□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي
«تورداشلار ياخشىمۇسىلەر! ئارقامدىكىسى بىزنىڭ كەنتنىڭ نەشپۈتزارلىقى، قاراڭلار، نەشپۈتلەرنىڭ رەڭگىنىڭ چىرايلىقلىقىغا.» 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسىنىڭ چىگە كېچىك كەنتىدىكى نەشپۈتزارلىقتا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ جېمىن كورلا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ تور سۇپىسى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە كېلىپ، كورلا نەشپۈتىنى تەشۋىق قىلدى، تونۇشتۇردى.
ھازىر دەل كورلا نەشپۈتىنى ئۈزۈش مەزگىلى، ئۈزۈش مەزگىلى ئاران 20 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، ۋاقتىدا ئۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كورلا شەھىرى ھەر كۈنى 1500دىن ئارتۇق كادىرنى نەشپۈتزارلىققا بېرىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار دېھقانلارنىڭ نەشپۈت ئۈزۈشىگە ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كورلا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ۋە ھەرقايسى چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىمۇ بەس ـ بەستە كۈچ چىقىرىپ، نەشپۈتزارلىققا بېرىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، سېتىشقا كۈچ قوشتى.
تېكىچى يېزىسى ئاقتاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇسا ھۈسەن ئائىلىسىنىڭ 20 مو نەشپۈتزارلىقىدا، كورلا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 20 كادىرى نەشپۈت ئۈزۈشكە ياردەملىشىۋاتاتتى. «ھەر كۈنى بىر توننا ئەتراپىدا ئۈزەلەيمىز.» كورلا شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى نازارەتچىلىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گو مىن مۇنداق دېدى: «نەشپۈتچى دېھقانلارنىڭ چېھرىدىكى رازىمەنلىك كۈلكىسىنى كۆرگىنىمىزدە، بىز ھەرقانچە جاپا تارتساقمۇ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق».
«مەركىزىمىز مەخسۇس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ياردەم بېرىش ئەترىتى تەشكىللىدى، نەشپۈت ئۈزۈش پەسلىدە، ھەر كۈنى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق بىر توننا ئەتراپىدا نەشپۈت ساتتۇق» دېدى كورلا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇدىرى يۈ شياۋجياڭ.
چارباغ يېزىسى ئۈستۈن قوشباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى غوپۇر نىيازنىڭ نەشپۈتزارلىقىدا، غوپۇر بىلەن كەنت كادىرلىرى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ يۈك ئاپتوموبىلىغا نەشپۈت قاچىلاۋاتاتتى.
«بۇ يىل نەشپۈتنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 30 نەچچە مىڭ يۈەن ئارتۇق ساتتۇق، بۇ، كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدىن بولدى. ئۇلار ئەتىياز كىرگەندە نەشپۈت دەرىخىنىڭ شاخلىرىنى پۇتاشقا ياردەم بەردى، كۈز كەلگەندە نەشپۈت ئۈزۈپ سېتىشقا ياردەم بەردى، بىز باغۋەنلەرنىڭ ياخشى ھوسۇل ئېلىشى ئۈچۈن كۆپ باش قاتۇردى!» غوپۇر مىننەتدارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، پارتىيەنىڭ ياخشى كادىرلىرى بىزنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى. بىز ھازىرقى تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەيمىز، شۇنداقلا مىننەتدار بولۇشنى بىلىشىمىز كېرەك، بىز بېيىش ھېكايىمىزنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىمىز».
كورلا چىنجىيۈەن بىيو پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا، بوتۇلكىلارغا، خالتىلارغا چىرايلىق ئوراپ قاچىلانغان نەشپۈت مەلھىمى كېيىنكى ئاقما لىنىيەگە ماڭدۇرۇلدى. «بۇ يىل شىركىتىمىز 10 مىڭ توننا نەشپۈت پىششىقلاپ، نەشپۈت مەلھىمىدىن 700 توننا ئىشلەپچىقىرىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 70 مىليون يۈەن ئەتراپىغا يەتكۈزۈشنى مۆلچەرلىدى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى ليۇ خۇابىڭ.
نەشپۈت سېتىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا كورلا شەھىرى بىر ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ ئۆلچەم، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەشيا ئوبوروتى تېز يوللانمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كورلا نەشپۈتى رايون ئاممىۋى داڭلىق ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچى ھەم قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كورلىنىڭ زامانىۋى خاس يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.
بۇ يىل كورلا شەھىرى نەشپۈت ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 467 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنى 430 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈپ، شۇ جايدىكى نەشپۈتچى دېھقانلار ۋە ئالاقىدار كارخانىلار ئۈچۈن 2 مىليارد يۈەنگە يېقىن كىرىم ئېلىپ كېلىشنى مۆلچەرلىدى.