تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، ليۇ لىن، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىزنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ۋەزىيەت ھۆكۈمىگە ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كەلگۈسىنى پىلانلاش ۋە خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى كۆزلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەبلەغ، تۈرلەرنى خەلق تۇرمۇشىغا مايىللاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، نۇقتىلىق رايونلارغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇرۇلۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان قۇرۇلۇشقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېھتىياج يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ياردەم بېرىۋاتقان جاينىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىنىڭ ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىقتىدارى، ساپاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ھەمكارلىقى ۋە تۈر ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ باغچە رايونى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بويىچە سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ يانداش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلاردىكى ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تەرتىپلىك يۆتكەپ، سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەسپىي تېخنىكا تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، كۆپ قاتلام بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر رايون مەدەنىيىتى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت تايانچلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى شىنجاڭ خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە كىرگۈزۈپ پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش كېرەك؛ ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئۆز ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك؛ ھەرقايسى ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى ياردەمگە ئېرىشكۈچى شى، شەھەرلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت، يىرىك پىلان، تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئېسىل ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش روھى بىلەن، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، سۇبيېكتلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.