تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، شەنشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك

شى جىنپىڭ شەنشى يۈلىندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، شەنشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك

9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈلىن شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى يۈلىن خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈلىن شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۈيدې ناھىيەسىنىڭ جاڭجيابيەن بازىرى خاۋجياچياۋ كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، يۇرتداشلارغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يۈلىن، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈلىن شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، شەنشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپسىنى پۈتۈش كېرەك.

9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ گوجۇڭ، ئۆلكە باشلىقى جاۋ يىدېنىڭ ھەمراھلىقىدا، كارخانا، يېزا، مەكتەپ، ئىنقىلابىي ئەسلىي جاي قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

9-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى يۈلىن خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئايلانما ئىقتىساد بويىچە كۆمۈردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش تۈرى يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. مەركىزىي تىزگىنلەش ئۆيىدە، شى جىنپىڭ تۈر مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بىخەتەر، مۇقىم، پاكىز يۈرۈشۈشتە چىڭ تۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ يىلىغا 400 مىڭ توننا ئېتىلېن گىلىكول ئىشلەپچىقىرىش تۈرى نەق مەيدانىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سورىدى، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۈلىن دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. كۆمۈر دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يۆنىلىشى بويىچە، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، مىقدارنى تەرتىپلىك ئازايتىپ ئورنىغا دەسسىتىپ، كۆمۈر ئىستېمالىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىستىقبالى پارلاق، كۆمۈردىن خىمىيە سانائىتى خام ماتېرىيالى سۈپىتىدە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلەشكەن، كۆپ مەنبەلەشكەن، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشنى ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، كۆمۈر ئاساس قىلىنغان ئالاھىدە يېقىلغۇ، كۆمۈر ئاساس قىلىنغان بىيو پارچىلىنىدىغان ماتېرىيال قاتارلىقلارنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

9-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ مىجى ناھىيەسىنىڭ يىنجوۋ كوچا باشقارمىسى گاۋشىگوۋ كەنتىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تاغ جىلغىسى ئارىسىدىكى باغ، ئورمان يېرى، پەلەمپەي ئېتىز، قايما توسمىلار رەتلىك بولۇپ، باش كۈزدىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. يول ئۈستىدە شى جىنپىڭ ۋاقتىنچە ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ ئېتىز بېشىغا بېرىپ، چۈجگۈن قوناق، تېرىق، كۆممىقوناقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان يۇرتداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئائىلە كىرىمى، داۋالىنىش كاپالىتى، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى سورىدى. گاۋشىگوۋ كەنتىدىكى لۇڭتوۋشەن تېغىنىڭ ئۈستىدە، شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە گاۋشىگوۋ كەنتىنىڭ سېرىق توپىلىق ئېدىرلىق، جىلغا رايونلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: گاۋشىگوۋ كەنتى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنىڭ ئۈلگىسى، سىلەر قەتئىي بوشاشماي ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ يېزا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپسىلەر، ماڭغان يولۇڭلار توغرا. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەش بىلەن خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە بىلەن ئىقتىساد ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يولنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

شى جىنپىڭ گاۋشىگوۋ كەنتىدىن ئايرىلىپ، مىجى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ياڭجياگوۋ ئىنقىلابىي ئەسلىي جايغا كەلدى. 1947-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ مەركەز ئورگانلىرىدىكىلەرنى باشلاپ ياڭجياگوۋ كەنتىگە كېلىپ، بۇ يەردە تۆت ئايدىن ئارتۇق كۈرەش قىلىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشى ۋە غەربىي شىمال جەڭ مەيدانىغا قوماندانلىق قىلغان، يەر ئىسلاھاتى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «دېكابىر يىغىنى» ئېچىلغان ئەسلىي جاي، ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى، جوۋ ئېنلەينىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئىنقىلابىي تارىخنى ئەسلەپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ياد ئەتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسەت ۋە تەدبىر پارتىيەنىڭ جېنى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلىشى، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى ۋە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، پارتىيەمىز ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئىشنىڭ بىخ ھالىتىدىلا ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلىپ، ھەم رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەم ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نىشان-ۋەزىپە، سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقتى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزم ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىش، دەۋرنى ئىگىلەش، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قىزىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

9-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سۈيدې ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەسلىي جايىغا بېرىپ، بۇ ئەسلىي جاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە قىسمەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قويۇق تۈسكە ئىگە ئىنقىلابىي تارىخنى ئەسلىسەك، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ «پارتىيەنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش»تا چىڭ تۇرغانلىقى، «ئەڭ كۆپ ساندىكى ئەمگەكچى خەلق تەرەپتە تۇرۇش»تا چىڭ تۇرغانلىقى، «ھەقىقىي تۈردە پۇقرالارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇش»تا چىڭ تۇرغانلىقى مۇھىم، زور تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلىشى خەلقنىڭ قەلبىنى مايىل قىلغانلىقىدىن، مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ بىز تەرەپتە تۇرۇشنى قەتئىي تاللىغانلىقىدىن بولدى. بىز ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇشىمىز، بىرلىكتە ئويلىشىمىز، بىرلىكتە ئىشلىشىمىز كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ سۈيدې تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە كەلدى، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دەرسخانىلارغا كىرىپ، تەنتەربىيە مەيدانىغا كېلىپ، ساۋاقداشلارنىڭ خەتتاتلىق مەشىقى ۋە تەنتەربىيە چېنىقىشىنى كۆردى، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى، بۇنىڭ ئاساسى مائارىپتا. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى مائارىپتا. بىزنىڭ مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى مەقسىتىمىز خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئاساسىي بازىسىلىق رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولغان ئوقۇش يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. ئاخىرىدا، شى جىنپىڭ ساۋاقداشلارنى گۈزەل ۋاقتىنى قەدىرلەپ، ئۆزىنى تەربىيەلەپ ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ روھنى تاۋلاپ، ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپ، دۆلەتكە، خەلققە، جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

شەنشىنىڭ تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيەت مىراسلىرى مول. شى جىنپىڭ سۈيدې ناھىيەلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ، تاش ئويما، سۈيدې ئامانلىق مەكتۇپلىرى، قەغەز قىيما، خەلق قوشىقى، لاي ھەيكەل قاتارلىق كۆرگەزمىلەرنى كۆرۈپ، شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. كۆرگەزمە سارىيى سىرتىدا شىمالىي شەنشى ياڭگىر ئويۇنى كۆرسىتىلىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى ئاممىدىن ئەھۋال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سۈيدې سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن مۇھىم جايلارنىڭ بىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقى مول بولۇپ، مۇنەۋۋەر ئەل ئىچى سەنئىتىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىمالىي شەنشى خەلقىنىڭ قىزغىنلىقى، ئاددىي-ساددىلىقى، مەردانىلىكىنى نامايان قىلدى. ئەل ئىچى سەنئىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، ئەجدادلار قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ گۆھەرلەرنى ياخشى قوغداش، ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ياخشى پايدىلىنىش تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ ئۇلىنىش نۇقتىسىنى تېپىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

سۈيدې ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان جاڭجيابيەن بازىرىنىڭ خاۋجياچياۋ كەنتى سۈيدې ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقىغان بىر ئۈلگىلىك كەنت بولۇپ، «ھەممە كەنت خاۋجياچياۋدىن ئۆگىنىش، ھەممە ئادەم ليۇ يۈخۇدىن ئۆگىنىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق چوڭ ئىشلەپچىقىرىش دولقۇنىنى قوزغىغان. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خاۋجياچياۋ كەنتى خاس كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت قىياپىتى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنە» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. 9-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، كەنت تارىخى كۆرگەزمىسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، بۇ «قىزىل تاغلىق كەنت»نىڭ شەرەپلىك ئىنقىلابىي تارىخى ھەمدە ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىسى خوۋ جىرۇڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنى يوقلىدى. خوۋ جىرۇڭ ئائىلىسى ئىلگىرى كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ياردەم بېرىشى-يۆلىشى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ 2016-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلانغانلىقىنى، جان سانىڭلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆرۈپ، مەن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. يۇرتداشلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر ئېغىشمايدىغان ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى، كوممۇنىستىك پارتىيە بۇ ئىشنى ياخشى قىلىپ، داۋاملىق ياخشى جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

كەنتتىكى مېۋە-كۆكتات پارنىكى بازىسىدا، شى جىنپىڭ بۇ كەنتنىڭ كەسىپ يىرىك پىلانىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، پارنىكقا كىرىپ ئۈزۈملەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. كەنت ئۆزئارا ياردەم بېرىش بەخت ھويلىسى، كەنت سەھىيە پونكىتىدا، شى جىنپىڭ كەنتتىكى ياشانغانلار، داۋالاش ۋە پەرۋىش خادىملىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خاۋجياچياۋغا كېلىپ، مەن چوڭقۇر تەربىيە ۋە ئىلھام ئالدىم. تاغ جىلغىلىرى ئارىسىدا بېيىش يولى تېپىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشتە ياخشى سىياسەتكە، ئادەملەرنىڭ تىرىشچانلىقىغا، تەبىئەتنىڭ ياردىمىگە تايىنىپسىلەر. بۇ جايدىكىلەر قىلالىغاننى باشقا جايلاردىكىلەرمۇ قىلالىشى كېرەك. مۇھىمى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەھۋالنى توغرا ئىگىلەپ، مەسىلىنى تولۇق چۈشىنىپ، چارە تېپىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تىپلارنىڭ يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ياچېيكىسىنى ياخشى قۇرۇپ، باشلامچىلارنى ياخشى تاللاپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: مەيلى ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدىكى چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىدە بولسۇن ياكى يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بولسۇن، خاۋجياچياۋلىقلار باشتىن-ئاخىر تىرىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق ياراتتى. سىلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن باشلامچى بولۇپ، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، تىرىشىپ خاۋجياچياۋ كەنتىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نەمۇنە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.