تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى تېخىمۇ كېڭەيدى تۇرمۇش ئۈمىدكە تولدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە، خەلق تۇرمۇشىغا، ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىغا چېتىلىدۇ.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى كەڭ يېزا - كەنتلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، تېخىمۇ مۇھىمى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچ. ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا - كەنتنىڭ كەسىپلىرىنى سىجىل زورايتىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش، خاس قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تورى»نى پۇختا، زىچ توقۇدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى سىجىل ئاشتى.

يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسى ئۆستى كەنت ئاھالىلىرى «ئىش ئورنىغا چىقتى»

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 580 مىڭ مو ياڭاقلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى. ئېتىز - ئېرىق باشلىرى، ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت رايونلىرىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىراش سىيماسىنى ھەممە يەردە كۆرگىلى بولىدۇ. ياڭاققا تايىنىپ ئۇزارتىلغان بۇ كەسىپ زەنجىرى نۇرغۇن كىشىنىڭ سالاھىيىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، ئۇلار ئىلگىرىكى نامرات كۈنلىرى بىلەن خوشلاشتى.

9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسى شىنچېڭ مېييې باغ - ئورمان كەسپى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى ئايگۈل نىيازمەت ياڭاق پوستىنى ئايرىش ماشىنىسىدا ئوبدانلا مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. گۈلدۈرلىگەن ئاۋازلار ئىچىدە، كۆك پوستلۇق ياڭاقلارنىڭ «چاپان»لىرى تېز سۈرئەتتە ئېلىپ تاشلىنىۋاتاتتى.

ئىككى يىل ئىلگىرىكى يازدا، ئايگۈل ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىپ، دېھقاندىن كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندى. ئىش ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چىرايىدىن نۇر يېغىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تولۇپ تاشتى. «بۇ خىزمەت تۇرمۇشۇمنى ياخشىلاپلا قالماي، روھىي ھالىتىمنىمۇ زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى.» ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئائىلىمىزنىڭ يېرى ئاز، كىرىمىمىز چەكلىك بولغاچقا، ھەر قېتىم پۇلىمىز يوقلۇقىنى ئويلىساملا، كۆڭلۈم پاراكەندە بولاتتى».

بۈگۈنكى كۈندە، ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئېلىش، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلماسلىق ئايگۈلگە يېتەرلىك ئىشەنچ بېغىشلىدى. مۇقىم خىزمەت ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاغىلىق ناھىيەسى ياڭاق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ياڭاقنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «كەسىپنىڭ يىمىرىلمە ئۆزگىرىشى»نى بارلىققا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 40 نەچچە يېزا - كەنت سېخى قۇرۇلۇپ، 3000دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

خاس باغ - ئورمان كەسپى چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ باراقسانلىدى، زامانىۋى باقمىچىلىق تېز تەرەققىي قىلىش ھالىتىدە تۇرماقتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىقى، چارۋىچىلىقى تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈش جەريانىدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

شىنجاڭ توخۇلاسۇ چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باقمىچىلىق بازىسى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ خۇدىيايۈزى بازىرى ئورمان كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، كەنت ئاھالىسى ما چېڭ باقمىچىلىق بازىسىنىڭ كەسپىي تايانچىسى ئىدى.

«شىركەتكە كېلىپ ئىشلەۋاتقىنىمغا تۆت يىل بولدى، مائاشقا ئېرىشتىم، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆسۈپ يېتىلدىم.» ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە مەن باقمىچىلىق رايونىدىكى ھەر خىل ماشىنا مەشغۇلاتىنى ئۆگىنىۋالدىم، ئىلمىي بېقىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىدىم، داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلىسەم كۈنلىرىم چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە «ئاساسىي رەڭ» قوشتى.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خاسلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى غەربىي قىسىمغا يۆتكەلدى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېڭەيتىلدى

9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت شەھەرچىسى تەرەققىيات رايونىدىكى مەلۇم توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، خىزمەتچىلەر زاكاز قىلىنغان بىر تۈركۈم كىيىم - كېچەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئالدىراش تەييارلاۋاتاتتى.

ئامانگۈل مەمەتنىڭ بۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولدى. شاگىرتتىن سېخنىڭ بەنجاڭى بولغۇچە ئىش ھەققى بارغانسېرى ئۆستى، ھازىر ھەر ئايدا 5000 يۈەن ئالىدۇ.

«شىركەتكە كىرگەن تۇنجى كۈنىلا ياخشى ئىشلەش نىيىتىگە كەلگەنىدىم.» ئامانگۈل مۇنداق دېدى: «توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى يۇرتۇمدا ماكانلىشىپ، ماڭا بىر قېتىملىق تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بەردى، چوقۇم چىڭ تۇتۇشۇم كېرەك».

ئەلا سۈپەتلىك شىنجاڭ پاختىسىغا تايىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى غەربىي قىسىمغا يۆتكىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنى كەڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى. نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېرىمغا يېقىن دېھقان ئائىلىسى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى.

پىلانغا ئاساسەن، 2025 - يىلىغا بارغاندا، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ بىر پۈتۈن ئەمەلىي كۈچى ۋە تەرەققىيات سەۋىيەسى يەنە بىر يېڭى بالداققا كۆتۈرۈلۈپ، مىليونلىغان كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

2018 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر تەرەققىياتىنى قوللاش ئېتىبارلىق سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ھەمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ يېتەكلىشىگە ئەگىشىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش كارخانىلىرىمۇ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىن شىنجاڭغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا يۆتكىلىشنى تېزلەتتى.

ھازىر، ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلار يەكەن ناھىيەسى چارەك بازىرىنىڭ تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. تىڭشىغۇچ، ئىندۇكتىپلىق ماگنىت ھالقىسى، تىرانسفورموتور زاپچاسلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش كارخانىسى بۇ يەردە ماكانلىشىپ، شۇ جاينى 2000دىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

«دەسلەپتە مەن پەقەت يېرىم تەييار مەھسۇلاتلارنىلا قۇراشتۇرالايتتىم، تېخنىكامنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، قۇراشتۇرالايدىغان مەھسۇلاتلىرىم بارغانسېرى كۆپەيدى، كىرىمىممۇ ئايمۇئاي ئاشتى، بۇ خىل تۇيغۇ بەك قالتىس بولىدىكەن» دېدى يەكەن ناھىيەسى چارەك بازىرىدىكى بىر ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئاينىيازخان ھاشىم.

2021 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش كارخانىسى 160تىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 140تىن ئارتۇقى بار. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش كەسپىدە 25 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىمى 3000 - 2000 يۈەنگە يېتىپ، 100 مىڭ كىشىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى سىجىل قوبۇل قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش كەسپىنىڭ توپلىنىش رايونىنى سىجىل بەرپا قىلىدۇ.

تەربىيەلەش كۈچەيتىلدى ئۆمۈرلۈك نەپ ئېلىندى

بېشىغا بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىش، ئۇچىسىغا كۆك رەڭلىك خىزمەت فورمىسى كىيىش، ھەربىر ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىغا چىڭ تىكىلىپ، پات - پات تەڭشەپ تۇرۇش... نامرات ئاھالە دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاشتىن باي ناھىيەسى يافېي بېتون قۇرۇلۇش ماتېرىيال بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولغۇچە، ئەمەر تۇنىياز پەقەت ئۈچ يىللا ۋاقىت سەرپ قىلدى.

«ئۈچ يىل ئىلگىرى ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ 2000 - 1000 يۈەن مائاش ئالغانلىقىنى كۆرسەم، ھەۋەس قىلىپ كېتەتتىم. ئەمدى ئۇلار ماڭا ھەۋەس قىلىشقا باشلىدى، چۈنكى مېنىڭ ھەر ئايلىق مائاشىم 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ» دېدى ئەمەر پەخىرلەنگەن ھالدا.

2020 - يىلى قىشتا، ئەمەر باي ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى سايرام بازارلىق شۆبە مەكتىپىدە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى كۇرسىغا قاتنىشىپ، تەربىيەلەشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، يافېي بېتون قۇرۇلۇش ماتېرىيال بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ خىزمەت قىلدى.

«ئەمەر تېخنىكا ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپلا قالماي، يەنە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكتىن، شىركەت ئۇنى مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقلىقىغا ئۆستۈردى.» بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ ۋېنشۆ مۇنداق دېدى: ئەمەرنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەربىيەلىنىپ زاۋۇتقا كىرگەن ئىشچىلارمۇ تېخنىكا ئۆگىنىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى، خىزمەت ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى.

ئەمەر كۇرسقا قاتناشقان باي ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى 2019 - يىلى 11 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، 22 تەربىيەلەش دەرسلىكى تەسىس قىلغان، بىرلا ۋاقىتتا 1000 كۇرسانتنى تەربىيەلىيەلەيدۇ. بۇ يىل 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، مەكتەپ ھەر خىل تەربىيەلەش كۇرسىدىن جەمئىي 170 قارار ئېچىپ، 4601 ئادەمنى تەربىيەلىدى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %97.09كە يەتتى.

بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك ماھارەت بويىچە 1 مىليون 231 مىڭ 400 ئادەم قېتىم تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنى %111.95 ئورۇندىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ھەقسىز تەربىيەلەش، مەخسۇس ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، زاكازلىق تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ خىل تەربىيەلەش شەكلى ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، كەسىپ ئارقىلىق ئادەمنى خاتىرجەم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق ئادەمنى مۇقىم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.