تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلام قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

(2020 - يىل 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلام قانۇنى»غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

1. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 2 - ماددا قىلىندى: «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلىدۇ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ.»

2. 11 - ماددىسى 12 - ماددا قىلىنىپ، 1 - تارماقنىڭ 3 - تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: «(3) رايونى يوق شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايون، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيەلەردە ۋەكىللەرنىڭ ئاساس سانى 140 بولىدۇ، ھەر 5000 ئادەمگە 1 ۋەكىل كۆپەيتىلسە بولىدۇ؛ ئاھالىسى 1 مىليون 550 مىڭدىن ئاشىدىغانلىرىدا ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىي سانى 450تىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛ ئاھالىسى 50 مىڭغا يەتمەيدىغانلىرىدا ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىي سانى 140تىن ئاز بولسا بولىدۇ.»

1 - تارماقنىڭ 4 - تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: «(4) يېزا، مىللىي يېزا، بازاردا ۋەكىللەرنىڭ ئاساس سانى 45 بولىدۇ، ھەر 1500 ئادەمگە 1 ۋەكىل كۆپەيتىلسە بولىدۇ؛ لېكىن ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىي سانى 160تىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛ ئاھالىسى 2000غا يەتمەيدىغانلىرىدا ۋەكىللەرنىڭ ئومۇمىي سانى 45تىن ئاز بولسا بولىدۇ.»

3. 13 - ماددىسى 14 - ماددا قىلىندى، بىر تارماق قۇشۇلۇپ 2 - تارمىقى قىلىندى: «ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋەكىللەر سانى قايتىدىن بېكىتىلگەن بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سانىنى قايتىدىن بېكىتىش ئەھۋالىنى 30 كۈن ئىچىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.»

4. 57 - ماددىسى 58 - ماددا قىلىنىپ، 2 - تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «دۆلەت خادىملىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىغا رېۋىزىيە ئورگىنى يەنە ھۆكۈمەت ئىشلىرى بويىچە چارە كۆرۈشى ياكى ئىشلەيدىغان ئورگىنى، ئورنى چارە كۆرۈشى كېرەك.»

رايونى يوق شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، ناھىيەلىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى مۇشۇ قارارغا ئاساسەن قايتىدىن بېكىتىلىدۇ.

بۇ قارار 2020 - يىل 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سايلام قانۇنى» مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلىدۇ ھەمدە ماددىلىرىنىڭ تەرتىپى مۇناسىپ تەڭشىلىپ، قايتىدىن ئېلان قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.