تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ياخشى بولغاچقا، ئاشلىق تېرىش غەيرىتى تولۇپ تاشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

ئالتۇن كۈز 9 - ئايدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى.

«بۇ يىل يەنە بىر مول ھوسۇل يىلى بولدى، بىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سورتىمىز شىندۇڭ 22 - نومۇرلۇق كۈزگى بۇغدايدىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىنىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ھەم كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزا كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىغان دېھقان جۇ بىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا مايىللاشتى، پۈتۈن كەنت بويىچە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى پائال كېڭەيتىلىپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ مول ھوسۇل ئېلىش ئىشەنچى ۋە غەيرىتى بارغانسېرى تولۇپ تاشتى.

جۇ بىڭ ئىلگىرى 20 نەچچە يىل كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتىگەن، ئاشلىق تېرىش ماھىرى بولۇپ، پۈتۈن كەنتنىڭ بۇغداي كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى. «بۇغداينىڭ سېلىشتۇرما ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپ، پايدا ناھايىتى زور دەرىجىدە سىياسەت ياردەم تولۇقلىمىسىغا تايىنىدۇ.» جۇ بىڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئاشلىقنى بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، بىرتۇتاش يىغىۋېلىش يولغا قويۇلغاچقا، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىكى ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، يەنە سېتىپ بېرىش مىقدارىغا ئاساسەن باھا سىرتىدىكى بىۋاسىتە ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولاتتى، لېكىن ئاشلىق باھاسى بۇغداي سۈپىتى ۋە بازار ئېھتىياجى بىلەن باغلانمىغاچقا، ئاشلىق تېرىشتىن قىلىنغان پايدىدا تورۇس مەۋجۇت بولۇپ، بۇغداينىڭ سېلىشتۇرما ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىدە باشتىن - ئاخىر بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بۇغداي يىغىپ ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەلا مۇھىت يارىتىپ بەردى.

«بۈگۈنكى كۈندە، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي پىششىقلاش كارخانىلىرى بىۋاسىتە بازارغا كىرىپ سېتىۋېلىپ، ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۈنۈم ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.» جۇ بىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، شۇ جايدىكى شىندۇڭ 22 - نومۇرلۇق كۈزگى بۇغداي قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سۈپىتىگە تايىنىپ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى 2.74 يۈەنگە يەتتى. ليۇشۇخېزا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان تېرىقچىلىق تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش كارخانىلىرى بىلەن ئۇرۇقلۇق بۇغداي يېتىشتۈرۈش بويىچە زاكاز ئىمزالىدى، ھەر كىلوگىرام ئۇرۇقلۇق بۇغداينىڭ باھاسى بازار باھاسىدىن يەنە 0.12 يۈەن يۇقىرى بولۇپ، 2.86 يۈەنگە يەتتى، بۇ يىل شىندۇڭ 22 - نومۇرلۇق بۇغداينىڭ باھاسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئەڭ يۇقىرى بولدى.

«سۈپەت ياخشى بولسىلا سېتىش يولى ۋە كىرىمدىن غەم قىلمايمىز.» جۇ بىڭ مۇنداق دېدى: تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى كىرىم جەھەتتە ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپلا قالماي، يەنە سۈپەت يۆنىلىشىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنى ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى.

تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى دېھقانلارنى تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداشقا يېتەكلەيدىغان بىر تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بولۇپ، ئۇنى يولغا قويۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پائال ئىلھاملاندۇرۇشتۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ يېرىنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى كۆپ قېتىم ئۆستۈرۈپ، 2017 - يىلىدىكى ھەر مو يەرگە بېرىلىدىغان 100 يۈەننى نۆۋەتتە 220 يۈەنگە ئۆستۈردى، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى بارغانسېرى ياخشىلاندى، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ياردەم تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇش جەريانىدا، كۈزگى بۇغداي تېرىغان تېرىلغۇ يەرگە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنى سۈپەت، ئۈنۈمنى تەڭ ئۆستۈرۈشتەك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىدى.

سىياسەت جەھەتتىن ئېنىق يېتەكلەنگەندىن كېيىن، ليۇشۇخېزا كەنتى تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، تېرىلغۇ يەرنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەت ئۆزگىرىشى ھاسىل قىلدى.

«ئىلگىرى بىرلىك ھوسۇلنى 550 كىلوگىرامغا يەتكۈزۈش نەتىجىسى ئەلا ھېسابلىناتتى، ھازىر لاياقەتلىك ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى بۇغدايلىقنى سۇغارغاندا 24 سائەت ئادەم ئايرىلمايتتى، بۈگۈنكى كۈندە يان تېلېفون ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش سىستېمىسىدا مەشغۇلات قىلىپلا سۇغارغىلى، ئوغۇتلىغىلى بولىدۇ، بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى» دېدى جۇ بىڭ.

«ئىلگىرى بۇغداينى يىغىۋالغاندىن كېيىن بىز ئاشلىقنى ئاشلىق پونكىتىغا ئاپىرىپ ساتاتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە پىششىقلاش كارخانىلىرى ئېتىز بېشىغا كېلىپ سېتىۋالىدىغان بولدى، دېھقانلار پەقەت ئېتىز ئىشلىرىنى ياخشى قىلسىلا، باشقا ئىشلاردىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ». جۇ بىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ياخشى بولغاچقا، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا ماڭدۇق، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. كۆپچىلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ماڭغاندىلا، كەنتتىكى بۇغدايدىن چوقۇم تېخىمۇ كۆپ مول ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.