تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بىزنىڭ مەنزىلىمىز − يۇلتۇزلار ئالىمى

​− ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گولى

چۆل - جەزىرە ئالتۇن رەڭگە كىرگەنىدى، سۇ بويىدىكى توغراقلار مېھمانلارنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

بەلگىلەنگەن ۋەزىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شېنجوۋ 12 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئۈچ ئايلىق ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش سەپىرىنى پات ئارىدا ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىش يولىغا ئاتلىنىدۇ، ئۇلار غەربىي شىمالدىكى چۆل - جەزىرىگە جايلاشقان دۇڭفېڭ قونۇش مەيدانىغا قايتىدۇ.

قايتىش پەيتىدە، ئالەم بوشلۇقى يەنىلا ئاشۇ ئالەم بوشلۇقى ئىدى، ئەمما جۇڭگولۇقلار يەنە بىر قېتىم بىر دۆلەتنىڭ يېپيېڭى يۈكسەكلىكى بىلەن بۇ يەرگە بەلگە سالدى − شېنجوۋ ئالەم كېمىسى تۇنجى قېتىم تېز ئۇچرىشىپ ئۇدۇللاشتى، تۇنجى قېتىم ئۆزى قۇرغان ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا كىردى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەڭ ئۇزاق ۋاقىت ئالەم بوشلۇقىدا تۇردى، ئەڭ ئۇزاق ۋاقىت بۆلۈمچىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلدى...

بۇ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىكى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىكى.

جۇڭگو رەسمىي ھالدا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى دەۋرىگە كىرگەن ۋاقىت ئوقىدا تۇرۇپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كىشىلىرى 29 يىلدىن بۇيان بېسىپ ئۆتكەن پەۋقۇلئاددە مۇساپىگە قايتا نەزەر سالساق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە ئىپتىخارىغا قايتا - قايتا تىرەك بولغىنىنىڭ دەل بىر خىل روھ ئىكەنلىكىنى ئىختىيارسىز ھالدا بايقايمىز. بۇ خىل روھ دەل ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھى − جاپاغا بەك چىدايدىغان، جەڭ قىلىشقا ئاجايىپ ماھىر بولغان، ئۆتكەلگە پەۋقۇلئاددە ھۇجۇم قىلالايدىغان، ئۆزىنى پەۋقۇلئادە بېغىشلىيالايدىغان روھ بولۇپ، ئۇ يەنە مىللەت روھىنىڭ قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

(1)

1992 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى رەسمىي تەستىقلىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئىنتايىن جاپا - مۇشەققەتلىك ۋە قىيىن شارائىتتا جىمجىت باشلاندى.

بۇ چاغدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئاللىقاچان ئۈچ ئەۋلاد ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، «ھۆرمەت توپى» ناملىق ۋە «تىنچلىق» ناملىق ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى قۇرغانىدى. ئامېرىكا بولسا ئالەم كېمىسىدىن ئالەم ئايروپىلانىغىچە بولغان ھالقىشنى تاماملىغانىدى.

چەت ئەللەردىن كېيىن قېلىشتەك رېئال ئەھۋال ئالدىدا قۇرۇق قول ئىش باشلاشقا توغرا كەلدى، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان پەن تەتقىقات خادىملىرى كېچە - كۈندۈز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى باشلىدى؛ تەبىئىي مۇھىتى ناچار چۆل - جەزىرىلەردە پىژغىرىم ئىسسىققا، قۇم - بورانغا قارىماي، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانى قۇردى؛ سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىشتە خىزمەت تەرتىپى بولماسلىقتەك مۈشكۈل ئەھۋالدا، ئىشنى نۆلدىن باشلىدى، ئون نەچچە ئادەمدىن تەشكىللەنگەن تېما گۇرۇپپىسى پۈتۈن مەملىكەتتە ئالدىراش يۈرۈپ 2000 كېچە - كۈندۈزدىن كۆپرەك ۋاقىت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېپيېڭى سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىش تېخنولوگىيە تەرتىپىنى لايىھەلەپ چىقتى... ھەرقانچە چوڭ قىيىنچىلىقمۇ جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنى قورقۇتالمىدى، ئۇلار جاپانى شەرەپ دەپ بىلىپ، جاپانى خۇشاللىق دەپ بىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارغا قايتا - قايتا ھۇجۇم قىلدى، فىزىئولوگىيە ۋە پىسخولوگىيە ئاخىرقى چېكىگە قايتا - قايتا جەڭ ئېلان قىلدى.

1998 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 1500دىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىسى ئىچىدىن كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان 14 كىشى بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى شەھىرىگە جەم بولۇپ، جۇڭگونىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىسىغا ئايلاندى.

ئاسمان بىلەن ئالەم بوشلۇقى خەنزۇچە يېزىلىشىدا بىر خەت ئارقىلىق پەرقلىنىدۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم ئۇچقۇچىسى لېئونوۋ ئۇنى ئوبرازلىق قىلىپ «ئاسمانغا چىقىدىغان شوتا» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇ ھەددى - ھېسابسىز جاپا - مۇشەققەتلىك مەشىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان مەركەزدىن قاچما ماشىنا ئىچىدە، ئادەتتىكى كىشىلەر پەقەت ئۈچ Gدىن تۆت Gغىچە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تېزلىنىشىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بولسا 40 سېكۇنتلۇق سەككىز G ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تېزلىنىشىگە بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. مەشىق جەريانىدا، ئۇلارنىڭ بەش ئەزاسى بېسىلىپ شەكلى ئۆزگىرىپ، كۆز ياشلىرى ئىختىيارسىز سىرتقا چاچرايدۇ، كۆكرەك قىسمى ئىنتايىن زور دەرىجىدە بېسىلىپ، نەپەسلىنىشى ئىنتايىن قىيىنلىشىدۇ، بىلىكىنى كۆتۈرەلمەي قالىدۇ. بىر ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ئاپىسى بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، يىغلاپ تۇرۇپ ئۆزىنى تۇتالماي قولىنى پۇلاڭلاتقىنىچە: «كۆرمەيمەن، كۆرمەيمەن!» دېگەن.

بۇ خىل مەشىقنى قىلغاندا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ قولىنىڭ يېنىدا بىر قىزىل رەڭلىك كۇنۇپكا بولىدۇ، بەرداشلىق بېرەلمىسە، دەرھال قىزىل كۇنۇپكىنى بېسىپ، ۋاقىتلىق توختىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. لېكىن بۈگۈنكى كۈنگىچە، ھېچكىم بۇ قىزىل كۇنۇپكىنى بېسىپ باقمىدى.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «جاپاغا بەك چىدايدىغان» بولۇش ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى پەۋقۇلئاددە خىزمەت مۇھىتىدا تاۋلىنىشتىن شەكىللەنگەن. دەل مۇشۇنداق روھنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىدە، قۇرۇلۇش بويىچە تەتقىق قىلىپ ياساش، قۇرۇش ۋە سىناق قىلىشقا قاتناشقان جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كىشىلىرى ئاندىن تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بولغان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئالەم بوشلۇقىدا پەرۋاز قىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

(2)

كىشىلىك ھايات سەپىرىدە، ئەڭ چوڭ رىغبەتلەندۈرگۈچى كۈچ نېمە؟ جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى بويىچە تەتقىقات ۋە سىناققا قاتناشقان خادىملارنىڭ تاللىشى شەخسنىڭ تەرەققىياتىنى ۋەتەننىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت بولدى.

2008 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، قارا رەڭلىك ئاسمان پەردىسى ۋە كۆك رەڭلىك يەر شارىنىڭ ئۆزئارا تۈس قوشۇشى بىلەن، شېنجوۋ 7 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى جەي جىگاڭ بىپايان ئالەم بوشلۇقىدا جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇنجى ئاياغ ئىزىنى قالدۇردى، قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق لەرزان جەۋلان قىلغان ئاشۇ كۆرۈنۈش جۇڭگولۇقلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئەسلىمىسىنى مۇجەسسەملىدى.

ھالبۇكى، بۇ تارىخىي پەيتنىڭ ئارقىسىدىكىسى بولسا كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان ھايات - ماماتلىق سىناق ئىدى.

جەي جىگاڭ بۆلۈمچىدىن چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقان پەيتتە، ئوربىتا بۆلۈمچىسىدىن ئارقا - ئارقىدىن ئوت ئاپىتى سىگنالى ياڭرىدى. ئالەم بوشلۇقىدا يۈزبېرىشتىن ئەڭ قورقىدىغان ۋەقە ئالدىدا، جەي جىگاڭ يەنىلا قىلچە ئىككىلەنمەستىن بۆلۈمچىدىن چىقىشنى تاللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەيلى قانداق ئەھۋال يۈزبېرىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ھەممىمىز ۋەزىپىنى تاماملاپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئالەم بوشلۇقىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشىمىز كېرەك».

بۇ ھەم جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى.

2003 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 9دا، جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە گۈلدۈرماما كەبى ئاۋاز ياڭراپ، چاڭجېڭ 2 - نومۇرلۇق F تىپلىق راكېتا شېنجوۋ 5 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنى كۆتۈرگىنىچە ئاسمانغا بىۋاسىتە ئۆرلىدى. ياڭ لىۋېي دەسلەپتە ئۆزىنى ناھايىتى ياخشى ھېس قىلدى، ئەمما ناھايىتى تېزلا ئاۋارىچىلىققا دۇچ كەلدى − راكېتا جىددىي تەۋرىنىشكە باشلاپ، رېزونانس پەيدا بولدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇ ئەزەلدىن بۇ خىل مەشىقنى قىلىپ باقمىغانىدى.

«بەرداشلىق بېرەلمىگىدەك دەرىجىدە ئازابلاندىم، ئىچكى ئەزالىرىمنىڭ ھەممىسى پارە - پارە بولۇپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلدىم.» ياڭ لىۋېي مۇنداق دېدى: «كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقىچىلىك بولغان ئارىلىقتا، ئۆزۈمنى قۇربان بولۇپ كېتىدىغان ئوخشايمەن، دەپ ئويلىغانىدىم».

ياڭ لىۋېي قۇربان بولۇشتىن قورقمايتتى. جەڭگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئاللىبۇرۇن ھاياتىنى قۇربان قىلىشقا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويغانىدى. ئۇنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى، ئەگەر قۇربان بولۇپ كەتسە، ئۇ كېيىنكى ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمايتتى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالەمگە ئۇچۇش ئارزۇسىنىڭ ئىشقا ئېشىشى كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتەتتى.

رېزونانس 26 سېكۇنت داۋاملاشتى. كېيىن بەزىلەر باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ 26 سېكۇنت جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدا قىلىدىغان چەكسىز ساداقەتمەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى.

18 يىلدىن كېيىن، «دەۋر روھى شياڭگاڭدا نۇر چاچتى» تېمىسىدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا نەزەر سېلىپ تيەنگۇڭ ھەققىدە پاراڭلىشىش پائالىيىتى بېيجىڭ ۋە شياڭگاڭدىن ئىبارەت ئىككى جايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. شياڭگاڭلىق بىر ياش ئوقۇغۇچى ياڭ لىۋېيدىن مۇنداق سورىدى: «سىزنىڭچە ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنىڭ ئەڭ قالتىس يېرى قايسى؟»

ياڭ لىۋېي مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئالەم بوشلۇقىدا، مەن پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىنى نامايان قىلغان ئاشۇ پەيتتە ئۆزۈمنى ئەڭ قالتىس ھېس قىلدىم».

شەخسىي غايىنى ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاش، شەخسنىڭ تاللىشىنى پارتىيەنىڭ ئېھتىياجى بىلەن زىچ باغلاش، شەخسىي مەنپەئەتنى خەلقنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ باغلاش − بۇ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنىڭ جەڭ قىلىشقا ئاجايىپ ماھىر بولۇشىدىكى مەنبە، قاتتىق جەڭ قىلالايدىغان بۇ جەڭگىۋار كوللېكتىپنىڭ ئۈزلۈكسىز قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب.

(3)

ئادەملىك ئالەم قاتنىشى بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگە. گەرچە قەدەم كېيىنرەك ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كىشىلىرى باشتىن - ئاخىر يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر تۈركۈم يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، بىرقەدەر قىسقا ۋاقىتتا جۇڭگوچە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى.

شېنجوۋ ئالەم كېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتىن باشلاپلا خەلقئارا 3 - ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم كېمىسى سەۋىيەسى نىشانلانغان بولۇپ، ئۈچ كىشىلىك ئۈچ بۆلمىلىك لايىھەلەش لايىھەسى بىۋاسىتە قوللىنىلدى؛ شېنجوۋ ئالەم كېمىسىنى كۆتۈرۈپ ئالەمگە ئۇچىدىغان خاسىيەتلىك راكېتانى ياساش ئۈچۈن، توشۇغۇچى راكېتانى لايىھەلەش، ياساش خادىملىرى مىڭغا يېقىن تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، چاڭجېڭ 2 - نومۇرلۇق F تىپلىق راكېتانى دۇنياغا داڭلىق «ئالتۇن مېدال راكېتاسى»غا ئايلاندۇردى؛ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانى قۇرۇشتا، جۇڭگوچە ئومۇمىي تېخنىكا لايىھەسى − تىك شەكىلدە ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش، تىك شەكىلدە ئۆلچەش، تىك شەكىلدە بىر پۈتۈن گەۋدىلىك توشۇش، يىراق ئارىلىقتىن سىناپ قويۇپ بېرىش قوللىنىلىپ، دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيە قاتارىدىن ئورۇن ئالدى... بىر قاتار يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئىجادىيەت، يېڭى نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىدىكى ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى.

1999 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سەھەر، غەربىي شىمالدىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسى. مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان كىشىلەر جاندىن ئۆتىدىغان قاتتىق سوغۇق شامالدا ھاياجان ئىلكىدە كۈتمەكتە ئىدى.

سائەت 6دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭجېڭ راكېتاسى جۇڭگو ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان شېنجوۋ 1 - نومۇرلۇق ئادەمسىز ئالەم كېمىسىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا بىۋاسىتە كۆتۈرۈلدى ھەم ئەتىسى سەھەردە ئالدىن بېكىتىلگەن يىغىلىش رايونىغا دەل جايىدا قوندى.

بۇ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشىنىڭ قىسقىغىنا يەتتە يىل ۋاقىتتا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر 40 - 30 يىلدا بېسىپ ئۆتكەن يولنى بېسىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئەڭ پاتقاق يولدا، ئەڭ چوڭقۇر ئىز قالدۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش، بىر خىل روھمۇ بوران - چاپقۇننىڭ چېنىقتۇرۇشى، ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ تاۋلىشىدىن ئۆتكەندىلا، ئاندىن يىلىككە سىڭىپ، قەلبكە ئويۇلىدۇ.

2021 - يىلى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە، تيەنجوۋ 2 - نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئۈچ سائەتمۇ قالمىغانىدى، چاڭجېڭ 7 - نومۇرلۇق يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان 3 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتانىڭ بىر بېسىم قىممىتى پارامېتىرىدا تۇيۇقسىز نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، قويۇپ بېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە توغرا كەلدى.

بۇ راكېتانىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىش - بېرىلمەسلىكى جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى «ئاسمان - زېمىن تىرانسپورت كارىدورى»نىڭ ئوڭۇشلۇق قۇرۇلۇش - قۇرۇلماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، تېخىمۇ مۇھىمى كېيىنكى ئادەملىك ئالەم قاتنىشى پىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇش - قويۇلماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

كېيىنكى قويۇپ بېرىش كۆزنىكىگە يەنە توققۇز كۈن قالغانىدى. كاشىلىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن، سىناق ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كىيىم ئالماشتۇرۇپ، نىقاب تاقاپ، 50 سانتىمېتىر كېلىدىغان بۆلمە ئىشىكىدىن راكېتا گەۋدىسىگە قايتا - قايتا كىرىپ تەپسىلىي رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

5 - ئايدا خەينەندە سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى 30 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، نەملىك دەرىجىسى %90تىن ئاشىدۇ. راكېتا بۆلۈمچىسىنىڭ ئىچى بولسا نۆلدىن تۆۋەن 183 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا بولىدۇ. غايەت زور تېمپېراتۇرا پەرقى چاڭجېڭ 7 - نومۇرنى سىنىماقتا ئىدى، شۇنداقلا يەنە ھەربىر تەجرىبە خادىمىنى سىنىماقتا ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىشنى ئويلاشقا چولىسى تەگمەيتتى، ھەممىسى بىر خىل غەيرەت بىلەن مەسىلە چىققان جاينى بېكىتىشنى چوقۇم تېزدىن ئورۇندىشى كېرەك ئىدى.

5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، كاشىلىنى تۈگىتىش خىزمىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 20دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى!

«كاشىلىنى تۈگىتىش» جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كىشىلىرى ئىجاد قىلغان ئاتالغۇ. ئاددىي قىلىپ «كاشىلا سەۋەبىنى باشتىن باشلاپ ئىزدەش» دەپ چۈشەندۈرگىلى بولىدىغان بۇ سۆز بەش باسقۇچقا ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن. دەل «كاشىلىنى تۈگىتىش» پىرىنسىپى بىلەن قايتا - قايتا قويۇپ بېرىش سىنىقى ئارقىلىق تاۋلىنىپ چىققان تەلەپچان، ئىنچىكە، پۇختا بولۇش ئىستىلى جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشىدا قايتا - قايتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يۈكسەك بۇرچ جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنىڭ ئۆتكەلگە پەۋقۇلئاددە ھۇجۇم قىلالايدىغان بولۇش روھىنى ئۇرغۇتتى، بۇ خىل روھ يەنە جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنى جاپا - مۇشەققەت، خېيىم - خەتەردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، قىسقىغىنا 29 يىلدا ئادەمسىز ئۇچۇشتىن ئادەملىك ئۇچۇشقىچە، بىر ئادەم بىر كۈن ئۇچۇشتىن كۆپ ئادەم كۆپ كۈن ئۇچۇشقىچە، بۆلمە ئىچىدە تەجرىبە قىلىشتىن ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىشقىچە، يەككە ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇشىدىن بىرىكمە گەۋدىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغىچە بولغان ئالەم قاتنىشى مۆجىزىسىنى ياراتتى.

(4)

2021 - يىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت 9دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭجېڭ 2 - نومۇرلۇق F تىپلىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 12 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە دەل ۋاقتىدا ئوت يېقىلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى. تەخمىنەن 573 سېكۇنتتىن كېيىن، ئالەم كېمىسى بىلەن راكېتا ئوڭۇشلۇق ئايرىلىپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىرىپ، ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم بوشلۇقىغا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلدى.

جەڭگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى مەخسۇس قويۇپ بېرىش مەيدانىدىن نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دۇڭفېڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كەلدى، يۈەنشۇەي، جياڭجۈندىن تارتىپ ئادەتتىكى ئوفىتسېر - ئەسكەر، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسىگىچە بولۇپ، ۋەتەننىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان 760تىن ئارتۇق كىشى بۇ يەردە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.

پەن رېنجىن شۇلارنىڭ بىرى. 1998 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، شېنجوۋ 1 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى جەڭگە جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتقان پەيتتە، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ ئېلېكتىر ماگنىتنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل كىشى − پەن رېنجىن چارچاپ خىزمەت ئورنىدا يىقىلدى.

ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن، پەن رېنجىن كەسكىنلىك بىلەن شاڭخەيدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئېرى بىلەن بىللە قۇملۇققا كېلىپ، پەن تەتقىقات تەجرىبىسىنىڭ بىرىنچى سېپىگە باشچىلاپ كىرىپ كەتتى. سىناق خىزمىتىنىڭ كۆپىنچىسى دالىدا ئېلىپ بېرىلاتتى، مەيلى تومۇز ئىسسىقتا ياكى قەھرىتان قىشتا بولسۇن، ئۇ نەق مەيداندا چىڭ تۇردى.

شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە، پەن رېنجىن قان قۇسۇپ تۇيۇقسىز يىقىلدى. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئۇ ئېرى بىلەن: «ئالەم كېمىسى ئاسمانغا چىققاندا، بىر - بىرىگە خەۋەر قىلىشنى ئۇنتۇماسلىق» توغرىسىدا ۋەدىلەشتى.

قەھرىمانلار نام - مەنپەئەت قوغلاشمايدۇ، پەقەت ئالەمگە ئۇچۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۈگۈن بىز ئىنقىلابىي قۇرباننى خاتىرجەم قىلغىنىمىز شۇ بولدىكى، 12 شېنجوۋ ئالەم كېمىسى ئۇ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن جايدىن ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچتى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ماكانىمۇ قۇرۇلۇشقا باشلىدى.

جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى تارىخىدىكى كۆلىمى زور ئەسىر ھالقىغان قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە مىڭ ئورۇن، نەچچە يۈز مىڭ كىشىنى ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا مۇجەسسەملىدى. ئۇلار مەيلى ئالدىنقى سەپتە ياكى ئارقا سەپتە بولسۇن، نام - مەنپەئەت، پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشماي، ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردى. خۇددى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سىستېمىسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى خۇاڭ ۋېيفېن ئېيتقاندەك، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ھەقىقەتەن «ئاددىيلىق ئارقىلىق قالتىسلىقنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش، نامسىز بولۇشتىن داڭلىق بولۇشنى يارىتىشتۇر».

روھ شەكىلسىز بولىدۇ، لېكىن چەكسىز كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، كىشىلەرنى ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە، ئارزۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كىشىلىرى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش مۇساپىسىدە تىكلىگەن مەنىۋى ئابىدە، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى بىلەن تومۇرداش بولۇپ داۋاملىشىدىغان ھەم روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى تىرىشىپ ئىلگىرىلەشكە، دەۋر ھالقىشقا، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىغا قاراپ مېڭىشقا مەڭگۈ رىغبەتلەندۈرىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.