تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى سەككىز ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز 97 مىليارد 390 مىليون يۈەن تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ياراتقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشقان، 2019 ـ يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %10.7 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت 76 مىليارد 510 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.8 ئاشقان، ئىمپورت 20 مىليارد 880 مىليون يۈەن بولغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىر قاتار تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىز سىياسەت مۇلازىمىتى، بازار تەڭشەش، تىجارەت ـ سودا مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت پايدىسىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىپ، تاشقى سودىنىڭ ئېشىش موتورىنى قوزغىتىپ، تاشقى سودىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىگە كۈچلۈك تىرەك بولدى.

پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورتىغا قاتنىشىشچانلىقى يۇقىرى، جانلىقلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلاندى.

ئالدىنقى سەككىز ئايدا، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.8 ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تاشقى سودىسىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتىدىن 17.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %84.2 ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 11.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر ـ بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، تاشقى سودا ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇپ، بازاردا كۆپ مەنبەلىشىش شەكىللىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا مىقدارى سىجىل ئۆرلىدى. ئالدىنقى سەككىز ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 85 مىليارد 480 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.6 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتىدىن 5.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %87.8 ىنى ئىگىلىدى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، چېگرا ئاز سوممىلىق سودىسىدىكى ئىمپورت ـ ئېكسپورت سوممىسى بۇ يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئادەتتىكى سودىدىن ئاشتى. ئالدىنقى سەككىز ئايدا، چېگرا ئاز سوممىلىق سودا شەكلىدىكى ئىمپورت ـ ئېكسپورت 50 مىليارد 480 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.5 ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %51.8 ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7.8 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ئادەتتىكى سودا ئىمپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.