تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئۆگىنىش نەتىجىسىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى ھەم مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى ئۆتتى

​ئۆگىنىش نەتىجىسىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرى مەسئۇل ساھەلەردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى ھەم مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى ئۆتۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىدى.

چېن ۋېيجۈن لېكسىيە سۆزلىگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن چىقارغان ئۇلۇغ چاقىرىقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىپ، ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشى، قەلبلەرگە سىڭىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك. خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، مۇھىم، زور تۈرلەردە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەش، مۇھىم، زور سۇپىلاردا كۆتۈرۈش كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى كۆزلەش، مۇھىم، زور كەسىپلەردە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەش، مۇھىم، زور سىياسەتلەردە تىرەكلىك كۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەش، مۇھىم، زور ئىسلاھاتلاردا يېتەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەش، نۇقتىلىق مۇھىم ئامىللاردا كاپالەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى كۆزلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋاڭ مىڭشەن لېكسىيە سۆزلىگەندە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي قانۇن كادىر - ساقچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، كاللىسىغا، قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش جەھەتتە يېڭى يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش؛ قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاش؛ ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئەندىزە قىلىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش؛ قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچىلىكلىكىنى ئۆستۈرۈشنى ئاچقۇچ قىلىپ، سىياسىي قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش؛ سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ سىياسىي قانۇن پولات قوشۇنى بەرپا قىلىشتا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.