تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاممىنى غەم ـ ئەندىشىدىن خالاس قىلدى  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى

ئىلى ئوبلاستى:

ئاممىنى غەم ـ ئەندىشىدىن خالاس قىلدى  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق قەلبىنى ئىللىتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، يېزا مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈردى، يورۇتتى... ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.

پىدائىيلار مۇلازىمىتى خەلق قەلبىنى ئىللىتتى

9 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، قورغاس ناھىيەسى سۈيدۈڭ بازىرى چاۋبېي مەھەللىسى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى دىلمۇرات ئايۇپ مۇلازىمەت ئەترىتى ئىلگىرى ياردەم قىلغان بىرنەچچە مەھەللە ئاھالىسىنى مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، قوشنىلار بىلەن پاراڭلاشقاچ، كۆپچىلىكنىڭ يەنە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىنچىلىقى بار ـ يوقلۇقىنى ئىگىلىدى.

«پاتىگۈل ھەدە، ھازىر ئائىلىڭىزدە يەنە قىيىنچىلىق بارمۇ؟» دىلمۇرات ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قوشنىسىدىن سورىدى. «يوق، ئائىلىمىزدە ھازىر ھەممە ئىش جايىدا.» بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، پاتىگۈل مەمەتنىڭ ھويلا تېمى ئۆرۈلۈپ كەتكەندە، دىلمۇرات قۇم، سېمونت سېتىۋېلىپ، ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ھويلا تېمىنى ياساپ بەردى.

«خالىدە، بالىڭىز ھازىر ياخشى تۇرۇۋاتقاندۇ؟» ئالدىنقى ئايدا خالىدە مەمەتنىڭ بىر ياشقا توشمىغان قىزى قىزىپ قالغانىدى، دىلمۇرات بۇنى بىلگەندىن كېيىن، بالىنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.

چاۋبېي مەھەللىسىدە 6000دىن ئارتۇق ئاھالە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 150كە يېقىن ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي بار. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، چاۋبېي مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى «قىزىل ئارمىيە روھى» ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ، 20 كىشىلىك پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، مەھەللە مۇلازىمەت خىزمىتىگە ئورتاق قاتنىشىپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چىڭ كۈچەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يولغا قويۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تىلغا ئېلىنغاندا، ئاھالە خارسەن يوبوز چىن كۆڭلىدىن ماختاپ كەتتى: «ئۇلار بىزنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى، مۇلازىمەت ئەترىتى يارايدۇ!».

كۆچۈرۈش نۇقتىسى رەڭدار گۈل دېڭىزىغا ئايلاندى

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ باشقا جايغا كۆچۈرۈش نۇقتىسى − ئۇزۇنبۇلاق يېزا مەھەللىسىدىكى رەڭدار گۈل دېڭىزى ساياھەت مەنزىرە رايونىغا كىرسىڭىز كۆز يەتكۈسىز كەتكەن گېساڭ گۈللىرى، جۇخار گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرگەنلىكىنى كۆرىسىز.

بۈگۈنكى كۈندە، ئۇزۇنبۇلاق يېزا مەھەللىسىدىكى رەڭدار گۈل دېڭىزى شۇ جايدىكى داڭقى بار توردا ئالقىشلانغان كۆرگىچىلىكى بار جايغا ئايلاندى، 60 مو گۈل دېڭىزى بۇ ناھىيە ھەم غۇلجا شەھىرى ئەتراپى رايونلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە ئۈزۈلمەي كېلىشكە جەلپ قىلدى.

جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە تايىنىپ، ئۇزۇنبۇلاق يېزا مەھەللىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەھەللە پاي قوشۇپ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ئاقباستاۋ ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ، ئەسلىدە يەم ـ خەشەك دۆۋىلەپ قويۇلغان بوش يەردە رەڭدار گۈل دېڭىزى بەرپا قىلىپ، كونا ئېغىل ـ قوتانلارنى ئالاھىدە ئۆي قۇشلىرى ـ ھايۋانات باقمىچىلىق رايونىغا ئۆزگەرتىپ، قازاقلارنىڭ ئۆزگىچە يېمەك ـ ئىچمەك، پۇقراۋى قونالغۇ قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ، پۈتۈن كەنتنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنى 2000 يۈەندىن ئاشۇردى.

«بۇ يىل كەنتىمىزدە نۇرغۇن دەرەخ ۋە ھەر خىل گۈل ئۆستۈردۇق، يەنە يەتتە ـ سەككىز ئادەم مەخسۇس كەنتنىڭ مۇھىت تازىلىقىغا مەسئۇل بولدى، كەنتىمىز بارغانسېرى گۈزەللەشتى!» دېدى كەنت ئاھالىسى تويغانبېك ئېركىنبېك.

كەسىپ تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى

9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، توققۇزتارا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا ئىشلەۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى مائاش ئېلىۋاتاتتى. بۇ مەزگىل دەل ئادەم ئىشلىتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلى بولۇپ، باغچا رايونى ھەر 20 كۈندە ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى بىر قېتىم راسچوت قىلىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە پايدىنىڭ تەمىنى ھەقىقىي تېتىتتى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، «ياچېيكا + شىركەت (ھەمكارلىق كوپىراتىپى، جەمئىيەت) +بازا + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىك كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «كەسىپ ياچېيكىلىرى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى يۈرۈشتۈرىدىغان، پارتىيە ئەزالىرى، ئامما قاتنىشىدىغان، ھەممە ئائىلە تەڭ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىدىغان» پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش يولىنى تېپىپ چىقتى.

توققۇزتارا ناھىيەسى دۆڭمەھەللە بازىرىنىڭ دۆڭمەھەللە كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ساۋ يۈخۇڭ 2500 يۈەن مائاش ئېلىپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى. «مەن ئۆز ئۆيۈمدىكى ئىشلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن، باغچە رايونىغا كېلىپ پارچە ـ پۇرات ئىش قىلىپ پۇل تاپىمەن. ھازىر دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا ئىشلەش يوللىرى كۆپ، پەقەت ئىشلەشنى خالىساقلا، ئىشىك ئالدىدىلا پۇل تاپقىلى بولىدۇ».

«پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بىز ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى قاتتىق ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق، ھەر موسى 900 يۈەن باھادا دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئوبوروت قىلىپ، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىپ، <يەرنى ئوبوروت قىلىپ ئىجارە ھەققى ئېلىش، بازىدا ئىشلەپ مائاش ئېلىش، پاي قوشۇپ پايدا تەقسىملەپ پاي پۇلى ئېلىش>نى ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى توققۇزتارا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شيا خۇا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.