تېرەكباغ كەنتىدىن كەلگەن خىزمەتچى گۈلبوستان تۇراپ.

  يەكەن ناھىيەسىنىڭ چېڭدۇڭ كەسىپلەر باغچە رايونىغا نۆۋەتتە، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىدىن 19ى ماكانلىشىپ، 14 مىڭ كىشىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسمى دېھقانلار. ئېتىزدىن چىققان بۇ ھەربىر ياش ئاتا - ئانىسىغا ئوخشاش ئازغىنە يەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرمەستىن، بەلكى سانائەت ئىشچىسى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى «ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر»گە ئايلاندى.

  بۇ ياشلارنىڭ ئۆز «ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يەكەن ناھىيەسى چېڭدۇڭ كەسىپلەر باغچە رايونى كەسىپ زەنجىرىگە تايىنىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ماھارەت ساپاسىنى ئۆستۈردى. باغچە رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ يىرىك پىلانى تەرتىپلىك بولۇپ، خەلققە قولاي مۇلازىمەت مەركىزى، ياتاق بىناسى، داۋالاش ئۆيى، يەسلى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق.

  يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمگەك كۈچلىرى پۈتۈن ناھىيەدىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدىغان يەكەن ناھىيەسىدە، ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى، پۇل تاپالايدىغان بولدى، كىرىمنى سىجىل ئاشۇرالايدىغان بولدى، بېيىش يولى بار بولدى، سانائەت باغچە رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئۈنۈملۈك يوللارنىڭ بىرى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيەدە كەسىپلەر باغچە رايونىدىن ئالتىسى، يېزا - كەنت سېخىدىن 128ى قۇرۇلۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 49 توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىسى، ئون ئېلېكتىرونلۇق قۇراشتۇرۇش كارخانىسى ۋە 2 مىليون ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش تۈرىنى جەلپ قىلىپ كىرگۈزۈپ، 23 مىڭ 800 كىشىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  مۇخبىرنىڭ يەكەن ناھىيەلىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا، يەكەن ناھىيەسى كەسىپ تەرەققىياتىنى «ھەل قىلغۇچ قەدەم» قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئاشلىق تېرىشتىن تاماق ئۈستىلىگىچە»، «يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇشقىچە»نى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، خاس باغ - ئورمانچىلىق، خاس يېمەكلىك، نانچىلىق، زامانىۋى چارۋىچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش كەسپى قاتارلىق ئون چوڭ كەسىپنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرغان، ھەربىر كەسىپنىڭ بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كونكرېت نىشانى بار بولغان.

  يەكەن ناھىيەسىنىڭ مەۋقەنى يىراق كەلگۈسىگە قويۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىشى يەنە ئېكولوگىيەنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىش، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە نامايان بولدى. مەسىلەن، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە، «بىر ئائىلىگە بىر لايىھە بولۇش» «بىر كوچىدا بىر مەنزىرە بولۇش» شەكلىدە چىڭ تۇرۇپ، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش بىلەن ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى؛ يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ «ئۈچ مۈلۈكى»نى قېلىپلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا، «بىر كەنتتە بىر دەپتەر بولۇش»، «بىر يېزا - بازاردا بىر توپلام بولۇش» بويىچە ئىنچىكە تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇشنى يولغا قويۇپ، تەشكىلىي نازارەتچىلىك بىلەن ئاممىۋى نازارەتچىلىك، ئىش بېجىرىشتە دېموكراتىك بولۇش بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.