تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خاس كەسىپلەر گۈللەندى ئامما باي - باياشات بولدى

​− 2021 - يىللىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋالايلى (2)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

يەنە بىر مول ھوسۇل پەسلى كەلدى.

پاختىلارنىڭ كەينى - كەينىدىن ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، پاختا يىغىش تەتۈر ساناق مەزگىلىگە كىردى. «شىنجاڭ پاختىسى ياخشى، مەن شىنجاڭدا سىزنى ساقلايمەن!» يېقىندا، شايار ناھىيەسىدىكى كېۋەز تېرىش چوڭ ئائىلىسى ئابابەكرى مەمەتنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكىلەرنى تەكلىپ قىلغان سىن كۆرۈنۈشى دوستلار چەمبىرىكىنى قاپلىدى.

ئۇزۇنغا سوزۇلغان يىپەك يولى، گىرەلىشىپ كەتكەن ئېتىز - دالىلار. بىر غوزەك پاختىدىن بىر توپ رەختكىچە، بىر سېختىن بىر كەسىپلەر باغچىسىغىچە، بىر كىيىمدىن بىر سۈپەتلىك ماركىغىچە، پاختىنى ۋەكىل قىلغان شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپلىرى شۇ جايغا بەخت يارىتىپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارنى بېيىتماقتا. زور بىر تۈركۈم خاسلىقى روشەن كەسىپلەرنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ «كۈچلۈك» بولۇش ھالىتى ئۈزلۈكسىز نامايان بولۇپ، يېزىلارنىڭ «گۈزەل» قىياپىتى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ «باي» بولۇش ئارزۇسى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئېشىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ تەرەققىيات يۆگىمە رەسىمى ئۈزلۈكسىز رەڭدارلاشماقتا.

«خاس» ماركىلار ھەممە جايدا بارلىققا كەلدى

9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، كورلا شەھىرى سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانىنىڭ 17 - شۆبە مەيدانىدا شاخلار سۇس قىزارغان نەشپۈتلەر بىلەن تولغانىدى. نەشپۈتچى دېھقان مياۋ خۇاجياڭ ئەتىگەندىلا نەشپۈت ئۈزۈش ئىشچىلىرىنى تەشكىللەپ نەشپۈتزارلىقتا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بېغىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ۋە تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلغاچقا، نەشپۈتلىرىنىڭ تاۋار مېۋە نىسبىتى %90تىن ئاشتى.

«بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ 18 مو نەشپۈتلۈكىدىن مۆلچەرىمچە 60 توننىغا يېقىن ھوسۇل ئېلىنىشى مۇمكىن. ئۈزمەي تۇرۇپلا نەشپۈتلىرىمنى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى ھەر كىلوگىرامىنى سەككىز يۈەندىن باغ بويىچە زاكاز قىلىپ بولدى. تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، بۇ يىل 250 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپالايمەن» دېدى مياۋ خۇاجياڭ خۇشال ھالدا.

كورلا نەشپۈتى شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى، شۇنداقلا «مەنزىرىسى گۈزەل نەشپۈت شەھىرى» كورلىنىڭ پەخىرلىنىدىغان جۇغراپىيەلىك بەلگە بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى. بۇ يىل پۈتۈن شەھەرنىڭ نەشپۈت ئۆستۈرۈش كۆلىمى 467 مىڭ مو، مۆلچەردىكى ئومۇمىي ھوسۇلى 430 مىڭ توننا بولۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارغا ھەم نەشپۈت ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىغا 2 مىليارد يۈەنگە يېقىن كىرىم ئېلىپ كېلەلەيدۇ.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، كەسىپ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول بولغاچقا، زور بىر تۈركۈم سورتى ئۆزگىچە، سۈپىتى ئەلا، ئالاھىدىلىكى روشەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار، ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە خاس كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتىنى ھازىرلىغان.

«جۇڭگو لازا ماكانى» ساۋەن شەھىرى يەنسىخەي بازىرىدا لازا كەسپى بازار تاپقان بولۇپ، بۇ يىل ھەر مو يەردىن قىلىنغان ساپ كىرىم 2000 يۈەندىن ئاشتى. «جۇڭگو ئالقات ماكانى» جىڭ ناھىيەسىدە ئالقات كەسپى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، جىڭ ناھىيەسى ئۆستۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش، ساياھەتچىلىك قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان ئۈچ كەسىپنىڭ يۇغۇرما يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەزنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاسلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭ بۇغداينى ئاساس قىلغان ئاشلىق كەسىپ بەلبېغى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى چارۋىچىلىق كەسپى تەرەققىيات رايونى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ خاس ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق رايونى، خاس باغۋەنچىلىك ئاساسى ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى يېتىشتۈردى، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسىنى قۇردى، ئەۋزەل، خاس كەسىپ بازىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى.

ھەرقايسى جايلار رايون بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئاقسۇ ئالمىسى، تۇرپان ئۈزۈمى، چاقىلىق چىلىنى، خوتەن چارۋا مال - ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، ئىلى ئاتچىلىقى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەۋزەل خاس كەسىپلەر توپىنى پائال بەرپا قىلدى، شىنجاڭنىڭ «خاس» ماركىلىق مەھسۇلاتلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە ئىناۋىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، بازىرىنىڭ كېڭىيىشى چوڭقۇرلىشىشقا يۈزلەندى.

كەسىپ تەرەققىياتى «تولۇق زەنجىرى» تاكامۇللاشتۇرۇلدى

«شىنجاڭ توقىچى»دىن ئىبارەت قارا تۇلپارنىڭ تۇيۇقسىز مەيدانغا چىقىشىدىن، كۇچا چوڭ نېنىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلاشقىچە؛ پەقەت ئۆز جايىدا كۈندىلىك سېتىلىشتىن، توردا ۋە تور سىرتىدا ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىشكىچە؛ كىچىك ناۋايخانىلاردا يېقىلغان يەككە تۈرلەردىن، ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىلغان مول تۈرلەرگىچە ... كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، نانچىلىق كەسپى شىنجاڭدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان ئۈنۈملۈك تۇتقىغا ئايلاندى.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نېگىزىدىن ئېيتقاندا يەنىلا كەسىپنى گۈللەندۈرۈشتۇر.

ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 11 - ئومۇمىي يىغىنىدا: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭ خاسلىق ۋە ئەۋزەللىكنى مەۋقە قىلىپ، «ئون چوڭ كەسىپ»نى ئەلالاشتۇرىدۇ، كۈچەيتىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەمدە باغۋەنچىلىك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، نانچىلىق، ئۈزۈم ھارىقى كەسپى قاتارلىقلارغا قارىتا نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: زامانىۋى يېزا - كەنت كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ خاس ئەۋزەل بايلىقىغا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بىر تۈركۈم زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى، يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازار، ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپىنى قۇرۇش كېرەك.

«تۇلپار ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ سۈرئەتنى تېزلىتىپ گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلىنىشىغا كۈچ قوشماقتا.

9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى قارسۇ يېزىسى تاش ئارنا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لەن مىڭنىڭ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىدا، 54 بوغاز بايتال ئەركىن ئوتلاۋاتاتتى.

لەن مىڭ 110 تۇياق ئات باققان بولۇپ، 2019 - يىلى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى لەن مىڭ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ قۇرغان. «ئون يىل ئىلگىرى بىر تۇياق يەرلىك ئات پەقەت 8000 - 7000 يۈەنگىلا يارايتتى، كۆپ قىسمىنى سويۇپ گۆشىنى يەيتتۇق. لېكىن ھازىر ئاتنىڭ سورتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، سۈپىتى ئۆسۈپ، بىر تۇياق ئات كەم بولغاندا ئون نەچچە مىڭ يۈەنگە يارايدىغان بولدى» دېدى لەن مىڭ.

بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن ئامما ئات يېتىشتۈرۈش، ئات كۆندۈرۈش، ئات سېتىش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2020 - يىلى، موڭغۈلكۈرە ناھىيەسىدە ئاتچىلىق كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 560 مىليون يۈەن بولۇپ، ناھىيەنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %33.9ىنى ئىگىلىدى؛ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئاتچىلىق كەسپىدىن قىلغان كىشى بېشى كىرىمى 3050 يۈەن بولۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنىڭ %20ىنى ئىگىلىدى.

1 - كەسىپنى كەينىگە ئۇزارتىش، 2 - كەسىپنىڭ ئىككى ئۇچىنى تۇتاشتۇرۇش، 3 - كەسىپنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كەسىپ تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن زەنجىرى تاكامۇللاشتۇرۇلدى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپىدىن جەمئىي ئىككىسى، دۆلەتلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدىن ئۈچى، كەسىپتە كۈچلۈك بازاردىن 21ى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بىرلەشمە گەۋدىسىدىن 114ى بەرپا قىلىندى.

بىر كەسىپ گۈللەنسە يۈز كەسىپنىڭ روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولىدۇ

گۇگۇك - گۇگۇك، گۇگۇك - گۇگۇك ... كېرىيە ناھىيەسى گوخې كەپتەرچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆكيار يېزىسى گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، رەت - رەت كەپتەر كاتەكلىرى تىزىلىپ كەتكەن بولۇپ، تۈمەنلىگەن گۆش كەپتىرى ساغلام يېتىلىۋاتاتتى. تۇنىساخان ماخمۇت كەپتەرلەرگە يەم، سۇ بېرىۋاتاتتى. 2019 - يىلى، بازىغا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، تۇنىساخان تېزلا كەپتەر كاتىكى پەرۋىشكارلىق ئىش ئورنىغا ماسلىشىپ، ھازىر ئايدا 2500 يۈەن مائاش ئالىدىغان بولدى.

بەش يىل تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ گوخې كەپتەرچىلىك باقمىچىلىق بۆلىكى كۆكيار يېزىسى، جاي يېزىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلچەملەشكەن، قېلىپلاشقان گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئىگە بولدى؛ كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى يەم - خەشەك پىششىقلاش بۆلىكىدە يىلىغا 100 مىڭ توننا ئارىلاشما نىسبەتلىك يەم - خەشەك زاۋۇتىدىن بىرى قۇرۇلدى، يىلىغا 60 مىڭ توننا پۈتۈن باھالىق دانلىق يەم - خەشەك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى جىددىي قۇرۇلۇۋاتىدۇ؛ كەسىپ زەنجىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا سويۇش، سوغۇق ساقلاش، زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى بۆلىكىدە، كۈنىگە گۆش كەپتىرىدىن 8000نى سويىدىغان ئۆلچەملەشكەن قۇشخانىدىن بىرى، يۈرۈشلەشكەن ئامبار سىغىمى 30 توننىلىق تېز توڭلىتىش ئامبىرى ۋە 160 توننىلىق توڭلىتىش ئامبىرى قۇرۇلدى.

خوتەن ۋىلايىتىدە، ئالتۇن مېۋە دەپ ئاتالغان تۈكلۈك كاكىنەجگە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈمىدى يۈكلەنمەكتە؛ باغراش ناھىيەسىدە، ئېكولوگىيەلىك ساغلام باقمىچىلىق ئەندىزىسى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، باقمىچىلىقنىڭ يۇندى سۈيىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش، باقمىچىلىقتا دورا ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، يەم - خەشەكنىڭ ئورنىغا كىچىك، قىممىتى يوق بېلىقلارنى دەسسىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، سۇ مەھسۇلاتلىرى نەسلى يېتىشتۈرۈش كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت «بەش چوڭ ھەرىكەت» ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كەسپىنىڭ يېڭى كەلگۈسى ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، ئۇرۇقچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات «سېپى» بەرپا قىلىنماقتا ...

كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ قەدىمى بارغانسېرى تېزلىشىپ، يېزىلار گۈزەللەشتى، يۇرتداشلار بېيىدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىلار «كارخانا + دېھقان ئائىلىسى» «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» قاتارلىق ئەندىزىلەر ئارقىلىق، دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زىچ مەنپەئەت باغلاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، دېھقانلارنى كەسىپ مەنپەئەت زەنجىرى ۋە گىرەلەشمە كەسىپ قىممەت زەنجىرىگە تولۇق سىڭىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.