تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، نۇرغۇن ئادەتتىكى ئامما ئۆز ھېكايىلىرىنى ئورتاقلىشىپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا قارا چاپلىغانلىقىغا پاكىت ئارقىلىق قايتۇرما زەربە بەردى.

دارۋازلىق «ئېگىز بوشلۇقتا ئارقاندا مېڭىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇيغۇر مىللىتى دارۋازلىقىنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، 2006 ـ يىلى 1 ـ تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 50 ياشلىق ئادىل ھوشۇر بۇ ماھارەتنىڭ 6 ـ ئەۋلاد ۋارىسى، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ بەش قېتىم يۇقىرى بوشلۇقتا مېڭىش دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

ئادىل قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە دارۋازلىق مەكتىپى، دارۋازلىق سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى قۇردى، دارۋازلىق سەنئىتى باغچىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىنى كېڭەيتىپ قۇردى. «مەن شاگىرتلىرىم بىلەن دائىم مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ دارۋازلىق ماھارىتى كۆرسىتىمەن، بارغانلا يېرىمدە كۆپچىلىكنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتىم». ئادىل مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر دارۋازلىقىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلىشى، بۇنچە كۆپ كىشىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىشىنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ قوللىشى ۋە قوغدىشىدىن بولدى.

جەنۇبىي شىنجاڭدا سارغايدى دېگەن بىر خىل تەنتەربىيە تۈرى بار، ئۇ شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئادەتتە ئەتىياز، كۈز پەسلىدە ياكى توي مۇراسىملىرىدا ئوينىلىدۇ، ئورۇنلىغۇچىلار نەپىس كىيىملەرنى كىيىپ، بوشلۇقتا ئەركىن «پەرۋاز قىلىدۇ». 2009 ـ يىلى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سارغايدى ئويۇنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

گۆھەر ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ خىزمەتچىسى، ئۇ 14 يېشىدىن باشلاپ سارغايدى ئۆگەنگەن بولۇپ، ھازىر بۇ تۈرنىڭ ئورۇنلىغۇچىسى ۋە ۋارىسى. بۇ يىللاردا، ئۇ تۆت شاگىرت تەربىيەلىدى، ئادەتتە ئۇلار شۇ جايدىكى مەنزىرە رايونىدا سارغايدى ئويۇنى كۆرسىتىدۇ. «بۇ تۈردىكى تەنھەرىكەتنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايىتى يەنە مەخسۇس سارغايدى ئويۇنى بويىچە تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇردى» دېدى ئۇ.

شىبە مىللىتى ئات مىنىپ ئوقيا ئېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، «ئوقيا ئاتقۇچى مىللەت» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە، ئۇلار بەزىدە ئات چاپتۇرۇپ قامچا ئوينىتىپ، بەزىدە يانى كېرىپ ئوقيا ئاتىدۇ. بۇ يىل 5 ـ ئايدا شىبە مىللىتىنىڭ ئوقيا ئېتىشى 5 ـ تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. 31 ياشلىق ۋۇ جۈنلياڭ «جۇڭگو ئوقيا ماكانى» − ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىن بولۇپ، شۇ جايدىكى شىبە قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى ئوقيا ئېتىش مەيدانىنىڭ تىرېنېرى.

«شىنجاڭ مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى». ۋۇ جۈنلياڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يۇرتىدا ھەر يىلى ئەنئەنىۋى ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى، 10 مىڭ كىشىلىك ئوقيا ئېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، ھازىر ناھىيە بازىرىدىكى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقيا ئېتىش دەرسى تەسىس قىلىنىپتۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شىبە مىللىتىنىڭ ئوقيا ئېتىش مەدەنىيىتى بىلەن ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقيا مەدەنىيىتى كۆرگەزمە باغچىسى قۇرۇپ، ئوۋ ئوۋلاش، قائىدە ـ يوسۇن قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى نامايان قىپتۇ.

تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چۆچەك شەھىرىدە، ئەر ـ ئايال، قېرى ـ ياشنىڭ ھەممىسى داغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى دوگۇر توپىنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەر قېتىملىق بايرام ۋە قۇتلۇق كۈنلەردە، كىشىلەر بەس ـ بەستە ئۆيلىرىدىن چىقىپ مۇسابىقە تەشكىللەيدۇ. شۇ جايدىكى ئاھالە تېڭنۇر ئايداقاننىڭ ئوغلى بۇ يىل 6 ـ يىللىقتا ئوقۇيدۇ، ئۇ داغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى دوگۇر توپىنى ئۈچ يىل ئۆگەنگەن بولۇپ، ھازىر مەكتەپ دوگۇر توپى كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى، دائىم سىرتقا چىقىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. «ئۇنىڭ بۇنداق خۇشال ئۆگەنگىنىنى كۆرۈپ، مەنمۇ خۇشال بولدۇم» دېدى تېڭنۇر.

ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شاڭ خۇڭبو مۇنداق تونۇشتۇردى: «12 ـ بەش يىل» ۋە «13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى. ھازىر، شىنجاڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرى، كۆڭۈل ئېچىش ۋە سېرك قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىدىن بەش تۈركۈمدە 27 تۈرنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە تۈر دۆلەت دەرىجىلىك تۈر بولۇپ تاللاندى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىستىن 34ى بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش كىشى دۆلەت دەرىجىلىك ۋارىس بولۇپ تاللاندى.

«ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشى بىلەن ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.» شاڭ خۇڭبو مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى بەزى كۈچلەر شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەدەنىيەتنى يوقىتىش» مەۋجۇت دېگەننى يامان غەرەزدە كۆپتۈردى، بۇ يالغان ـ ياۋىداق سۆزلەر، سەپسەتىلەر پۈتۈنلەي پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، جەزمەن جۇڭگو خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.