تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىستراتېگىيەلىك پاراسەت ۋە سىياسىي جاسارەت بىلەن ئەسىر سوئالىغا ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چوڭ ئەندىزىنى نامايان قىلىپ، چوڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئالدىغا قاراش، ئالدىغا قاراپ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پاراسەت ۋە سىياسىي جاسارەتنى نامايان قىلىپ جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تېزدىن مۇقىم راۋاجلىنىدىغان توغرا يولغا قايتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك

□جۇڭ شېڭ

9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپ بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر، كەڭ دائىرىدە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ تېلېفونلاشقاندا، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ماسلىشىشى، ھەمكارلىقىنى قانداق ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلەپ، توغرا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگونىڭ جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تېزدىن مۇقىم راۋاجلىنىدىغان توغرا يولغا قايتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى.

بۇ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ باھار بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى تېلېفونلاشقاندىن بۇيان يەنە بىر قېتىم بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت، بىر ـ بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ـ قىلالماسلىق دۇنيانىڭ كەلگۈسى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىككى دۆلەت جەزمەن ياخشى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك ئەسىر سوئالى. تارىخ ۋە رېئاللىقنىڭ ھەممىسى شۇنى قايتا ـ قايتا كۆرسىتىپ بەردىكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلاشسا، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا نەپكە ئېرىشىدۇ؛ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا قارشىلاشسا، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا بالا ـ قازاغا ئۇچرايدۇ. جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ـ ياخشىلىماسلىق توغرىسىدىكى بىر تاللاش سوئالى ئەمەس، بەلكى مۇناسىۋەتنى قانداق ياخشىلاش توغرىسىدىكى جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى داۋاملىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق دائىملىق ئالاقىنى ساقلاشقا قوشۇلدى ھەم ئىككى تەرەپ خىزمەت قاتلىمىغا خىزمەتنى تېزلىتىپ، كەڭ دائىرىدە سۆزلىشىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. بۇنى خەلقئارا جەمئىيەتمۇ كۆرۈشنى خالايدۇ. خەلقئارا ئاممىۋى پىكىردە ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارالدى: «ئىككى تەرەپ باشلىقلىرىنىڭ بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەشتە ئورنىنى باسالمايدىغان رولغا ئىگە».

ھازىر، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، زىددىيەت كۆپ يۈزبەردى، ھەتتا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككى تەرەپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمكارلاشقان ئۈلگىلىك ساھەلەرمۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىختىلاپ، ھەتتا سۈركىلىشنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىدى. بۇ، تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان تونۇشىدا مەسىلە كۆرۈلۈپ، جۇڭگونى ئەڭ ئاساسلىق رەقىب دەپ قارىغانلىقى، ھەتتا دۈشمەن تەرەپكە قاراپ ئىتتىرىپ، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى توسۇش ۋە ئۈزۈۋېتىشكە ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبىدىن بولدى. بۇ خاتا تەپەككۇرنىڭ تەسىرىدە، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ مۇھىم، زور مەنپەئىتىگە ئۈزلۈكسىز خىرىس قىلىپ، جۇڭگوغا قارىتا توسۇش، بېسىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قارشىلىش سەھنىسى دەپ قاراپ، ھەممە يەردە قورشاپ، توسۇپ، جۇڭگوغا قارا چاپلاپ، يەرشارىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئاساسسىز ھالدا ئېغىر خەۋپ ـ خەتەر پەيدا قىلدى. بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەچكە، خەلقئارا جەمئىيەتتە كەڭ دائىرىدە ئەندىشە قوزغىدى.

100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋە ئەسىر يۇقۇمى ئۆزئارا گىرەلەشتى، يەر شارىۋى خىرىس ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپلا قالماستىن، كۈنسېرى جىددىيلەشتى. يەر شارىۋى خىرىس ئالدىدا، ھەرقانداق بىر دۆلەت مەسىلىنى ئۆزى يالغۇز ھەل قىلالمايدۇ، جەزمەن يەر شارىۋى ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ـ يايدۇرالماسلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ بۇ داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىدىن چىقىش ـ چىقالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. لېكىن ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇش ـ يايدۇرۇلماسلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ـ ئېرىشەلمەسلىكى جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت چوڭ مۇھىتتىن ئايرىلالمايدۇ. ئامېرىكا تەرەپ بىر تەرەپتىن جان ـ جەھلى بىلەن جۇڭگونى توسۇپ، بېسىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يوللۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگو تەرەپنىڭ يەنە ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەلىپىنى شەرتسىز قوللىشى، ماسلىشىشىدىن ئۈمىد كۈتسە بولمايدۇ. خەلقئارا ئالاقىدە ئەزەلدىن بۇنداق لوگىكا مەۋجۇت بولغان ئەمەس. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى ئالاقىلىشىش تارىخى ئاللىبۇرۇنلا شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، ئىككى تەرەپ پەقەت بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ، تىزگىنلىگەندىلا، ئاندىن ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە مەسىلىلەردە ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس تاپالايدۇ. ھازىرقى باسقۇچتا، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، ئىقتىسادنى قايتا جانلاندۇرۇش ھەمدە نۇرغۇن مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇچرىشىش، سۆزلىشىشنى ساقلاپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈمىد قىلىدۇ. يېقىندىن بۇيان جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئۇچرىشىش داۋامىدا، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن تېخىمۇ كۆپ سۆزلىشىش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو ـ ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ رېئال مۇھىملىقىغا نىسبەتەن بەلگىلىك تونۇشقا ئىگە بولغان ئىكەن، تېزدىن ھەرىكىتىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى شارائىت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

تارىخقا نەزەر سالساق، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا 1971 ـ يىلى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى «مۇز يېرىلغان»دىن بۇيان، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ھەقىقىي ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. ھازىر، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چوڭ ئەندىزىنى نامايان قىلىپ، چوڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئالدىغا قاراش، ئالدىغا قاراپ مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پاراسەت ۋە سىياسىي جاسارەتنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تېزدىن مۇقىم راۋاجلىنىدىغان توغرا يولغا قايتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك. تۈگۈننى كىم تۈگسە شۇ يېشىشى كېرەك. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگوغا قاراتقان خاتا سىياسىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزىتىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

(9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.