تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«كىچىك ئەمەلىي ئىشلار»نى ياخشى قىلىپ، «چوڭ خەلق تۇرمۇشى»غا مۇلازىمەت قىلدى

خوتەن ۋىلايىتى:​

«كىچىك ئەمەلىي ئىشلار»نى ياخشى قىلىپ، «چوڭ خەلق تۇرمۇشى»غا مۇلازىمەت قىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىشنىڭ پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

ماشىنا توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى   بەخت تۇيغۇسى ئاشۇرۇلدى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ماشىنا توختىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

خوتەن شەھىرىنى مىسالغا ئالساق، نۆۋەتتە، خوتەن شەھىرىدىكى ئىشلىتىلىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سانى 80 مىڭدىن ئاشىدۇ، تىزىملاپ ئەنگە ئېلىنغان تىجارەت خاراكتېرلىك ماشىنا توختىتىش مەيدانى 112 بولۇپ، ياساپ پۈتتۈرۈلگەن تىجارەت خاراكتېرلىك ۋاقىتلىق ماشىنا توختىتىش ئورنىدىن ئاران 12 مىڭى بار، بۇنىڭغا كۆچمە ماشىنىلار قوشۇلسا، ماشىنا توختىتىش ئورنى تېخىمۇ يېتىشمەيدۇ.

خوتەن ۋىلايىتى ھازىر بار بولغان بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھازىرقى ماشىنا توختىتىش ئەسلىھەلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ماشىنا توختىتىش بايلىقىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىشنى قولغا كەلتۈردى؛ شەھەر ئاممىۋى ماشىنا توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشى تۈرىنى پائال ئىلتىماس قىلىپ، يېڭىدىن ئاممىۋى ماشىنا توختىتىش مەيدانى قۇردى. بۇ يىل خوتەن شەھىرى ماشىنا توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ئاھالىلەر كۆپ، ماشىنا توختىتىش ئورنى ئاز بولغان ئولتۇراق رايونلار ئەتراپىدا يېڭىدىن ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ئۈچنى قۇرۇپ، 270 ماشىنا توختىتىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈردى؛ يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ماشىنا توختىتىشقا ماس كېلىدىغان ماشىنا توختىتىش ئورنىنى بەلگىلەپ، كوچا بويىدىكى ماشىنا توختىتىش نۇقتىسىدىن بەشنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، 1400 ماشىنا توختىتىش ئورنىنى كۆپەيتتى. كېچىدە ھەقسىز ماشىنا توختىتىش رايونىدىن تۆتنى بەلگىلەپ، ۋاقىتلىق ماشىنا توختىتىش ئورنىدىن 500نى كۆپەيتتى، ماشىنا توختىتىش ۋاقتى سائەت 20:00دىن ئەتىسى سائەت 9:00 غىچە بولدى.

«مەن بۇ يىل يېڭى ماشىنا سېتىۋالدىم، ئولتۇراق رايوندا ماشىنا توختىتىش ئورنى تېپىش ناھايىتى تەس، ھازىر يېقىن ئەتراپتا يېڭى ماشىنا توختىتىش مەيدانى بار بولدى، ماشىنا توختىتىش ھەققىمۇ ئەرزان، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى رازى بولدۇم» دېدى خوتەن شەھىرى خۇەنخۇ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى گاۋ خۇڭشياڭ.

«كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» يولغا قويۇلدى   قىش ئىللىق بولدى، قەلبلەر تېخىمۇ ئىللىدى

«<كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش> قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، توكتىن پايدىلىنىپ ئىسسىنىشىمىز ناھايىتى قولايلاشتى، ئۆيلىرىمىز پاكىز، رەتلىك، يەنە ئىنتايىن ئىسسىق» دېدى قاراقاش ناھىيەسى جاھانباغ يېزىسى دەريا بويى كەنتىنىڭ كەنىت ئاھالىسى بۇئايشەم 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خۇشال ھالدا.

2019 - يىلى، بۇئايشەم ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىنى خاس پۇقراۋى قونالغۇ قىلىپ ئۆزگەرتتى، ئۈچ ئېغىز ئۆيى بىلەن ھويلا - ئاراننى قوشقاندا، ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 ئادەم سىغىدۇ. «ئىلگىرى 8 - ، 9 - ئايدىلا قىشتا ئىسسىنىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن زاپاس ئوتۇن ۋە كۆمۈر تەييارلىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى، قىشىچە ئۆيلەر ئىسلىشىپ قاپقارا بولۇپ كېتەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئائىلىمىزدە توك پار ئىشلىتىدىغان بولدۇق، ئۆيىمىز پاكىز، رەتلىك تۇرىدىغان بولدى» دېدى بۇئايشەم.

2020 - يىلى، خوتەن ۋىلايىتى 1 مىليارد 250 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، سەككىز ناھىيە، شەھەردىكى 323 كەنتتە «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى، 99 مىڭ 191 ئائىلە نەپكە ئېرىشتى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردا پاكىز ئىسسىنىشنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

«كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى ئاممىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش شارائىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى باش ئاچچىيۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىلياس ئەسقەر دەل نەپكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى.

«مېنىڭ <كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش> قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقىنىمغا ئۈچ يىل بولدى، ھازىر پىشقان ئىشچى بولۇپ قالدىم. بۇلتۇر 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم» دېدى ئىلياس. بۇ يىل، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىغا كۈندىلىك ئىشچى ئىشلىتىش مىقدارى 1000 ئادەمگە يەتتى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىشچى ئىشلىتىش مەركەزلەشكەن يېزا - بازارلاردا يەنە ئىشچى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆگىنىشىگە ياردەم بەردى.

بۇ يىل، خوتەن ۋىلايىتى جەمئىي سەككىز ناھىيە، شەھەردىكى 120 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىدە يېزا «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشنى يولغا قويدى. 9 - ئايغا قەدەر، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملانغان ئائىلە 110 مىڭدىن ئاشتى.

ئولتۇراق رايوننىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى   ئاممىنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، مۇخبىر لوپ ناھىيەسىدىكى يۈەندىڭ ئولتۇراق رايونىغا كىرگەندە، يېڭىدىن ئاقارتىلغان ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسى كۆزىگە چېلىقتى، ئاھالىلەرنىڭ بەزىلىرى سەيلە قىلىۋاتاتتى، بەزىلىرى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتاتتى.

«ئىلگىرى، ئولتۇراق رايوننىڭ يوللىرى ئوڭغۇل - دوڭغۇل، ئېگىز - پەس ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، يوللار سىلىق، تەكشى بولدى، يول چىراغلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى يورۇپ تۇرىدۇ» دېدى ئاھالە لى سەيشيا خۇشال ھالدا.

يۈەندىڭ ئولتۇراق رايونى لوپ ناھىيەسىدىكى بىر قەدەر بالدۇر قۇرۇلغان ئولتۇراق رايونلارنىڭ بىرى، ھازىر 60 ئائىلىلىك ئاھالە بار بولۇپ، ئولتۇراق رايون ئىچىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەر ئېغىر دەرىجىدە كونىراپ كەتكەن. بۇ يىل، يۈەندىڭ ئولتۇراق رايونى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ئولتۇراق رايوننىڭ يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، ئاھالىلەر بىناسىنىڭ سىرتقى تېمىنى ئىسسىق ساقلاش ۋە سۇدىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسى تورىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىدىن يول چىرىغى، ئەخلەت ساندۇقى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئورناتتى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقتىن ئەقىل سوراپ، خەلقنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سوراپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۆزگەرتىش ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، مەھەللە ئىدارە قىلىش، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، خوتەن ۋىلايىتى 34 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى پىلانلاپ، جەمئىي 119 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 4881 ئائىلىلىك ئاھالىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدىكەن، نۆۋەتتە بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلاندى.

خوتەن ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى شەھەر قۇرۇلۇشى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى جېڭچياۋ مۇنداق دېدى: «كونا ئولتۇراق رايونلار ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئولتۇراق رايونلارنىڭ مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئاممىنىڭ ئاممىۋى پائالىيەت بوشلۇقى كېڭەيدى، يول يۈرۈش، ماشىنا توختىتىش، ئارام ئېلىش قاتارلىق ئامما <ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان> مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.