تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تيەنجوۋ 3 - نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، تيەنجوۋ 3 - نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پۇ شياۋشۈ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەينەن ۋېنچاڭ، 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار لى گولى، لى يۈن، خۇاڭ يىچېن) 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، تيەنجوۋ 3 - نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

شۇ كۈنى سائەت 15تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، تيەنجوۋ 3 - نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنى ئېلىپ ماڭىدىغان چاڭجېڭ 7 - نومۇرلۇق يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان 4 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا دۆلىتىمىزنىڭ ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا ئوت يېقىلىپ قويۇپ بېرىلدى، تەخمىنەن 597 سېكۇنتتىن كېيىن، ئالەم كېمىسى بىلەن راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلىپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىردى، سائەت 15 تىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، ئالەم كېمىسىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى يەلكەنلىك تاختىسى ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى ھەم خىزمىتى نورمال بولدى، قويۇپ بېرىش تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كېيىن تيەنجوۋ 3 - نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى ئوربىتىدا يۈرۈشۈۋاتقان بوشلۇق پونكىتى بىرىكمە گەۋدىسى بىلەن ئۇچراشتۇرۇلۇپ، تۇتاشتۇرۇلىدىكەن.

بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ 20 - قېتىملىق قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى، شۇنداقلا چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتانىڭ 389 - قېتىملىق ئۇچۇشى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.