تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ياخشى ماڭدى

لى جياڭخې:

كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ياخشى ماڭدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر لى شيا

«ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن كەنت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.» 9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان بىر يىلدىن بۇيانقى ئىتتىپاق كەنتىنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە يۈكسىلىۋاتقان ياخشى مەنزىرىسىنى ئەسلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىدىن يەكەن ناھىيەسى باغئاۋات يېزىسى ئىتتىپاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 ـ شۇجى لى جياڭخې ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

ئىتتىپاق كەنتى ئىلگىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېغىر نامرات كەنت ئىدى. 2018 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، لى جياڭخې تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، ئىتتىپاق كەنتىگە كېلىپ 1 ـ شۇجى بولدى.

ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، لى جياڭخې خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەپ، يول شارائىتىنى ياخشىلاپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى... ئىلگىرىكى ئارقىدا قالغان كەنت بۈگۈنكى كۈندە يەكەن ناھىيەسىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش كەنتى قاتارىغا كىردى.

لى جياڭخېنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى كەنت ئاھالىلىرى كۆرۈپ تۇردى، كۆڭلىدە ساقلىدى. «لى شۇجى قېپقېلىڭ، بىزنى تەرەققىي قىلىپ بېيىشقا داۋاملىق يېتەكلەڭ.» بۇ يىل 1 ـ ئايدا، كەنتتە تۇرۇش مۇددىتى توشۇپ قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا كۆزى قىيمىدى.

«مەن قايتمايدىغان بولدۇم. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسى مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم.» لى جياڭخې مۇنداق دېدى: بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ياخشى مېڭىشتا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم بار.

3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ـ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش ـ يۆلەش تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئۇدا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. لى جياڭخې باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلىدى.

يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئاچقۇچ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتە. ئىتتىپاق كەنتىدە 10 مىڭ 792 مو تېرىلغۇ يەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 7200 مو. سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، لى جياڭخې ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پاختا تەتقىقات ئورنى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، كېۋەز سورتىنى ئەلالاشتۇردى، بۇ يىل جۇڭميەن 88 ـ نومۇرنى كىرگۈزدى، بۇنىڭ بىلەن ھەر مو يەردىن 300 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە كۆپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 5 ـ ئايدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنتتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدەنىيەت مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، «بەخت ئىگىلىك تىكلەش بازىرى»نى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، كەنتتە ئەسلىي بار بولغان پۇقرالار چوڭ سەھنىسى، كەچلىك بازار، «ئون كىچىك دۇكان» قاتارلىقلارنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىتتىپاق كەنتى پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش كوچىسى بەرپا قىلىپ، كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇردى، يەككە تىجارەت يايما ئورنىنى ئىلگىرىكى 42دىن 120گە كۆپەيتتى.

«ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرى +كەچلىك بازار» ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئىتتىپاق كەنتى پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش كوچىسى پۈتۈن يېزىدىكى 11 كەنت ھەم ئەتراپتىكى يېزا ـ بازار كەنت ئاھالىسىنى بۇ يەرگە كېلىپ تىجارەت قىلىش ۋە ئىستېمال قىلىشقا جەلپ قىلدى. ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنىنىڭ تۈرتكىسىدە، كەچلىك بازارنىڭ سودىسى ناھايىتى قىزىپ كەتتى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر يايما ئورنىنىڭ كۈندىلىك كەچلىك ساپ كىرىمى 300 يۈەندىن ئاشتى.

ئىلگىرىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئەركىن سىيىت ھازىر كەچلىك بازاردا قاۋاقخانا، كاۋاپ يايمىسى ئاچتى، ھەر يىلى تۈرلۈك كىرىملىرىنى قوشقاندا 60 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، بىزنىڭ بېيىش ئىشەنچىمىز بارغانسېرى ئاشتى.» ئەركىننىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

لى جياڭخې ئۇدا ئىككى يىل ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر نامرات كەنتلەرگە 1 ـ شۇجى تاللاپ ئەۋەتىشى بويىچە ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى، 2020 ـ يىلى، لى جياڭخېنىڭ ئائىلىسى «مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە» بولۇپ باھالاندى. لى جياڭخې مۇنداق دېدى: يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلىنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.